21-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون پۈتۈن مەملىكەتتىن 2500 نەپەر ئىستۇدېنت كەنت كادىرى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 1-مايدىن 30-مايغىچە تىزىملىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورى (http://www.xjrs.gov.cn) غا چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1983-يىلى 31-دېكابىردىن كېيىن تۇغۇلغان 30 ياشتىن تۆۋەنلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن. يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە مەملىكەتلىك پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ھەمدە دېھقانچىلىققا ئائىت كەسپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
قوبۇل قىلىنغانلار 2014-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالىنىپ، كەنتلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]