خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-12-12 14:53

 
بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!

بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!
 
يىقىندىن بېرى مەيلى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بولسۇن ياكى تاراتقۇلار خەۋىرىدە بولسۇن، بىت تەڭگىسى يېڭى بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، ھەتتا دۇنيادىكى ئىشلار پروگراممىسىدىمۇ بۇ بىت تەڭگىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. بىزمۇ بۇ يەردە ئازىراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق! 
ئەڭ ئالدى بىلەن «بىت تەڭگىسى دېگەن نېمە ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب:
بىت تەڭگىسى، ئىنگلىزچىسى Bitcoin، قىسقارتىپ يېزىلىشى : BTC، پۇل بەلگىسى : ฿، ئۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئابونىت ئۆزى ياسىغان، خەلقئارادا بىردەك ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخپىيلەشتۈرۈلگەن مەۋھۇم پۇل. ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى 2008– يىلى ياپونىيەلىك Satoshi Nakamoto ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ئوچۇق، باراۋەر، بىرلىككە كەلگەن، بىۋاسىتە قاتنىشىش ئىدىيىلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ۋە مەخپىي شىفىر بۆلىكىنىڭ خىزمەت پرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، P2P باراۋەت تورى ۋە تارقىلىشچان سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىت تەڭگىسىنى ئېچىش، سودىلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان. ئۇنىڭ سىستېمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئابۇنتلار بۆلىكىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنىڭ تارقىتىش، باشقۇرۇش، سودىلىشىش باسقۇچلىرىنىڭ باراۋەر، بىخەتەر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بىت تەڭگىسىنىڭ ئومۇمىي سانى ئەسلىدىكى پروگراممىدا ئالدىن بېكىتىلگىنى بويىچە بارا – بارا ئازىيىپ 2140– يىلىغا بارغاندا 21 مىليونلۇق ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپ بولمايدۇ. تۆۋەندە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىت تەڭگىسى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئاددىيراق ئۇسۇلدا چۈشىنىپ باقايلى :
1.بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ: مەسىلەن سىز بارلىق ئىقتىسادىڭىزنى دوللار ياكى خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ يىغسىڭىز ئاشۇ پۇلنى تارقاتقان ئورگاننى شۇ پۇلنىڭ مەركىزى دەپ بىلسەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئورگان ۋەيران بولۇپ يوقالسا سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇنداق ئەمەس، يەنى سىز «بىت پۇلى گۇرۇھى» نىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق بىر ئورگان مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت دۇنيادا باشقا بىر ئادەم ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان بولسا سىز بىت تەڭگىسىنى ئىشلىتەلەيسىز. مىسال كەلتۈرسەك : بىز ئىشلىتىۋاتقان پۇللارنى مەلۇم بىر تور بېكەتتىن چۈشۈرسەك بولىدۇ دەپ قارىساق ئەگەر ئۇ بېكەت تاقىلىپ قالسا سىز داۋاملىق چۈشۈرەلمەيسىز دېگەن گەپ، ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق نەرسە چۈشۈرىدۇ، خالىغان بىر ئادەم شۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ باققان بولسا سىزمۇ چۈشۈرەلەيسىز دېگەن گەپ، بېكەت مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
