خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپىمىز ھەققىدە خىيال

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-21 12:00

 
مائارىپىمىز ھەققىدە خىيال
مائارىپىمىز ھەققىدە خىيال

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىزىم مېنى بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرىس ئاڭلاپ كېلىشكە چاقىردى. قىزىم قەشقەر شەھەر شامالباغ بازىرى قۇرۇق تېرەك باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇيتتى. مەن ئەتتىگەن بىرىنچى سائەتلىك ماتېماتىلا دەرسىگە بېرىپتىمەن، دەرىس جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش قابىلىيىتى، ئۇسۇلى، بىلىمى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن خېلى قايىل بولدۇم. بۇ ئوقۇتقۇچى يېڭىدىن ئالماشقان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىشقىلىپ ھەر تەرەپلەردىن ماڭا بەرگەن تەسىرى خېلى ياخشى بولدى. دەرىس تۈگىگەندىن كىيىن بىز مەكتەپ مۇدىرى ياش ئۇستاز ئابلەتجان ئوبۇلقاسىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىگى ۋە ئاتا - ئانىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. پائالىيەت داۋامىدا ئابلەتجان مۇدىر ئاتا - ئانىلارغا مەكتەپنىڭ ئۇل - ئسلەھە قۇرۇلۇشى چە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ چۈشەنچە بەردى.
بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى ئىلگىرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇلتۇردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىۋى شۇنداقلا، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، كېرەكلىك تۈر مەبلىغى بىلەن تەمىنلىشى ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ قىياپىتىدە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە يېڭىلىنىش، زامانىۋىيلىشىش مەنزىرىسى بارلىققا كەپتۇ. ئالاھىدە سورۇنلار ھازىرلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار كۈتۈپخانىسى، ئاساسلىق تىببىي ئەسلەھەلەر بىلەن جابدۇقلانغان ، مۇناسىۋەتلىك خادىم سەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلا سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى،
زامانىۋى سىفىرلىق مۇزىكا دەرسى ئوقۇتۇش ئۆيى،(بۇ يەردە مىللىي چالغۇلىرىمىز ۋە باشقا چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تۈرىمۇ تولۇقلىنىپتۇ.) زامانىۋىي ئەسلىھەلىك گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش ئۆيى، تولۇق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن كومپيۇتېر دەرىسلىگى سىنىپى قاتارلىق بىر قاتار زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىرى تولۇق سەپلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس ئوقۇتۇش ئاكتىپلىغى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلتۇ. كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسە ئادەتتىكى ئىچىملىك تۇرۇبا سۈيىنى ئاپتوماتىك ھالدا سۇ تازىلاش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ 100گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا قايناتقاندىن كىيىن، قاينىغان سۇ يەنە بىر باكقا كىرگۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا 35 گىرادۇسقىچە سوۋۇغاندىن كىيىن، ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھەر بىر قەۋىتىگە تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. بالىلىرىمىز ئۇسسىغاندا سوغۇق سۇ ئىچىۋالارمۇ دەيدىغان ئەندىشە تۈپتىن يوق قىلىنىپتۇ. سىنىپلارنىڭ ھەممىسىگە زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىرى سەپلىنىپتۇ.
ئوقۇچقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپا مەسىلىسىگىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ كەپتۇ. مۇدىر بىزنى بۇ يېڭىلىقلارنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن بىزگە ئېيىتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرى مېنى سەل ئويغا سېلىپ قويدى: « ئوقۇتقۇچى ھەممىگە قادىر ئەمەس، بولۇپمۇ بىز باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ قوشۇنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزدىن ئالىم يېتىشىپ چىقمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىم ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق، كىشىلىك قىممەت قارىشى ۋە كىملىك تونۇتىدىغان دەسلەپكى سورۇن. پەرزەنتى مۇشۇ مەكتەپنىڭ 5-يىللىغدا ئوقۇپ تۇرۇقلۇق ھەتتا پەرزەنتىنى ئوقۇتۇۋاتقان سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىسىمىنى بىلمەيدىغان ئاتا - ئانىغا يولۇقتۇم. كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىن ساقلىماسلىق ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ساقلىنىۋاتقان بىر ئېغىر مەسىلە. بىز سىلەردىن ھېچقانداق ماددىي ۋە باشقا مەدەت تەلەپ قىلمايمىز، پەقەتلا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى قىسقارتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە رەھبەرلەرگە قارىتا تەكلىپ - پىكىر بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنىلا خالايمىز، چۈنكى كەڭ ئاتا - ئانىلار بىزگە ئىشىنىپ، بالىلىرىڭلارنى تاپشۇرغان ئىكەنسىلەر، چوقۇم بىزگە قارىتا نازارەت ئېلىپ بېرىشىڭلار كېرەك. چۈنكى ئادەم مۇكەممەل ئەمەس، ھەركىمدىكى ساپامۇ شۇنداق. ئۇنداق ئىكەن سىلەر دەل بىزدەك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەينىگى ھىسابلىنىسىلەر. بىز سىلەرنىڭ پىكرىڭلارغا ئاساسەن تەرەققىي قىلالايمىز ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە باشقا ئىتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ماڭالايمىز. سىلەرنىڭ پىكىر بەرمەسلىگىڭلار بىزنى شۇنداقلا پەرزەنتىڭلارنى بىر خىل تۇراقلىق مۇھىتقا باشلاپ قويىدۇ، پەرزەندىڭلار ياخشى ئوقۇپ، ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن خۇشاللىقتىن كۆكتە ئۇچسا، شۇ پەرزەنتىڭلارغا قوشۇلۇپ بىزمۇ ئۇچقان بولاتتۇق.....» بىز سىرىتقا چىققاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داش قازانلارنى ئېسىشىپ نېمىگىدۇر تەييارلىق قىلىۋاتقانلىغىنىڭ گۇۋاھى بولدۇق. ئابلەتجان مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار نەۋرۇزلۇق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىشىۋاتقان بولۇپ، نەۋرۇز ئېشى ئېتىش تەييارلىغىنى قىلىۋېتىپتۇ. مەيداندا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كاناي ئارقىلىق«ساۋاقداشلار ئەتە بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىمىزدىن نەۋرۇز بايرىمى كۈنى يېتىپ كەلدى! شۇڭلاشقا بۈگۈن چۈشتىن كىيىن چىرايلىق بايراملىق كىيىمىڭلارنى كىيىپ كەلسەڭلار بۇ مىللىي بايرىمىمىزنى مەنىلىك ۋە خوشاللىق ئىچىدە ھەممەيلەن بىرگە ئۆتكۈزسەك......»
مانا مائارىپ سېپىمىزدە مۇشۇنداق جانلىق خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتمىغان ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان كۆيۈنۈشىنى مۇشۇنداق خىزمەتلىرىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىزمۇ كەم ئەمەس، شۇلارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كەڭ ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنى مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويۇپلا ھېچقانداق ئىش بىلەنكارىمىز بولماستىن ئۆز پائالىيەتلىرىمىز بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنىۋەرسەك پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىنى نەگە باشلاپ قويغان بولىمىز؟ ھەممىگە ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى ئىگە ئەمەستە. مۇشۇنداق قوللاشقا تېگىشلىك تەرەپلەردە قوللاپ قويساق....
بەزى خاسلىقلىرىمىزنى ئەشۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بىلەن يېقىندىن بىرلىشىپ ساقلاپ قالساقمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا كەڭ ئاتا - ئانىلار مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسەك.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار