خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟(2)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-21 12:13

 
مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟


    مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىككى نەرسە ئارقىلىق بەلگۈلىنىدۇ. بىرى: ئادەملەرنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى؛ يەنە بىرى مائارىپنىڭ ئىختىزادى شارائىتى. مەن مائارىپنىڭ ئىختىزادى شارائىتى توغىرىسىدا ئالدىنقى تىمىدا ئالاھىدە ئوتتۇرغا قويدۇم. دۆلەتنىڭ ئىختىزادى تەرەققىياتى ۋە ئىختىزادى كۈچىنىڭ ئېشىشغا ئەگىشىپ  مائارىپنىڭ شارائىتى كۈندىن-كۈنگە ياىشىلىنىۋاتىدۇ. ئۇقۇيدىغانلا بولسا شارائىت دىگەن بار بولدى. ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان ئىھتىياج مەسىلىسى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈزىنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىنى بىلىشتە ئىپادىلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى باشقا مىللەت، رايون ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مائارىپقا ئېھتىياجلىق. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ مىللى كارخانىچىللىرىمىز بۇ نوختىنى تۇنۇپ يىتىۋاتىدۇ. لېكىن باشقا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىھتىياجىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ.
     قوساق توق كىيىم پۈتۈن بۇلۇش مەسىلىسى ھەل بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى. لېكىن بۇ مەسىلە ھەل بۇلۇپ ئاساسەن ھاللىق سەۋىيىگە قاراپ كىتىۋاتىمىز. دىمەك كىشىلەرنىڭ قوساق ۋە كىيىمگە بولغان ئېھتىياجى ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئىھتىياجى بىلىم ۋە تەخنىكىغا يۇرۇشۇش بۇلۇش ئىدى.  چۈنكى جاھان كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. يىڭى تەخنىكا ۋە يىڭى ئىجادى مەھسۇلاتلار كۈنىگە يىڭىلىنىۋاتىدۇ. بۇ تەخنىكا ۋە ئىجادى مەھسۇلاتلاردىن كىشىلەر بىمالال پايدىلىنالىشى ھەتتا ئۈزى ئىجادى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالىشى كىرەك ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ بىلىم ۋە تەخنىكا ئىگەللەشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى يۇقۇرى بۇلۇشتا ئىپادىلەنسە بۇلاتتى. ناھايىتى ئەپسۇس لېكىن يەنىلا بىرقىسىم كىشىلەردە ئۇنداق بولماي قالدى. ئۇقۇمايمۇ پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ، ئۇقۇمايمۇ جان ساقلىغىلى بۇلىدۇ دەيدىغان ئىدىيە ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ مىڭىسىدە ھۈكۈمرانلىق ئۇرۇننى ئىگەللەۋاتىدۇ. قىسقىسى ئىلىم-پەننىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىلىدغانلارنىڭ سانى زور ئەمەس.
    مائارىپ شارائىتى ياخشىلاندى لېكىن كىشىلەرنىڭ مائارىپ قارىشدا ماس ھالدا ئىلگىرلەش دىگەندەك يۇقۇرى ئەمەس. بىرسى دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىدىن گۇمانلانسا بىرسى ئۇقۇتقۇچىلاردىن گۇمانلاندى. بىرسى مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن گۇمانلانسا بىرسى ئائىلە باشلىقلىرىدىن گۇمانلاندى. بىرسى ئۇقۇپ كادىر بۇلۇشنى ئويلىسا بىرسى ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىردى. ئىشقىلىپ بانا سەۋەپ تېپىلىپلا تۇردى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بىزنىڭ بىرقىسىم دانالىرىمىز ئىلمى توغىرا بولغان تەربىيىلەشنى ئاساس قىلماي ھەدىسىلا ‹‹ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس››؛ دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ؛ دىگەندەك بانالار بىلەن مائارىپتىكى ‹‹ئاجىز ھالقىلارنى›› جېنىنىڭ بىرىچە گەۋدىلەندۈرۈپ تېپىشقا ئۇرۇنۇپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي يۈرگەن ئاشۇ خەلقىمىزنى گاڭگىرتىپ قۇيۇشقا ئۈلگۈردى. ھەتتا بىر قىسىملىرى چەتئەل مائارىپىنى كۈچىنىڭ بىرىچە كۆككە كۈتۈرۈپ ئۈزىمىزنىڭكىنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسەتتى.
    كىشىلەرنى مائارىپقا بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈشكە، كۈچەيتىشكە، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا، يىتەكلەشكە، ئۇقۇشنىڭ زۈرۈر ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يىتىشكە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئاز قىلدى. لېكىن مائارىپ بۇزۇلۇپ كەتتى، ھازىرقى مائارىپ مائارىپقا ئوخشىماي قالدى، ئۇقۇغانلار ساۋاتسىز قالدى، يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇغانلار ئىشقا ئۇرۇنلىشالمىدى، ئالى مەكتەپ قىزلىرىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى دىگەندەك سۆزلەرنى كۈچىنىڭ بىرىچە كۆپ قىلدى. بۇ خىل ھالەت بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان خاتا قارىشىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. ئۇنداقتا مائارىپ چىكىنىۋاتامدۇ؟ ياق. ئۇنداق ئەمەس. ئۇمۇمى جەھەتتىن ئالغاندا مائارىپ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلدى. ئىلگىرلىدى. لېكىن چىكىنمىدى. ئىچكى كۈچ زىددىيەتنىڭ ئاساسى.  ھەرقانداق نەتىجە كىشىلەرنىڭ شەخسى تىرىشچانلىغىدىن كىلىدۇ. مەن ئالدىنقى قېتىم بىلىمخۇمار ئەپەندىمدىن بىر ئىنكاس ئارقىلىق چەتئەلدىكى نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلەرنى قايەردە ئۇقۇپتىكەن دەپ قەستەن سوردۇم. دىمەك ئاشۇ نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن چەتئەلدە ئۇقۇپ بەزىللىرى شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قازىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىللىرىمىز چەتئەلدە ۋە ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپلەردە شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەردە بۇزۇلۇپ كەتمەي ئۈزىنىڭ ئىززىتى بىلەن ئەلا نەتىجىللىرى بىلەن ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ بەزىللىرى چەتئەلدە بەزىللىرى ئىچكىردە يەنا بەزىللىرى يۇرتلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە زور نەتىجە ۋە ئۇتۇقلارنى قازىنىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۈزى ئىگىلىك تىكلەپ كۆزگە كۈرۈنگەن كارخانىچىلاردىن بۇلىۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ ئەسلى مەخسىدى ئۇقۇغۇچىلارنى مەدىنىيەتلىك ئەمگەكچى قىلىپ تەربىيىلەش. بۇ ھەم ئەقلى ئەمگەكنى ھەم جىسمانى ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرچە ھەممە ئۇقۇغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالىشى مۈمكىن ئەمەس. بىز 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئاساسەن ئۇمۇملاشتۇرۇپ بولدۇق. 12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپقا يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئۇزۇنغا بارماي ئالى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۈتۈشىمىز مۈمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈكۈمەتنىڭ شارائىت يارىتىپ بىرىشى بىلەن مۇھىمى شەخىسنىڭ ئۆز تىرىشچانلىغى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا شەخسنىڭ تىرىشچانلىغى ھەممىدىن مۇھىم. ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ مائارىپىمىز كۈندىن كۈنگە تەرققى قىلىدۇ، گۈللىنىدۇ. تىرىشساقلا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەر قاتارىدىن چۇقۇم ئۇرۇن ئالالايدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار