ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تۈزۈمى.
بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىلەشتۈرۈش، مەكتەپ ئىجدىمائىي مۇقىملىق، ئۇنۋىرسال تەرتىپكە سېلىش ۋە بىخەتەر ئوقو-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىغىر ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ مەكتىپىمىزدىكى سىنىپلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ ئۈنۈملۈك ھالدا ھەرخىل ئۆلۈش، يارلىنىش ۋەقەلىرىنى كونتىرول قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ «ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قائىدە-نىزامنى تۈزۈپ چىقتۇق»:
1- پەۋقۇلادە ئەھۋال بولسا دۈجۈرنى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ دەرھال ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ ئەھۋالنى ئەينەن ئۇقتۇرۇش.
2- يەر تەۋرەش، ئۆي-سىنىپلار ئۆرۈلۈش، تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بىرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قوللىنىدىغان تەدبىر؛
1) ئۆز ۋاقتىدا ئادەم تەشكىللەپ ئوقوغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش، ئوقوغۇچىلارنى تەشكىللەپ بىخەتەر چېقىش ئىغىزىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىن تولۇق ئايرىلىش، ئەگەر بىخەتەر چىقىش ئىغىزى ئىتىلىپ قالغان ئەھۋالدا بەلگە ئورايدىغان تاسما ئارقىلىق بىنادىن تىز سۈرئەتتە سىيرىلىپ چۈشۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مائارىپ ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تىلفۇن قىلىش، 119نۇمۇر ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە خەۋەر قىلىش.
ئۆز ۋاقتىدا خەتەردە قالغان ئوقوغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش، شۇنداقلا يارىلانغان ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش، مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى- ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ قۇتۇلدۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئازايتىش.
2) دەل ۋاقىتىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىن قىچىپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەندە پارتا ئاستىغا كىرۋېلىش ئارقىلىق ۋەقە كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
3- يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، گاز، كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە قوللىنىلىدىغان تەدبىر؛
1) قۇتقۇزۇش خادىملىر يىتىپ كىلىشتىن ئاۋۋال زەھەر قايتۇرۇش بىلىملىرىنى قوللۇنۇپ، زەھەرسىزلەندۈرۈش، خەتەر نىسپېتىنى ئەڭ تۆۋەن باسقۇچقا يەتكۈزۈش.
2) زەھەرلىنىش سەۋەبىنى ئىنىقلاپ زەھەر مەنبەسىنى تىز سۈرئەتتە تىپىپ چىقىش ۋە يىقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش.
3) دەل ۋاقتىدا زەھەرلىنىش مەنبەسىنى تىپىپ چىقىپ ئۈزۈل-كىسىل ئۈزۈپ تاشلاش، زىيانكەشلىككە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
4- مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ پىچاق ئىلىپ يۈرۈشى، ھاراق ئىچىشى، تاماكا چىكىشىنى قاتتىق مەنئي قىلىدۇ. بۇنداق ھادىسىلەر كۆرۈلسە ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلىش، تەنقىد ئىلىپ بىرىش لازىم. پىچاق ئاسقان، ھاراق ئىچكەن ئوقوغۇچىلارنى مەكتەپكە مەلۇم قىلمىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا مەكتەپ تىگىشلىك مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ.
5- ئوقوغۇچىلار تەجىرىبىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زىيانلىق، زەھەرلىك، كىسلاتالىق، پارتىلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە بولغان نەرسىلەردىن ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6- مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقوغۇچىلارنى زىيانلىق، زەھەرلىك، خەتەرلىك، ئۆز قۇربىتىدىن ئىغىر بولغان تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرش مەشغۇلاتلىرىگە ۋە ئىجدىمائي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىقى لازىم.
مۇۋاپىق بولمىغان تۈردىكى پائالىيەت ۋە ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇماسلىقى.
ئەگەر بىرەر ئوقوغۇچىدا تۇيۇقسىز كىسەللىك ياكى تاسادىبىي زەخمىلنىش كۆرۈلسە ئالدى بىلەن دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللۇنۇپ ئاندىن مەلۇم قىلىشى كېرەك.
7- تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، ئەمگەك-تىخنىكا دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەلىي مەشغۇلات ياكى ئەملىيەت دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۈسكۈنە ئەسلىھەلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشى، مەسىلە بار ياكى مەسىلە كۆرۈلۈش ئىھتىمالى بار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى، ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئەھۋالىغا قاراپ ھەرىكەت، پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ساغلاملىققا زىيانلىق ھەرىكەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىقى لازىم. ئوقۇتقۇچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈرلۈك تورنىك ئويناش ۋە ئاتلاش، سەكرەش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش لازىم. پەۋقۇللاددە ئەھۋالدا ساغلاملىققا زىيان يىتىپ مەسىلە كۆرۈلسە دەرھال ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ئىشلىتىش لازىم. سىنىپ مۇدىرلىرى دائىم ئوقوغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشى، بىخەتەرلىك ئىستىراخۇانىيسىگە ئاڭلىق قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىشى، قاتناش قائىدىسى، تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشى، دۈجۈرنىلەر چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋە مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىينكى ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى پائالىيتى ۋە مەكتەپ ئالدىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىشى لازىم.
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەر، سىنىپ مۇدىرلىرى، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مەكتەپ مۇدىرىلىرى دەرجىمۇ-دەرىجە تۇتۇشى، قاتلاممۇ- قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى مەسئۇليەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ مەكتەپ ئىچىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.