2. بىت تەڭگىسىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇقىم بولىدۇ: بىت تەڭگىسىنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 21 مىليون، بۇ ئاشۇ بىت تەڭگىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پروگراممىغا مۇقىم يېزىۋېتىلگەن بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئالدىدا ئېيتقاندەك بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بىت تەڭگىسىنى ياخشى بولغان كاپالەتكە ئىگە قىلغان، بەزىلەر ھەتتا بىت تەڭگىسىنى ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ.
3. بىت تەڭگىسىنى پارچىلاشقا بولىدۇ : خۇددى بىز ئادەتتىكى پۇلنى بىر مو ھەتتا بىر سىنت دەپ كىچىك بىرلىك بىلەن ئاتىغانغا ئوخشاش بىت تەڭگىسىنىمۇ پارچىلاشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇ بىر مەۋھۇم پۇل، شۇڭا پارچىلاش ئۇسۇلى ئالاھىدىرەك، مەسىلەن : mBTC نى ئىشلىتىپ پارچىلاش (0.001 BTC = 1 mBTC)، دېگەندەكلەر.
4. بىت تەڭگىسىنى سودىلىشىش ناھايىتى قۇلايلىق : مەيلى سىز دۇنيانىڭ قايسى ئورنىدا بۇلۇڭ، تور ئارقىلىق خالىغان ئادەم بىلەن بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلىشالايسىز، خۇددى ئەلىپاينى ئىشلىتىپ توردىن مال سېتىۋالغاندەك. ئەلۋەتتە ئۇ بىت تەڭگىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم، بولمىسا يەنىلا خەلق پۇلى ياكى دوللار بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
5. بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلاشقاندا ھەر قېتىمغا 0.0001BTC ھەق ئېلىنىدۇ، ئادەتتە سىز چوقۇم ئابۇنتلار تېرمىنالى ئارقىلىق سودىلىشىسىز، ھەم بۇ تېرمىنال ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولىدۇ، شۇڭا بۇ رەسمىيەت ھەققى بىت تەڭگىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تور بايلىقنى ئاسراش ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىدۇ.
بىت تەڭگىسى پورتمالى
سىز ئادەتتە بىت تەڭگىسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئابۇنتلار تېرمىنالى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ تېرمىنال ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنى باشقىلارغا تۆلەشكە ھەم باشقىلار تۆلىگەن بىت تەڭگىسىنى قوبۇللاشقا بولىدۇ. تېرمىناللار تۆۋەندىكىچە :
1. Bitcoin-Qt دېتالى
بۇ دېتالنىڭ سىغىمى بەك چوڭ، ئەمما ھەر قانداق مۇھىتتا ئىشلەيدۇ (Windows/Linux/Mac OS).
2. Multibit دېتالى
بۇ دېتال نىسبەتەن بىر قەدەر كىچىك، ئىشلىتىش قۇلايلىقراق، ھەم ھەر قانداق مۇھىتتا (Windows/Linux/Mac OS) ئىشلەيدۇ.
3. ئاندىرويىد تېرمىنالى: Bitcoin Wallet، ئايفون تېرمىنالى: Blockchain
يۇقىرىقىلىرى يانفون تېرمىناللىرى.
سىز يۇقىرىقى دېتالدىن خالىغان بىرنى قاچىلىسىڭىز سىزگە مەخسۇس بولغان بىر ئادرېس ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ. بۇ سىزنىڭ پورتمال ئادرېسىڭىز ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى سىز تۆۋەندىكى ئىككى تور بېكەتنىڭ خالىغان بىرىگە كىرىپ دوللار ياكى خەلق پۇلى خەجلەپ بىت تەڭگىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى توختىماي ئۆزگىرىۋاتىدۇ، پايچىك ئوينىغانغا ئوخشاش ئەرزانلاشقاندا ئىلىپ قىممەتلەشكەندە ساتسىڭىز پۇل تاپىسىز دېگەن گەپ. ئىككى تور بېكەت:
1. BTCChina تورى، مەنزىل : https://vip.btcchina.com/
2. BTer.com تورى، مەنزىل : http://bter.com/
قاتتىق دىققەت : بۇ مەزمۇنلاردىن ئىلھاملىنىپ بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سالسىڭىز خەتىرىنى ھەم بىخەتەرلىكىنى ئۆزىڭىز پەرق قىلىڭ، تەكلىپىم شۇكى ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا مەبلەغ سالماڭ، بىز بۇ يەردە پەقەت يېڭىلىقنى تونۇشتۇرىۋاتىمىز!
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار