خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىدىن لىكسىيە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : توغراق26442013-09-22 12:00

 قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىدىن لىكسىيە
 
 
 
 
 
 
 
 
مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى،ئەخلاق – تەربىيە مۇدىرى:
    
 
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
 
 
 
 
 
 
 
 
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىدىن لىكسىيە
 
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى
8 باپ . 57  ماددا
1-باپ.ئومۇمى پىرىنسىپ.
2-باپ.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيىسى.
3-باپ.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
4-باپ.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەك بولمىغۇر قىلىقىنى تۈزۈتۈش.
5-باپ.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتتىن ئۆزى ساقلىنىش.
6-باپ.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
7-باپ.قانۇن جاۋاپكارلىقى.
8-باپ.قوشۇمچە پىرىنسىپ.
قورامىغا يەتمىگەنلەر-18 ياشتىن تۆۋەن بولغان پۇقرالار قورامىغا يەتمىگەنلەر بولىدۇ.
خەلق تەشكىلاتلىرى-ئاساسلىغى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىجتىمايى تەشكىلاتلار-ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى،ۋە ئاياللار بىلەشمىسىدىن باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىنى چىقىرىشنىڭ ئاساسى مەقسىدى نىمە؟
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىنى چىقىرىشنىڭ ئاساسى مەقسىدى:قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەت.
70-يىللاردىن بۇيان،جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسلىرىدە ياش كىچىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.قورامىغا يەتمىگەنلەر جەمىيەت ئامانلىغىنى باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ سادىر قىلغان دىلۇلار بىر قەدەر كۆپىيىپ،جەمىيەت تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇردى.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ،ئائىلىسىگىمۇ بەخىتسىزلىك ئىلىپ كەلدى.شۇڭا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بەزى ئىجتىمايى پاسسىپ ئامىللارنى ھەقىقى كۆرۈپ يەتمەي بولمايدۇ.مەسىلەن،زوراۋانلىق،شەھۋانىيلىق،خۇراپاتلىق مەزمۇنلار تەرغىپ قىلىنغان قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرى قانچە چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ.زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان قىمار تۈسىدىكى بۇرمىلانغان مەدەنىيەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بەزى قورامىغا يەتمىگەنلەر تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىۋاتىدۇ.ئائىلە ھامىيلىقى،مەكتەپ تەربىيىسى،مەھەللە باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ بەزى ئاجىز ھالقىلار ساقلانماقتا.بۇلار قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم ئىجتىمايىي سەۋەپ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياش باسقۇچى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارشى،دۇنيا قارشى،قىممەت قارشى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىۋاتقان مۇھىم باسقۇچ،بۇ ۋاقىتتا يىتىلدۈرگەن ھەركەت ئادىتى قورامىغا يەتكەندىن كىيىنكى تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.زور مىقداردىكى پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،قانۇنچىلىق قارشى ۋە ھەق ناھەق قارشىنىڭ كەمچىل بولۇشى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسى سەۋەپ.
ئىلىمىزدە قورامىغا يەتمىگەنلەر 360 مىليۇن بولۇپ،پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمى نوپۇس سانىنىڭ تەخمىنىەن تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.قورامىغا يەتمىگەنلەر دۆلەتنىڭ ئۈمىدى.مىللەتنىڭ كىلەچىگى،21-ئەسىردىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى.شۇڭا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارشى ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە تۈرىتكە بولۇش،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرىق ئىتىشكە يىتەكلەپ،مەسىللەرنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگۈتۈش قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى ئازايتىشتىكى ماھىيەتلىك تۈزەش تەدبىرىدۇر.
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى 1999-يىلى6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.1999-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ17-ماددىسىدا (1)16 ياشقا توشقانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە،جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.(2)14 ياشقا توشۇپ 16 ياشقا توشمىغانلار قەستەن قاتىللىق قىلىش،قەستەن يارىلاندۇرۇش،ئىغىر زەخمىلەندۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇش،بۇلاڭچىلىق قىلىش،زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىلىپ سىتىش،ئوت قويۇش،پارىتلىتىش،زەھەر سىلىش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزسە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلمىغانلارنى ھۆكۈمەت يىغىۋىلىپ تەربىلىسىمۇ بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توققۇز خىل ناچار قىلمىشى.
  1. سەۋەپسىز دەرىستىن قىلىش،كىچىسى ئۆيگە قايىتماسلىق
  2. تىغلىق ئەسۋاپلارنى ئىلىپ يۈرۈش.
  3. مۇشىتلىشىش،باشقىلارنى ھاقارەتلەش تىللاش.
  4. باشقىلارنى پۇل مال بىرىشكە قىستاش.
