خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

surface2 دە ئويۇن ئوينىغاندا ئېكرانىدا كاشىلا كۆرۈلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-12-08 18:33



surface2 دە ئويۇن ئوينىغاندا ئېكرانىدا كاشىلا كۆرۈلدى

surface2 دە ئويۇن ئوينىغاندا ئېكرانىدا كاشىلا كۆرۈلدى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت يېقىندا surface2 تاختا كومپيۇتېرى بەزى ئەپلەرنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا ئېكرانى بىر ئاز قاراڭغۇلىشىۋېلىش كاشىلىسىنى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مەسىلە ئەڭ دەسلەپتە مىكروسوفت تېخنىكا مۇلازىمەت مۇنبىرىدە ئاشكارىلانغان، بەزى surface2ئىشلەتكۈچىلەر بۇ تاختا كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغاندا بۇ ئۈسكۈنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئارقىدىنلا ئېكرانىنىڭ قاراڭغۇلىشىۋالىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان .

بىر ئىشلەتكۈچى مۇندا دېگەن : «مەن مىكروسوفت surface2 تاختا كومپيۇتېرنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى، باشقا ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى، لېكىن مەن Helo : spartan Assault ئويۇنىنى ئوينىغاندا بۇ ئۈسكۈنە بەزى ۋاقىتتا قىزىپ كېتىدۇ، تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ».

مىكروسوفت مۇنبىرىدە يەنە كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان، ئارقىدىنلا مىكروسوفت تېخنىكا ۋەكىلى شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كاشىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكنى، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن .«surface2 تاختا كومپيۇتېرىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئويۇن ئوينىغاندا ياكى CPU غا بولغان تەلىپى يۇقىرى مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا ئۈسكۈنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىپ ئېكرانى ئازراق قاراڭغۇلىشىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن » دېدى بۇ تېخنىكا ۋەكىلى .

بۇ تېخنىكا ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىلانما تارقىتىش ئارقىلىق بولىدىكەن، لېكىن يېڭىلانمىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىغا ھازىرلىقچە بىرنەرسە دېگىلى بولمايدىكەن ئۇ يەنە بۇ خىل كاشىلىغا يولۇققانلارغا surface2 قىزىپ كەتكەندە ئاۋۋال بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ئۈسكۈنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ ئاندىن ئىشلىتىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار