دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن قىسقىچە لىكسىيە
1949-يىلى 10-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 64 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقتتىن بۇيان ،جۇڭگۇ خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللقىنى ئەمەلگە ئاشۈرۇپ، كونا جۇڭگۇنىڭ چاك -چىكىدىن ئاجىراپ كەتكەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جۇڭگۇ يىڭى دىمىكوراتىزىمىدىن سوتسىيالىزىمغا ئۆتۈشكە باشلىدى. جۇڭگۇ خەلىقى ئۆز تەقدىرىنى قولغا ئىلىپ،دۆلەتنىڭ گۈللىنىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ ،100يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت تىز پۈكمەي كۆرەش قىلىپ ،جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جاھانگىرلىك،فىئودالىزىم ، بىيۇكىرات كاپىتالىزىمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنىڭ زۇلىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ ،يىڭى دىمكۇراتىك ئىنقىلا بنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى جۇڭگۇ خەلقىنى ئىزىلىش ،قۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئىچىنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇپ ،خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولدى . يىڭى جۇڭگۇنىڭ قۇرۇلىشى جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش بولۇپ ،يىڭى دىمكوراتىزىمىدىن سوتسىيالىزىمغا ئۆتۈشۈشتىن ئىبارەت يىڭى دەۋىر باشلاندى.
جۇڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى-دۇنيا نوپوسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالىنى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ جاھانگىرلارنىڭ كۈچنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى . تارىختا ،ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ ھەر قىتىملىق ئۆزگىرىشى ئۇزاق مۇددەت ئەگرى -توقاي ،قايتا-قايتا تەكرار كۆرەشلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ ،بۈ جۇڭگۇ كوممۇنىستك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ،ئەڭ كەڭ ئىنقىلابى بىرلىكسەپ قۇرۇپ ،ئىتتپاقلىششقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتپاقلىشىپ بىرلىكتە كۆرەش قىلغانلىقى ،ماركىسىزىم ،لىننىزىم ،ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تەجىرىبىلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۈتەجىرىبە-ساۋاقلارنىڭ نەتىجىسىدە سوتسىيالىستك تۈزۈم ئورنىتىلغان بولۇپ ،جۇڭگۇنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. لىكىن ، جۇڭگۇ ھازىر ھەمدە ئۇزاق مەزگىلگىچە سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ ،مانا بۈ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى. بىز ھەممىدە ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىشىمىز يەنى سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشىمىز لازىم .
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ،نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ،ئىلىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ناھا يىتتى زور دەرىجدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .يۇقارقىلاردىن باشقا جۇڭگۇ دۇنيا بويىچە نوپوسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ، بۈ ئىلىمىز سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەھۋالىنىڭ بىرى .
نوپوسنىڭ تۈپ سانى يۇقىرى ،يىڭىدىن كۆپىيىۋاتقان نوپوسى كۆپ ،ئاھالىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇشى ئىلىمىز نوپوسى ھازى رقى ھالىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر . بۈنىڭدىن باشقا يەنە يىزا نوپوسى كۆپ ،ياش قۇرۇلمىسىنىڭ قىرىلىشش سۈرئىتى تىز نوپوسنىڭ تارقىلىشى تەكشسىز بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. نوپوسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى ئىلىمىزنىڭ ئىقد ىسادى تەرەققىياتى ،خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە بىۋاستەتەسىر كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ ،نوپوسى قانچە كۆپ ،كۆپىيىش سۈرئىتى قانچە تىز بولسا ،بىقىش ۋە تۇرمۇشقا كىرەكلىك خىراجەت شۇنچە كۆپىيىدۇ. كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئىستىمال ۋاستىلىرى شۇنچە ئازىيىدۇ . ئىقدىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى شۇنچە ئاستا بولىدۇ.
تەبئى بايلىقنىڭ ئومومى مىقدارى زور ،تۈرى كۆپ بىراق كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان مىقدارى ئاز ،ئىچىش قىيىنلىق دەرىجسى زور بولۇش ئىلىمىزنىڭ يەنە بىر دۆلەت ئەھۋالىدۇر . كۆپ يىللاردىن بۈيان ئىچىش، پايدىلنىشنىڭ مۇۋاپىق ،ئىلمى بولماسلىقى بايلىقنىڭ زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرىشى ۋە ئىسراپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تۈرلۈك كەسىپلەردە ناھايىتى زور ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلدى .لىكىن ئومۇى جەھەتتىن قارىغاندا ،ھازىرقى باسقۇچتا ئىلىمىزنىڭ ئىجتمائى ئشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى يەنىلا تۆۋەنرەك ،پەن-تخنىكا سەۋىيەسى ،مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تىخى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ،سوتسىيالىزىمنىڭ كونكىرىت تۈزۈملىرى تىخى مۇكەممەل ئەمەس ،بۈ ئىلىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم جەمىيىتى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئىلىمىزنىڭ سوتسيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۈ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلىپ ،سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەنىنى بەلگلىگەن .بۈ لۇشىيەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلارنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ ،ئىقدىساد قۇرۇلىشنى مەركەز قىلىپ ،تۆت ئاساس پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇپ ،ئىسلاھات ئىشىكنى ئچىۋىتشتە چىڭ تۇرۇپ ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ ،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ ،ئىلىمىزنى باي قۇدرەتلىك ،دىمكوراتىك ،مەدەنىيەتلىك ،سوتسىيالىستىك زامانىۋلاشقان دۆلەت قىلپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت . سوتسىيالىزىمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى –ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئكەنلىكى بەلگىلەنگەن. بىز زامانىۋلاشتۇرۇش قۇرلىشى داۋامىدا سجىل تەرەققىيات ئىستراگىيەسىنى يولغا قۇيۇپ ،ئىقدىسادى تەرەققىيات بىلەن نوپوس ،بايلىق ،مۈھىت ئوتتۇر سىدىكى مۇناسۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم .
يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلىقى جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيەنىڭ مىللى سىياسىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىتتپاقلىشىپ ،سوتسىيالستىك قۇرۇلشتا يىڭى –يىڭى غەلبىلەرنى قۇلغا كەلتۈردى.
1)يىزا ئىگلىكى ۋەيىزا ئىقدىسادى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى .
ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئىچۋىتىشتىن بۈيان ،يىزىلاردا مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىر تۈتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ،كەڭ دىھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرش ئاكتىپچانلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈررۈلدى. دىھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق ،چاۋىچىلىق،بىلىقچىلىق قاتارلىق سا ھەلەر ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىپ ،زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى .
2) زامانىۋى سانائەت يۇقلۇقتىن بارلىققا كەلدى.
ھازىر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا نىفىت ،خىمىيە ،توقومچىلىق ،يىمەكلىك ،قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى قاتارلىقلارنى باشلامچى قىلغان ،پولات-تۆمۈر،رەڭلىك مىتال ،كۆمۈر ،ئىلىكتىر كۈچى ،ماشىنىسازلىق ،ئورمان قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگەئالغان ،تۈرلىرى بىر قەدەر تولۇق بولغان سانائەت سىستىمىسى قۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدا مول نىفىت-گاز بايلىقى بار.
3)قاتناش –تىرانسپورت ۋە پوچتا تىلگراف ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى.
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان،شنجاڭنىڭ قاتناش –تىرانسىپورت ئىشلىرى تىز تەرەققى قىلىپ ،تۆمۈر يول ،تاشيول،ئاۋئاتسىيە،تۇربا قاتارلىق تۆت خىل شەكلى ئاساس قىلىنغان زامانىۋلاشقان قاتناش –تىرانسىپورت تورى شەكىللەندى.
4) پەن-تىخنىكا، مائارىپ ،تەنتەربىيە، سەھىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
ھەر دەرىجىلىك ،ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەر پۈتۈن شىنجاڭدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى .ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ تەربىيە ئىلىش شارائىتى تۈپتىن ياخشىلاندى،دۆلەت خەلق ئاممسىنىڭ بىلىم ئىلىشىغا نىسپەتەن ھەر خىل كاپالەتلەر بىلەن تەمىنلىدى .
داۋالاش،سەھىيە ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ،دوختۇر خانا،شىپاخانا،داۋالاش ئورۇنلىرى شەھەر يىزىلاردا قۇرۇلدى . ئاياللار ،بالىلارنىڭ ساقلقىنى ساقلاش ،سەھىيە،يۇقۇملۇق كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەن .
5) خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
شەھەر –يىزا ئاھالىلىرنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ماددى ،مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى،ئولتۇراقلىشىش شارائىتىمۇ كۆرۇنەرلىك ياخشىلاندى.
كىرىمنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇرمۇشتا كيىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەكتىن ئىشىنغىدەك بولدى .
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ياخشىلىنىپ ،ماددى،مەنىۋى تۇرمۇش ئىھتىياجى قاندۇرۇلدى.