خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تۈزۈ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سھىرھ2012-12-13 19:02

 

چارەك بازار مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ياتاق بېناسىدا ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تۈزۈلگەن بىخەتەرلىك ھۆددە-مەسئۇلىيەتنامىسى
 
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش –قىلىنماسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى،بىخەتەرلىكى ۋە خىزمەت ئاكتىپچانلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،مەكتەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تەكرار دوكلات سۇنۇپ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق مەسلىسى ئىزچىل ھەل قىلىنماي كەلگەن ئىدى،نۆۋەتتە مائارىپ ئىدارىسى،ئوتتۇرا مەكتەپ،مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ پىكىر بىرلىككە كېلىشى ،خىزمەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە بۇ مەسىلە ھەل قىلىندى.بىز ياتاقتا يېتىپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياتاق باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ مەسئۇلىيەتنامىنى تۈزۈپ چىقتۇق،ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنامىدىكى تەلەپلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى سورايمىز.
كونكىرىت ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1.ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ياتاق بېناسىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك.
2. ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بېناسىغا مەسئۇل خادىملارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ سىرتتىن باشقا كىشىلەرنى ياتاق بېناسغا ئېلىپ كىرمەسلىكى، قوندۇرماسلىقى كېرەك(ئۇرۇق-تۇغقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )
3.ياتاققا كىرىش-چىقىش ۋاقتىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى،كەچلىك ياتاق بېناسىنى تاقاش ۋاقتىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى،ياتاق باشقۇرغۇچىلارغا ئاكتىپ ماسلىشىشى لازىم.(كىرىپ-چىقىش ۋاقتىنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق باشقۇرغۇچى خادىملىرى بېكىتىدۇ)
4.ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ياتاققا ھاراق ئىچىپ كەلمەسلىكى،ياتاق بېناسىدا ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش،دىننىي پائالىيەت بىەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى ۋە مۇقىملىققا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى لازىم.
5.ئەر-ئاياللار ياتاق بېناسىدا ئۆزئار بېرىش-كېلىش قىلماسلىقى،ياتاقتىن چىقىشقا توغرا كەلگەندە كىيىنىش ،تەققى-تۇرقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
6.ياتاق بېناسى كارىدورى ۋە مەكتەپ ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىكى،ياتاق بېناسىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى،ياتاق بېناسىنىڭ مال-مۈلىكىنى ئاسرىشى لازىم.
7.ياتاق بېناسىدىكى توك يوللىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ۋە يۇقرى بېسىملىق ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك كۈتۈلمىگەن بىخەتەرلىك ھادىسىسى ۋە ئۆلۈم يېتىم ھادىسسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
8.ياتاقنى ياخشى باشقۇرۇش،ئۆز مال-مۈلىكىگە ياخشى قاراش،قىممەت باھالىق نەرسە كېرەكلىرىنى ياخشى ساقلاپ ئامانلىق دېلولىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماسلىق كېرەك.
9.مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامە 2012-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ،مەسئۇلىيەتنامىنىڭ ۋاقتى ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بېناسىدىن باشقا ئورۇنغا كۆچۈپ چىققانغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولىدۇ.مەسئۇلىيەتنامە ئىككى نۇسخىدىن ئىمزالىنىپ بىر نۇسخىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە يەنە بىر نۇسخىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ساقلىنىدۇ.
 
مەسئۇلىيەتنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر:
ئا:تەرەپ،    چارەك بازار مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ(تامغا)
قانۇنى ۋەكىل ئىمزاسى:ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
 
ب:تەرەپ، ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار:
ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىمزاسى:ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
 
مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانغان ۋاقىت:2012-يىلى12-ئاينىڭ 13-كۈنى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10