  5. پۇل-مالنى ئوغىرلاش،قەستەن بۇزىۋىتىش.
  6. قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش.
  7. شەھۋانىيلىق تەسۋىرلەنگەن،ئۈن-سىن ھاسىلاتى،ئوقۇشلۇغى قاتارلىقلارنى كۆرۈش،ئاڭلاش.
  8. قانۇن-نىزاملاردا قورامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن تىجارەت خارەكتىردىكى تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش.
  9. ئىجتىمايى ئەخلاققا ئىغىر خىلاپ كىلىدىغان باشقا ناچار قىلمىشلار.
سەۋەپسىز دەرىستىن قىلىش،كىچىسى ئۆيگە قايىتماسلىق.
سەۋەپسىز دەرىستىن قىلىش دىگەندە:مەكتەپكە سەۋەپسىز بارماسلىق قىلمىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.سەۋەپسىز دەرىستىن قالسا،ئۆگۈنۈش نەتىجىسى تۆۋەنلەيدۇ،كۈن بويى بىئارام بولىدۇ.ئۆگۈنۈشكە رايى بارمايدۇ،ئوقۇشتىن بارغانسىرى بىزار بولىدۇ.توغرا يولدىن تەدرىقى چەتنەپ تاپتىن چىقىدۇ.
كىچىسى ئۆيگە قايىتمىغاندا ئوقۇشقا تەسىر يىتىش بىلەن بىللە،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە تەسىر يىتىدۇ.شۇنداق كىتىۋەرسە،ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە،ھەتتا قانۇنسىز ئونسۇرلارنىڭ ئازدۇرشىغا ئۇچراپ جىسمانى رويى جەھەتتىكى زىيان تۈپەيلىدىن يامان يولغا مىڭىپ قالىدۇ.
باشقۇرلىدىغان تىغلىق سايمانلارنى ئىلىپ يۈرۈش دىگەندە،دۆلەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان،بەلگىلەنگەن خادىملار ئىلىپ يۈرۈشكە،ئىشلىتىشكە بولىدىغان،ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش،ئىلىپ يۈرۈش چەكلەنگەن تىغلىق سايمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مۇشىتلىشىش،باشقىلارنى ئاقارەتلەش،تىللاش.خۇسۇسى ئۆچ ئىلىش ياكى ناتوغرا مەقسەت بىلەن ئىككى تەرەپ سوقۇشۇش،گورۇھ بولۇپ سوقۇشۇش،بۇنىڭدا بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ جىسمانى جەھەتتە ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ ھەتتا گۇناھسىز كىشىلەرمۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدۇ.بەزىلەر نارازىلىق كەيپىياتنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن،بەزىلەر كۆڭۈل ئىچىپ روھى قوزغىتىش ئىزدەش ئۈچۈن باشقىلارنى تىللاپ،روھى جەھەتتە قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.
باشقىلارنى پۇل-مال بىرىشكە قىستاش.پوپوزا قىلىش ياكى تەھدىت سىلىش ۋاستىرىنى قوللۇنۇپ نەخ مەيداندا پۇل،مال بىرىشكە قىستاش،ياكى پۇل مال بىرىشكە مۆھلەت بەلگىلەپ بىرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئوغىرلىق قىلىش قەستەن بۇزۇۋىتىش.ئومۇمنىڭ ياكى خۇسۇسنىڭ سوممىسى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان پۇل مىلىنى ئوغىرلاپ قولغا چۈشۈرۈش قىلمىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.ئوغىرلاش بىۋاستە قەستەنلىك ھىساپلىنىدۇ.ئوغىرلاپ قولغا چۈشۈرگەن پۇل –مال ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىنغان بولسۇن،باشقىلرغا ھەدىيە قىلىنغان بولسۇن،كوللىكتىپقا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن بولسۇن ياكى بۇزۇۋىتىلگەن باشقىلار تەرپىدىن ئىگەللىۋىلىنغان بولسۇن،قانۇنسىز ئوغىرلاشتىن كىيىنكى ئاقىۋەت مەسىلىسى شۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش ماھىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.مال-مۈلۈكنى قەستەن بۇزىۋىتىشتە،ئومۇمنىڭ ياكى خۇسۇسنىڭ مال-مۈلكىنى قەستەن بۇزىۋىتىش مەقسىدى بولىدۇ.
قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش.قىمار دىگەندە پۇل مالنى دوغا تىكىپ،ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشتا بەسلىشىدىغان ناتوغرا كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار دىگەندە،شەكلىدە ئۆزگىرىش بولسىمۇ مەزمۇنى ۋە ماھىتى قىماردىن ھىچقانداق پەرىقلەنمەيدىغان ناتوغرا كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مەسىلەن،بورىت،قەرىت ۋە باشقا ئويۇن خارەكتىردىكى قىمارلار.
شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۈن-سىن مەھسۇلاتى،ئوقۇشلۇغى قاتارلىقلارنى كۆرۈش،ئاڭلاش.يىڭى جنايى ئىشلارقانۇنىنىڭ 367-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا شەھۋانىيلىق تەرغىپ قىلىنغان كىتاپ-ژورنال،كىنو فىلىمى،سىنئالغۇ،ئۈنئالغۇ لىنتىسى،سۈرەت ۋە باشقا شەھۋانى بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇن-نىزاملاردا قورامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن تىجارەت خارەكتىردىكى تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش.
جوڭخۇئا خەلق جەمھۇرىيىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ23-ماددىسىدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان تىجارەت خارەكتىرنى ئالغان تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلاردا،ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە تىجارەتچىلەر تەدبىر قوللىنىپ،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن.قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىختىسادى مەنبەسى بولمىغاچقا،بەزى قورامىغا يەتمىگەنلەر پۇل تىپىپ تىجارەت خارەكتىردىكى تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلاردا خەجلەش ئۈچۈن باشقىلار كولىغان ئورىغا ئاسانلا چۈشۈپ كىتىپ،ئاسانلا جىنايەت يولىغا مىڭىپ قالىدۇ.
ئىجتىمايى ئەخلاققا ئىغىر خىلاپ بولغان باشقا ناچار قىلمىشلار.
بۇ ئاساسلىغى جامائەت مەنپەتى ۋە ئىسىل ئۆرىپ ئادەتلەرگە ئىغىر دەرىجىدە خىلاپ ھەركەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
توغراق2644 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-08-30 12:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-02 12:09