ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق بېسىمىنى يەڭگىللىتىش نۆۋەتتە جەمئىيەت، ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى بېسىمىنى يەڭگىللىتىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلە تاپشۇرۇقى بېسىمى راستىنلا يەڭگىللىدىمۇ؟ مەن بۇ ھەقتە شەھىرىمىزدىكى بىر نەچچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلزىيە ھاكىم مۇنداق دېدى: ئائىلە تاپشۇرۇقى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈنىگە بەش سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە دەرس ئاڭلايدۇ، بۇ بىر كۈندە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئائىلىگە بېرىلگەن تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدۇ، ئەگەر تاپشۇرۇق بېرىلمىسە، ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈنلۈك دەرسنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھەر بىر پەن ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەچكە، تاپشۇرۇق مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئىككى سائەت ئىچىدىلا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ساھىبجامال ساۋۇر مۇنداق دېدى: ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىش ئوقۇتۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئۇسۇل، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئاڭلىغان ھەر قايسى پەن دەرسلىرىنى تېخىمۇ ئۆزلەشتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئائىلىدىكى تەكرار، تاپشۇرۇق ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ مىقدارى ئىزچىل كۆپىيىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل بېسىملارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىدا ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق، مەكتەپكە بېرىشنى خالىماسلىق، تاپشۇرۇقلارنى قەستەن ئىشلىمەسلىك ياكى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بىزمۇ ئامال بار ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇقنى ئاز بېرىپ، دەرسخانىدا كۆپرەك ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپتە بالىلىرى ئوقۇيدىغان ھۆرىگۈل خانىم مۇنداق دېدى: مېنىڭ قوشكېزەك ئىككى ئوغلۇم 6-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيدىغان چاغلاردا ئۇلار تولىمۇ شوخ، كەپسىز ئىدى، يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى تاپشۇرۇقلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كېچە سائەت 11لەرگىچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ، ئەتىسى ھارغىن، روھسىز كەيپىياتتا مەكتەپكە ماڭىدىغان بولدى، ئۇلار بارا-بارا سىرتلارغا چىقىپ ئويناشنى خالىمايدىغان، تاپشۇرۇقلىرىنى تۈگەتسىلا ھۇجرىلىرىغا كىرىپ يېتىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. تاپشۇرۇق بېسىمىنىڭ يېنىكلىشىنى، بالىلارنىڭ ئەركىن، ساغلام چوڭ بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن.
تاپشۇرۇقنى كۆپلەپ بېرىش ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى ياخشى ئىگىلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمەس، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق بېرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ تاپشۇرۇق بېرىپ، ئۇلاردا ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان، ئۆگىنىش قىلىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.