ئابلىمىت ئابلىز
ئائىلە ـــ بالىلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچرىشىشىدىكى ئاساسلىق شەكىل ۋە يول. شۇنداقلا بالىلار تەربىيەسىگە ئاساس سالىدىغان ئاساسىي ئورۇن. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، بالىلار يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ ھەممىسىدە ئائىلىگە تايىنىدۇ ۋە ئۈلگە ئالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاتا-ئانا ئۇلارنىڭ بىرىنچى «ئۇستازى» ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئائىلە بالىلارنى ساغلام تەربىيەلەشتىكى مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. بالىلىرىنىڭ ياراملىق، ساپالىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا -ئانا بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مۇشۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانا ئۆزىدىمۇ بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى، گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتكە، سەمىمىيلىك، ھاققانىيەتچىللىكتەك ئىنسانىي روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر، تىلشۇناس ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «سەن بالىلىق بولىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىيەچىسى ئۆزۈڭلا بول». بۇ سۆزدە ئائىلە تەربىيەسى، ئاتا-ئانا ساپاسىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، تۇرمۇشنىڭ رەڭگارەڭلىشىشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى پەرزەنت تەربىيەسىگە بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى توغرىسىدا ئىزدەنمەسلىك، بالىلار بىلەن كارى بولماسلىق، بالىلارنى ئۇرۇپ-تىللاش، ئويۇن -تاماشىنى مۇھىم بىلىش، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىش، ئاجرىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنت تەربىيەسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار جەمئىيتىمىزدە روشەن گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ھەتتا بالىلارنى ئۆزلىرى ئولتۇرغان سورۇنلارغا ئېلىپ بارىدىكەن، سورۇنلاردا ئەر-ئاياللار ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدىكەن. بالىلار ئالدىدىلا تىللىشىدىغان ئەر-ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. مەن دائىم كوچىدا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەت تىللار بىلەن تىللاشقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھەتتا بەزى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلاردىن ھايا قىلماي ئوغۇللار بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كۆرەلمەسلىك، ئۆز بېشىمچىلىق، بېكىنمىچىلىك، پەرىشانلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلالماسلىق، شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق پىسخىك ئاجىزلىقلار ھەمدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسلىلىرى كۆپلەپ سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيەسى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان مەكتەپ تەربىيەسىگە ئارتىپ قويىدۇ. پەرزەنتلەر تەربىيەسىدە مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيتى بار.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە گۇناھنى مەكتەپ، جەمئىيەتكە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بالىلار تەربىيەچىسى سۇن جىڭشيۇ ئەپەندى مۇنداق دېگەن: بالىلارنىڭ كۆزى رەسىم ئاپپاراتىغا، مېڭىسى ئۈنئالغۇغا ئوخشايدۇ. دېمەك، بالىلاردا يوقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئاتا-ئانا ساپاسى ۋە ئەخلاقىدىكى يوقىرىقىدەك مەسىلىلەر «نۇسخا»لىنىپ قالمىدى، دەپ ئېيتالامدۇق؟!
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار تەقلىد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانىنى دورايدىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئەخلاق جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن. شۇڭا داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيەسى ھامان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىسە، بالىلارمۇ قائىدە-يوسۇنلۇق بولىدىكەن. ئاتا-ئانىلار قېرىنداش مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتسە، بالىلاردىمۇ شۇ ئادەت يېتىلىدىكەن.
مەن مۇخبىرلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مەلۇم كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، خەنزۇ، ئۇيغۇر ئىككى ئائىلىنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇزاق يىللاردىن بېرى دوستلۇق گۈلىنى قەدىرلەپ كەلگەنلىكىدەك ئىشنى زىيارەت قىلغان ئىدىم. زىيارەت جەريانىدا بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆزئارا ئىناق، ئىجىل بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بىلدىم. بىر تۇغقىنىم ياش ۋاقتىدا بىر خەنزۇ يولداش بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، تا ھازىرغىچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ كىچىكىدىن ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىپ، ھازىرغىچە دوستلۇقىنى ئۈزۈپ قويماپتۇ. دېمەك، ئاتا-ئانا قانداق ساپا، قانداق ئادەت، ئېسىل ئەخلاق يېتىلدۈرسە، پەرزەنتلەردىمۇ شۇنداق ساپا، ئەخلاق يېتىلىدۇ.
ئاتا- ئانىدا بەلگىلىك ئۆگىنىش ئادىتىمۇ بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار مۇقىم خىزمەت، تىجارەت، پۇلىنىڭ بولۇشى بىلەنلا ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. شۇڭا ئاتا-ئانا پەن -مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ تۇرۇشى، كىتاب -گېزىت ژۇرناللاردىن، تور ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقشۇناسلىق، بالىلار پىسخىكىسى، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئاساستا، تىلشۇناسلىق، كەيپىياتشۇناسلىققا دائىر بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشىدە ياخشى رول ئوينايدۇ. ئاتا-ئانىلاردا مۇئەييەن قانۇن ساپاسىنىڭ بولۇشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ قالماقتا. نۆۋەتتە، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدا، تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سىرت، ئاتا-ئانىلىرىدا بەلگىلىك سىياسىي سەزگۈرلۈك، قانۇن ئېڭىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، بالىلارنى بېقىش، قوغداش، ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىغا زور ياردىمى بولىدۇ.
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنت تەربىيەسىنى مائارىپ، جەمئىيەت تەربىيەسىگىلا تاشلاپ قويۇشى ئاقىلانىلىق ئەمەس. پەرزەنتىدىن قانداق ساپانى تەلەپ قىلسا، ئۆزىدىمۇ بەلگىلىك ساپا يېتىلدۈرۈشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيەسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە، مىللەتكە مەسئۇل بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]