خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-14 15:58

 
مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟
 
مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟

    مەن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مائارىپىمىزنىڭ چىكىنگەنلىگى ۋە ياكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مائارىپىغا يىتەلمەيۋاتقانلىنى قەيت قىلىپ يازغان ماقالىلىرىنى، ئىنكاسلىرىنى كۈرۈپ كۆڭلۇم بەكمۇ غەش ھەم پەرىشان بولغاندىن سىرت ئۇزۇندىن بۇيان زادى مائارىپىمىز چىكىندىمۇ راس دىگەن خىياللار مىنى ئۈزىگە چەمبەرچاس باغلىۋېلىپ مىنى بەكمۇ بىئارام قىلدى.ھەمدە مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى بىر قۇر سىرداپ چىقىش ئىستىگى بىلەن تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ئەپسۇس بۇنداق يازمىلار مەندىن قېچىپ يۈردىمۇ ئىش قىلىپ مۇنداق يازمىلارنى تېپىپ بۇلالمىدىم. لېكىن يەنىلا بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ئۆز ھالىمغا يارىشا ئىزدىنىش ئىستىگىمدىن ھېچ بىر يانالمىدىم. ئاخرى مەن بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇستازلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.ئوخشاش بولمىغان توپلار ئارىسىدىن بىرقانچە پىشقەدەم ئۇستازلار بىلەن پاراڭلاشتىم.سۆھبەتلەشتىم. بىرقانچە يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئاڭلىغان، قىسقا ماتىرياللارنى ئۇقۇپ ئىسىمدە قالغان، شۇنداقلا پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغان دەلىللىرىگە ئاساسەن مائارىپ چىكىندىمۇ دىگەن سۇئاللارغا قىسقىچە جاۋاپ تاپقاندەك ھېسسىياتقا كىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىدىدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. راس گەپ قىلىش مىنىڭچە گۇناھ ئەمەس. مەن يازغۇچى پەيلاسوپمۇ ئەمەس. تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس. پەقەت ئاددىغىنا بىر ئۇقۇتقۇچى. ئاددى بىر ئادەم بەرىبىر ئاددى گەپ قىلىدۇ. مەسىلىلەرگە ھەقىقەتەن ئاددى قارايدۇ. لېكىن مائارىپىمىز چىكىندى دىگەن گەپنىڭ ئۈزى ئاددى گەپ ئەمەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ كەڭ دائىرلىك پىكىر قىلىپ بېقىشىنى سۇرايمەن.
    بىر ئىش ۋە ھەركەتنىڭ چىكىنگەنلىگى ۋە تەرەققى قىلغانلىغىنى پەقەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەنلا ھۈكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىرى تارىخنى سىرداپ كىلش: يەنا بىرى بىرلا ۋىىتتىكى ئوخشاش بولغان باشقا بىر ئىش ھەركەتنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھۈكۈم قىلىش. مەن تۇۋەندە مائارىپ چىكىندىمۇ-قانداق دىگەن مەسىلىگە قارىتا تارىخنى سىرداپ كىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھۈكۈم قىلىپ باقاي. ئۇنداقتا مەن ئالدى بىلەن تارىختىكى مائارىپ ئەھۋالىنى تۈۋەندىكىدەك بۇلەكلەرگە بۈلۈپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي.
1. ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى مائارىپ. بۇ ۋاخىتىكى مائارىپ ئەسلىدىكى دىننى مائارىپ ئاساسىدىكى دىن بىلەن پەن بىرلەشكەن مائارىپ بۇلۇپ بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئەخلاقنى ئەڭ ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قويغان بۇلۇپ تەخنىكا بىلەن بىرلەشتۇرۇلمىگەن ھەمدە ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئۇمۇمى خەلىق مائارىپى بۇلالمىغان بولغاچقا ئۇقۇغانلارنىڭ ئۇمۇمى ئاھالە ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ئىنتايىن تۈۋەن. ئۇمۇمى خەلىق مائارىپى ئەمەس. دىمەك بۇ مائارىپنى گۈللەنگەن مائاىپ دىيىشكە بولمايدۇ.
