خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دۆلەت بايرىمىلىق دوكلات

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-09-26 15:29

 

دۆلەت بايرىمىلىق دوكلات
 
64يىللىق تەرەققىيات،64يىللىق ئۆزگىرىش،64 يىللىق شانلىق نەتىجە

 
ھەريىلى  10-ئاينىڭ 1-كۇنى دۆلىتىمىز جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان كۇن.بىز بۇ  كۇننى ئۆكتەبىر بايرىمى دەپ ئاتايمىز.جۇڭگۇ خەلقى ئۆكتەبىرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.چۇنكى ئۆكتەبىردە ئالما،شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەر،قوناق،شال،كېۋەز قاتارلىق بارلىق  زىرائەتلەر پىشىپ،مول-ھوسۇل شاتلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولىدۇ.
بۇيىلقى ئۆكتەبىر بايرىمى ھەممە يەرنى خۇشاللىق قاپلىغان چاغدا كەلدى.يەنى بۇ يىل دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقى،جۇڭگۇ خەلقى ئازاد بولغانلىقىنىڭ 64 يىلى،جۇڭگۇ خەلقى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغانلىقىنىڭ 64 يىلى،جۇڭگۇنىڭ ،جۇڭگۇ تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر  كىشىنىڭ يىڭى ھاياتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ 64 يىلى.
بىز 64 يىللىق ئۆزگىرىشنى ئەسلىگىنىمزدە ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز.دۆلىتىمىزدىن پەخىرلەنمەي،دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت  خەلقىنىڭ بارلىققا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە ئاپىرىن ئىيىتماي تۇرالمايمىز.
يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر،نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.جۇڭگۇ خەلقى جۇملىدىن شىنجاڭدىكى،يۇرتىمىزدىكى ھەر بىر پۇقرا ۋە خەلق ئاممىسى قەددىنى تىك كۆتۇردى.
  64 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، تۈرلۈك جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
          64 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن – ئاخىر پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇردى. بىپايان، تاغ – دەريالىرى گۈزەل شىنجاڭ گويا غايەت زور پاراخوتتەك دولقۇن يېرىپ، مەردانە ئالغا باستى.
          شىنجاڭنىڭ 64 يىلى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان 64 يىل بولدى. ھازىر شىنجاڭدا تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغىچە ھەممە جاي جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىقتىساد سىجىل، تېز راۋاجلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.
     64 يىللىق شانلىق نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىشى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ھەم ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن.
     64 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن قەتئىي ئېغىشماي، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، شىنجاڭ راۋاجلىنالايدۇ، گۈللىنىپ قۇدرەت تاپالايدۇ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى يارىتالايدۇ.
          64 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، غايەت زور ئەۋزەللىككە ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە.
     64 يىللىق تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ھازىرقى شانلىق نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ 60 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭ ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى پەللە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققۇسى.
ئانا ماكان جۇڭگۇنىڭ قوينىدا مانا مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ لىكىن بىر قىسىم خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى خالىمايدىغان ،دۆلىتىمىزنىڭ تىغىمۇ گۇللىنىشگە چىدىيالمايدىغان  دۇشمەن تىنىچلىققا ،مۇقىملىققا،دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق تىز تەرەققى قىلىشى،خەلقنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشىشىدىكى ئەڭگۇشتەر بولغان ئىتىپاقلىققا،تىنىچلىققا،تەرەققىياتقا بۇزغۇنچلىق قىلىۋاتىدۇ.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ، پۇتىغا سانجىلغان تىكەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەرۋاقىت تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىغا ئارازچىلىق سېلىپ، مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا بۆلگۈنچىلىك غەرىزىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. تۇرلۇك تىرورلۇق،زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىز تەسىر يەتكۇزدى، لىكىن مۇشۇ ۋەقەلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر، خەنزۇ ئاممىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكى، بىر – بىرىنى قۇتقۇزغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسپتە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان ئىلغار تىپلار، ئۈلگىلىك ئائىلىلەر ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋە ئاممىنى ئۆزىمىزگە ئۇلگە قىلىپ،بارچە مىللەتلەر بىر-بىرىگە،پارتىيگە،ۋەتەنگە،خەلققەئىشىنىشىمىز، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۆزئارا ئۆگىنىشىمىز، ئۆزئارا قوللىشىمىز ۋە ئۆزئارا چۈشىنشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز،بۇ ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ تىغىمۇ تەرەققى قىلىشىنى قولغا كەلتۇرۇشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ،ئىجتىمائى مۇقىملىق،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئى قوغداپ،ۋەتىنىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىغا سوۋغا قىلىشىمىز لازىم.
ساۋاقداشلار،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،دوسلار!
بىز پارتىيە مەركىزى كومتىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ،قولنى –قولغا تۇتۇشۇپ،ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق،ئىناقلىقنى قوغداپ،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ،تۇرلۇك خىزمەتلەردە ياخشى نەتىجە يارىتىپ،دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىغا سوۋغا قىلايلى!
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار