خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كەنت ،مەكتەپلەر بىلەن تۈزگەن ھۆددە مەسئۇلىيەتنامە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سھىرھ2012-12-03 13:11

بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ سىستىمىسىنىڭ مۇقۇملقنى ساقلاش ،دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتىكى كەنت ،مەكتەپلەر بىلەن تۈزگەن ھۆددە مەسئۇلىيەتنامە

 
يىتەكچى ئىددىيە :

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ،17-قۇرۇلتاي ئومومى يىغىنلرنىڭ روھى  ؤە«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىددىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يىزىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش ،دىننىڭ سىڭىپ كىرىشنى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەت.

مەخسەت:

يىزىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇقۇملىقىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش ،بۇجەھەتتە  بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى ،ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ،كەنت كومتىتلىرى ،مەكتەپ پارتىيە ياچىكىلىرى بۇخىزمەتكە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتا تۇتىدىغان ھالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەممە تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مائارىپ سىستىمىسىنىڭ جۈملىدىن يىزىمىزنىڭ سىياسى ئىژتىمائى مۇقۇملىقىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇمەسئۇلىيەتنامە تۈزۈپ چىقىلدى .

1-بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى

(1)مەركەزنىڭ (95)7-نۇمۇرلۇق،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 5-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى ماھىيىتىنى ئاساسى قاتلاملارغا چۇڭقۇر تەشۋىق قىلىپ شىنجاڭدىكى ئاساسى خەۋىپ مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە انۇنسىز دىنى پائالىيەتتىن كىلىدىغانلىقىنى بارلىق ئاممىغا چۇڭقۇر ئىگەللىتىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش .

(2)پارتىيەنىڭ مىللى دىنى سىياسىتى ۋە دىنى ئىتقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومومىيۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ،پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ،ئىتتىپاق ئەزالىرى ،كادىرلار ،ئىتتىپاق ئەزالىرى ئوقوغۇچىلار نىمە ئۈچۈن دىنغا ئىشەنسە بولمايدىغانلىقىنى ئاساسى قاتلامغا چۇڭقۇر تەشۋىق قىلىش .

(3)يىزا تەۋەسىدىكى دىنى زاتلارنى تەربىلەش ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ قورامىغا يەتمىگەن ياش ئەۋلاتلارغا دىنى ئىددىيە ،ئىننى ئەقىدىلەرنى سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن ساقلىنىش ،بۇجەھەتتە بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش ،قاتتىق تۈزۈمىنىي يولغا قويۇش .

(4)ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئۆزتەۋەسىدىكى دىنى زات ۋە ئاممىنى ياخشى باشقۇرۇش پەرزەنتلىرىگە دىنى ئىددىيەلەرنى سىڭدۈرمەسلىك ،دىنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا زورلىماسلىق توغۇرسىدا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش .

(5)مەكتەپلەرنىڭ داۋامىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تەلەپ قويۇش ،بولۇپمۇھەرخىل سەۋەپلەربىلەن مەكتەپتىن تىزىپ كەتكەن ئوقوغۇچىلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ مەكتەپكە ئەمەلىلەشتۇرۇش ،كەنىتلەردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ داۋامىنى

قەرەرلىك خۇلاسىلەپ ھەيدەكچىلىك قىلىش .

(6)بازارلق ساقچىخانىنى ماسلاشتۇرۇپ 9يىللىق مەجبۇرىيەت قانۇنى ،مائارىپ قانۇنى ،ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ،قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى ،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئەمەلىلىشىنى كۈچەيتىش .

(7)مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقوتۇش تەرتىۋىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ،ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپكە خالىغانچە كىرىپ مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىېىگە دەخلى يەتكۈزۈش ،ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەش ،ئۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە قانۇنى يول ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش.

 

2-كەنت پارتىيە ياچىكىسى ،كەنت كومتىتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى :

(1) بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان مۇقۇملۇق توغۇرسىدىكى خىزمەتلەرنى ئۆزئورنىدا ئەمەلىلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ،ئۆزئورنىدا تۈرلۈك شەكىللەر ئاقىلىق تەشۋىقات خزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش .

(2)كەنت تەۋەسىدىكى دىننى زاتلارنى تەربىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش نۇرمال دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ،قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەر بىلەن قەتئى شۇغۇللانماسلىق ،بولۇپمۇ ياش قورامىغا يەتمىگەنلەرگە دىنى ساۋاق بىرىش ،دىنى ئىددىيەلەرنى سىڭدۈرۈش ،دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا زورلاش قاتارلىق ناتوغرا ئىشلاربىلەن قەتئى شۇغۇللانماسلىق توغۇرسىدا تەربىيەنى كۈچەيتىش .

(3)كەنت تەۋەسىدىكى ئائىللەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ،ئائىلىسىدە قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق ،پەرزەنتلىرىنى دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندۇرماسلىق توغۇرسىدىكى تەلەپنى كۈچەيتىش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ،بۇجەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بخ ھالىتىدە يوقۇتۇش ، ئىغىر بولسا  بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىگە بىر تەرەپ قىلىش توغۇرسىدا دوكلات يوللاش .

(4)تەتىل ،دەمئىلىش كۈنلىرىدە كەنت تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ياخشى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش . تەتىل دەمئىلىش كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ مۇقۇملۇق ،بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە تولۇق مەسئۇل بولۇش .

(5)كەنت تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ داۋامىغا مەسئۇل بولۇش .مەكتەپ بىلەن يىىندىن ماسلىشىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ داۋامىنى تۇراقلاشتۇرۇش ،كەنت تەۋەسىدىكى تىزىپ كەتكەن ئوقوغۇچىلارنى ۋاختىدا مەكتەپكە ئەمەلىلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇش .

(6)ھەرخىل سەۋەپلەربىلەن ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ كەتكەن ئوقوغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئىگەللەپ مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ مەكتەپكە ئەمەلىلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش .

(7)كەنت كادىرلىرى كەمت تەۋەسىدىكى مەسىچىتلار بىلەن ئالاقىلشىپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،بۇجەھەتتە دىنى زاتلارغا تەلەپ قويۇش تەربىلەشنى كۈچەيتىش .

(8)كەنتلەردە مەخسۇس مائارىپقا مەسئۇل كادىر بەلگىلەپ مەسئۇل كەنت كادىرى مەكتەپ بىلەن قەرەرلىك ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش .

3-مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى :

(1)يۇقىرى دەرىجىلك پارتىكوم ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ،دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش توغۇرسىدىكى ھۆججەت ،ئۇختۇرۇشلارنى مەكتەپلەردە ئەمەلىلەشتۇرۇش ،تەشۋىق قىلىش .

(2)قەرەرلىك ،پىلانلىق ھالدا ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنى سىياسى ئۈگىنىش ،سىياسى دوكلاتلارغا تەشكىللەپ ئۇلارغا «ماركىسىزىملىق بەش قاراش »تەربىيىسى ،«ئاتئىزىم تەربىيىسى »،«ئۈچ تارىخ،بىر ئەھۋال »تەربىيسنى قانات يايدۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ سىياسى مۇقۇملۇق جەھەتتىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتىرىش .

(3)مەزمۇنى مول شەكلى ھەرخل بولغان تۈرلۈك دەرستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ،تىرىشىپ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ مەكتەپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش .

(4)مۇكەممەل بولغان قائىدە تۈزۈم ئورنۇتۇپ ،ئوقۇتقۇچى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دىننىڭ مەلتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مەكتەپلەرنىڭ مۇقۇملۇق خىزمىتىنى تەشكىلى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش .

(5)ئوقوغۇچىلار داۋامىنى چىڭ تۇتۇش ،سىنىپ مۇدىرلىرىغا تەلەپنى كۈچەيتىش كەنتلەر بىلەن قەرەرلىك ئالاقىلىشىپ كەنت تەۋەسىدىكى ئوقوغۇچىلار داۋامىنى ياخشىلاش جەھەتتە ماسلىشىش ،ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ،كەنتلەرنىڭ داۋام ئەھۋالىنى  بازارلىق پارتىكومغا يوللاپ خەۋەرلەندۈرۈش ،ئۈزۈن مۇددەت مەكتەپكە ئەمەلىلەشمىگەن ،قاداق ئوقوغۇچىلارنى ھەل قىلىش جەھەتتە يىزىغا دوكلات يوللاش ،ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش .

(6)مۇقۇمسىزلىق ئەىھۋالى كۆرۈلسە مەكتەپ خىزمىتىنى بىرئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ،مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش .

توختام ئىمزالىغۇچىلار:

 بازارلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى   (تامغا)

كەنت پاتىيە ياچىكىسى    :      (تامغا)      

مەكتەپلەر         :    (تامغا)

 
 
20-يىل 9-ئاي
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10