2. ئازاتلىقتىن باشلاپ مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتىكى مائارىپ پەننى مەكتەپلەرنى مۇتلەق ئاساس قىلىغان پەن بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن مائارىپ بۇلۇپ بۇ خىل مائارىپ مەكتەپلەر مائارىپى ۋە كەچ-كۇرۇسلار مائارىپى يولغا قۇيۇلۇپ، ئۇمۇمى خەلىق قاتناشقان مائارىپ بولسىمۇ لېكىن ئۇقۇتۇش شارائىتى ناچار، ئۇقۇتۇش ماتىريالى كەم بۇلۇش سەۋەپلىك نۇغۇن ئۇرۇنلار باشلانغۇچ سەۋىيىدە ئۇقۇش ۋەزىپسىنى تاماملاپ بولغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ساۋادى چىقسا ۋە تۆت ئەمەلنى بىجىرەلىسىلا بىلىملىك كىشى ھىساپلانغان. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىلا ئالى-ئوتتۇرا تەخنىكا مەكتەپلىرىدە ئۇقۇيالغان. مۇشۇنداق بولغاچقا نۇرغۇن كەسپى خادىملار باشلانغۇچ مەكتەپ تۆتىنجى يىللىقلارنى پۈتتۇرۇپلا شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تايانچىلىق روللارنى ئوينىغان. لېكىن ‹‹مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى بىلەن بىرلەشتۇرۇۈش›› پاڭجىنىغا ئاساسەن مەكتەپلەر يېرىم ئۇقۇپ يېرىم ئەمگەك قىلغان بولغاچقا  بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ سەۋىيسى بەكمۇ تۈۋەن. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنى بىر قەدەر ئالغا باستى دىگىلى بولسىمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ.
3.        مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدىكى مائارىپ. مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئاساسەن ‹‹يېرىم ئۇقۇپ، يېرىم ئىنقىلاپ قىلدىغان مائارىپ››؛ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇقۇش پۈتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ %50-40 تىلا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىناتتى. بۇ ۋاختتىكى مائارىپنىمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ. ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار سېسىق توققۇزۇنچى›› دىگەن سۆز شۇۋاخىتتا كىلىپ چىققان. ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار سېسىق توققۇزۇنچى›› دىگەن سۆز چىققان مائارىپنى قانداقمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولسۇن؟
4.مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ 80-يىللارنىڭ ئاخىرغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ بىر قەدەر ئالغا باسقان خاتا ئىدىيىلەر ۋە خاتا نوختىئىنەزەرلەرگە خاتىمە بىرىلگەن، ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مائارىپ بولسىمۇ لېكىن يېزىلاردا يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە كۈتۈرە بىرىش ۋە بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىش، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە(بۇ سىياسەت جۇڭگۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا نىسبىتەن ناھايتى توغىرا سىياسەت) ئە گىشىپ (1) نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى  مەكتەپتىن قاچۇردى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ %80 ۋاختى بالا تۇلۇقلاش بىلەن ئۆتتى.(2) چەتنىڭ ئىلغار پەن تەخنىكىللىرىغا ئىلغار مەدىنىيەتلىرىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا يات بەزى ناچار ئەخلەتلەرمۇ ئىلىمىزغا كىرىشكە باشلاپ بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار ۋە ياشلارنى ئەخلاقى جەھەتتە چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىردى. (3) باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇقۇش پۈتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ %70-60 تىلا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىناتتى. شۇڭا بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنىمۇ تازا گۇللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ.
5. 90-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۇمۇملاشتۇرۇش باسقۇچى بۇلغاچقا ئالدىنىقى باسقۇچلاردىكى مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ياخشى تەرەققى قىلغان مائارىپ دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى تۈلىيەلمەي ئالى مەكتەپ ھاياتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولدى: ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىىتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش›› سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مەكتەپلەر ئۇقۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارنى كۆرسەتكۈچ ۋەزىپە بەلگۈلەپ ھەقلىق ئەمگەككە تەشكىللىدى. بەزى ۋاخىتلاردا ئەمگەك ۋاختى ماۋسۇمدا ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتتى: مەكتەپ رەھبەرلىرى كىم قانداق ئىش بار دىسە دەرىسنى توختۇتۇپ شۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرىدى. ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىيالمىغان سىنىپ مۇدىرلىرى ئىختىزادى جەھەتتىن جازالاندى. ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغان سىنىپ مۇدىرلار مۇكاپاتلاندى. تاپقان پۇلنىڭ %33 تى يۇقۇرغا تاپشۇرۇلدى. قالغان قىسمى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمىتىنىڭ راسخۇتلىرىغا ئىشلىتىلدى: كىتاپلار قىممەت بۇلۇپ كۆپ سانلىق ئۇقۇتقۇچىلار يىلىغا 1000-2000يۇئەنگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پۇلنى ئۇقۇغۇچىلاردىن يىغالماي مائاشتىن تۇتۇپ قېلىندى. ئۇقۇش ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى سىنىپ مۇدىرلار مائاشى ئارقىلىق مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بەردى. دىمەك بۇ يىللاردا ئۇقۇتقۇچىلار قەرىزگە بۇغۇلۇپ خاتىرجەم خىزمەت قىلالمىغۇدەك ھالغا كىلىپ قالدى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنىمۇ تازا گۇللەنگەن، تەرەققى قىلغان مائارىپ دىگىلى بولامدۇ؟.
6. 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ھازىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنى تورغا چىقىۋاتقان ھەر بىرىمىز كۈرۈپ تۇرۇپتىمز.(1) ئۇقۇغۇچىلار كىتاپ پۇلى تۈلىمەي، ئۇقۇش پۇلى تۈلىمەي خاتىرجەم مەكتەپكە كىلىپ ئۇقۇۋاتىدۇ: ياتاقتا ياتقان ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئۆچ ۋاخ تاماقنى، ياتاقتا ياتمايدىغان ئۇقۇغۇچىلار چۈشلۈك بىر ۋاخ تاماقنى ھەقسىز يەۋاتىدۇ، ھەقلىق ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاش مەسئۇلىيىتى يوق، ئالى مەكتەپنىڭ سىفەن خارەكتىرلىك مەكتەپلىرىدە ئۇقۇۋاتقالارنىڭ كۆپ قىسمى ھەقسىز ئالى مەكتەپ مائارىپىدىن بەھرىلىنىۋاتىدۇ، باشقا خارەكتىردىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى، ئۇقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ. بىر تۇتاش قەرىز بىجىرىپ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىندى. ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئۇقۇغۇچى تۇرۇشلۇق ئۇرۇنلارمۇ ئىللىقلىق قۇلىنى سۇنۇۋاتىدۇ، كەسپى مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ ھەقسىز مائارىپتىىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ: ئۇقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشى يىرى ئۇقۇتقۇچىلار ئەمدى ئۇقۇغۇچىلار تۈلىگىلى ئۇنىمىغان كىتاپ پۇللىرى، ئۇقۇش پۇللىرى ھەقلىق ئەمگەك ۋەزىپە پۇللىرى تۈلىمەيدىغان، خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان شارائىت يارىتىلدى. مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئۇقۇتۇش شارائىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تۇلۇقلاپ بىرىلدى. مەكتەپلەر ئاشخانا ياتاق شارائىتىغا ئىگە قىلىندى، ئۇقۇتۇش، ئىش راسخۇتلىرى يىتەرلىك دەرىجىدە مەكتەپلەرگە چۈشۈرۈپ بىرىلدى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھەقسىز مائارىپتىن بەھىرلەندى. مەيلى قانداق مەكتەپ قانداق تۈردىكى ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ شۇ مەكتەپتە خاتىرجەم ئۇقۇش. ئۇقۇتقۇچىلاردىمۇ قانداق مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق، ياراملىق تەربىيىلەش. ئاتا –ئانىلار قانداق ئادەم قانداق خىلدىكى كىشى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇق بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ پەرزنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش. مانا بۇنى جۇڭگۇ تارىخىدىكى گۈللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان مائارىپ دەيمىز. ھازىر مائارىپتا پەقەت مەسىلە يوقمۇ؟  بار. بۇ مەسىلە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە كۆپ بۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بۇلۇشى. مانا بۇ نىگىزلىك مەسىلە. ئادەم كۆپ بولسا ياخشىمۇ كۆپ ناچارمۇ كۆپ بۇلۇدۇ. قالغىنىنى ئۈزۇمىز يەنىلا چوڭقۇر ئويلۇنۇپ باقايلى.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار