دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە لىكسىيە
دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىپ ، دۆلىتىمىزنى قوغدايلى !
دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى ، زىمىنىڭ كەڭلىكى ، گۈزەل تاغۇ- دەريالىرى ، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئىسىل ئەنئەنىسى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن ، تىخىمۇ مۇھىمى ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باي، قۇدرەتلىك مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت نىشانىغا قاراپ كۆكرەك كىرىپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا . ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تىپىشى ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ھەر تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق. شۈبھىسىزكى، ياخشى ساپاغا ئىگە پۇقرالارنى تەربىيلەش ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
ھەر بىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
ياخشى ساپاغا ئىگە پۇقرالاردىن بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز ، دۆلەت قارىشىنى تىكلىشىمىز لازىم .
دۆلىتىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەنىلىك دۆلەت بەلگىسى ئىسىلغان . دۆلەت بەلگىسى بىر دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋە نامايەندىسى . ھەر قىتىم دۆلەت بەلگىسىگە قارىساق ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان ھۈرمەت تۇيغۇسى تەبىئىي سۈرەتتە پەيدا بولىدۇ .
دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بەلگىسىنىڭ نۇسخىسى ھەيۋەتلىك ، كۆركەم بولۇپ ، ئۇنىڭ مەزمۇنۇ چوڭقۇر . ئۇ بەش يۇلتۇز، تىيەنئەنمىن ، چىشلىق چاق ۋە باشاقلاردىن تەركىپ تاپقان . تىيەنئەنمىن مىللەت روھىنىڭ سىمۋولى . چىشلىق چاق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىمۋولى. بەش يۇلتۇزنىڭ چوڭى ئۇلۇغ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ سىمۋولى . تۆت كىچىك بەش يۇلتۇز خەلق ئاممىسىنىڭ سىمۋولى . تۆت كىچىك بەش يۇلتۇزنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىربۇرجىكى چوڭ بەش يۇلتۇزنىڭ مەركىزىگە ئۇدۇل كەلگەن بولۇپ ، بۇ جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى جوڭگو ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئىلىپ ،دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغانلىقىنىڭ سىمۋولى.
پۈتكۈل دۆلەت بەلگىسى نۇسخىسى يىڭى جۇڭگونىڭ خارەكتىرىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان ، ئىشچى – دىھقانلار ئىتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دىموكراتىيىسى دىكتاتۇرلىقىدىكى دۆلەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا ئىپادىلەپ بىرىدۇ .