دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش دوكلاتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلگەن دوكلات
ھەممەيلەنگە مەلۇم 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدۇڭ دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقنى جاكارلىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت خەلىقى ئورنىدىن دەس تۇردى ھەم تا بۈگۈنگىچە مىسىلسىز شانلىق تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 64يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيسى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقى ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بىرىشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ ،گۈزەل يۇرت-ماكانىنى قۇرۇپ، بەختىيار تۇرمۇش يارىتىپ ، شىنجاڭنىڭ نامرات ۋە قالاق قىياپىتىنى ئۈزۈل- كىسىل ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىپ ،ئىجتمائىي تەرەققىياتتا تارىخى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۈيۈك بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، ئورتاق كۆرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئەمەلىيتى جەريانىدا ئىقتىساد تىز تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى نامرات ھەم قالاق ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى خەلق باياشات كىيمى پۈتۈن قورسىقى توق بولۇش، توققۇزى تەل بولۇش ھالىتىگە قەدەم قويدى.
بۇنىڭدا دۆلىتمىزنىڭ ئۇنۋىرسال كۆرىنەرلىك زورىيىپ. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تەدرىجى سەرخىللاشتى.ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، يىزا- ئىگىلىك ئۇنۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك كۈچەيدى. زامانىۋى سانائەت سىستىمىسى تەدرىجى شەكىللىنىپ ، قىزىلما بايلىقلار ئۈنۈملۈك ئىچىلدى. ساياھەت كەسپى تىز تەرەققى قىلىپ رايون ئىقتىسادى ماس ھالدا تەرققى قىلدى.
خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى.
شىنجاڭدا 55 مىللەت ئورتاق بىر نىشان ئورتاق بىر مەقسەتتە ئىناق ياشاپ كەلمەكتە.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى ئۇزاق مەزگىل بىرگە ياشاش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. 64 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىپ ، ئۆز- ئارا ئىشىنىپ ، ئۆز- ئارا ياردەم بىرىپ ، ئورتاق ئالغا بىسىپ ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز- ئارا ياردەملىشىدىغان ، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى، ۋە راۋاجلاندۇردى ھەمدە مۇستەھكەملىدى. بۇ شىنجاڭنىڭ تەرققىياتى ۋە ئالغا بىسىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم تۈپ كاپالىتى .
شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۆنىلىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ئىشقا ئاشقان ، مۇقىم ئىجىتمائىي مۇھىتتا ئىشقا ئاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىجىتمائىي مۇقىملىق ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا ، شىنجاڭدا ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى بۆلگۇنچى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ بەخىت سائادىتىگە پەرۋا قىلماي،مىللى بۆلگۇنچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، شىنجاڭدا بىر قاتار زوراۋانلىق ،تىرورلۇق ھەركەتلىرىنى پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ،دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۇپ ،شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ،ئىلگرلىشىگە ئىغىر توسالغۇ بولدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى .شىنجاڭنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى ۋە ئىلگرلىگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ تەقدىرداش بولىشى ،ئىجىل- ئىناق ئۆتۈشى، ئىناق تەرەققى قىلىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىلگىرلىشىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى تىخىمۇ ئىنىق تونۇپ يەتتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى تەستە قولغا كەلگەن ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ،ئىقتىسادى قۇرلۇشنى مەركەز قىلىشتا ئىجتىمائى ئومومىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئورتاق گۈللىنىشى راۋاجلىنىشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ھەمنەپەس تەقدىرداش،قەلىبداش بولۇپ باراۋەر ئىتتىپاق ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگرلىشىنى ئۈزلۈزكسىز ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ
مائارىپ سىستىمىسى تارىختىن بۇيان "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ بىز بىلەن كىشىلەر قەلبى ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تالىشىدىغان قىزىق نوقتا. مائارىپ سىستىمىسى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم بازا. مائارىپ سىپىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشى سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەشكە بىۋاستە باغلىنىشلىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئامان- ئىسەن بولۇشىغا باغلىق. شىنجاڭنىڭ تارىخىي شارائىتى ۋە مۇرەككەپ خەلىقئارا ئارقا كۆرۈنىشىدە، غەرب دۈشمەن كۈچلەر جۇڭگونى غەرىپلەشتۈرۈش، پارچىلاش نىيىتىنى ئىدىئولوگىيە ساھەسىگە قاراتتى، مەكتەپ ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر مۇھىم نۇقتا. چىگرا ئىچى- سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" ۋاستىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، "مەدەنىي قۇتراتقۇلۇق" نى كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەيتىپ، ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتى ۋە كەسكىنلەشتى، بىز ئۇلار بىلەن ئۇزاققىچە ئىس- تۈتەكسىز ئۇرۇش قىلىمىز. مائارىپ سىستىمىسىدا ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، يىزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىزىمىزنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى قوغداش، مائارىپ سىستىمىسىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىكى ۋە سىياسىي پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، مائارىپىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇنداقلاش ئىسلاھات ئىچىۋىىتش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئىچىلغاندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، قىرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئىقتىساد تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ، نەتىجىلەر كىشىنى خۇشال قىلدى. جەمىيەت ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەپ، ئۈزلۈكسىز گۈللەندى. مىللەتلەر ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى؛ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان رىئاللىق؛ ئەمما ھەمىشە ئاز ساندىكى بىر ئۇچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تۈرلۈك قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، خەلق كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش مەخسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ؛ تارىختىن قارىغاندىمۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانمۇ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلقى ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىدىغان، ئۆز- ئارا سىڭىشىدىغان تۈگۈن بولۇپ كەلگەن، ئەزەلدىن سەزگۈر رايۇن بولۇپ، ئۆتكەنكى مىڭ نەچچە يىللىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىپ، ئۆز- ئارا سىڭىشىش جەريانىدا شىنجاڭدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رايۇن خارەكتىرلىك ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، مۇڭغۇل، تاجىك، روس، خەنزۇ قاتارلىق 13 مىللەتمۇ شەكىللەنگەن، بۇ 13 مىللەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بىراق 19- ئەسىردىن بۇيان غەرىپنىڭ كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىقى ۋە سىياسىي داۋالغۇتىشى بىلەن شىنجاڭ رايۇنى تىنىچ بولمىدى، دۆلىتىمىز باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن باشلاپ، سوتسىيالىزىم لاگىرى بىلەن كاپىتالىزىم لاگىرى يىرىم ئەسىرگە يىقىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە روسىيىنىڭ شەرقىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. روسىيە پارچلاندى، شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فىدراسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە پارچىلىنىش بولدى؛ بۇ قىتىمقى سىياسىي ۋەزىيەتنڭ تەۋرىنىشى شىنجاڭغا ئىنتايىن ئىغىر زەربە ئىلىپ كەلدى. بۇ مەزگىل شىنجاڭدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ پائالىيىتى ئەۋج ئالغان مەزگىل بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەرپتىكى چىگرا رايۇنى مىسلىسىز بىسىمغا دۇچ كەلدى، چىگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش بىسىمى زور بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ۋەزىپە يەنىمۇ مۈشكۈل بولدى. بۇ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، بىزنىڭ كوممۇنىستلىرىمىز ئەقىل- پاراسەت، دانالىق ۋە قابىللىق بىلەن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يولىنى بارلىققا كەلتۈردى. بىراق مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىننىي ئەسەبىي كۈچ، زوراۋان تىرورچى كۈچلەر ۋەكىللىكىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" شىنجاڭدا پائالىيەتنى ئەزەلدىن توختاتمىدى. ۋاستىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇپ، مۇقىم بولغان تىنىچلىق ۋە ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. غەرپ دۈشمەن كۈچلىرى ۋە چىگرا سىرتىدىكى " ئۈچ خىل كۈچلەر" باشتىن- ئاخىر بىزنىڭ ئاجىز ھالقىمىز ۋە بۆسۈش ئىغىزىمىزنى ئىزدەپ كەلدى.
گۈزەل،باي شىنجاڭ جۇڭگو خەلىقىنىڭ كۆڭلىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە،بۇ زىمىننى قوغداۋاتقان ۋە قۇرىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك .ھازىر جۇڭگو خەلىقى باي قۇدرەتلىك دىموگراتىك مەدەنىي ، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ غەمغورلۇقى ،قوللىشى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ،ئورتاق كۈرەش قىلىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپلا ماڭىدىغان بولسا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تىخىمۇ پارلاق بولىدۇ.
شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار «مىللى بۆلگۈنچىلىك شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسى خەۋپ» دىگەن ھۆكۈمنىڭ ئىچكى مەنىسىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ مىللى بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىمىز روشەن،مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرىشىمىز لازىم .
دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەققىي ياخشى ئىشلەش، مەكتىۋىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللي بۆلگۈنچىلككە ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۈرۈش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، دىننىڭ مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش سوتىسيالىستىك مەكتەپ باشىقۇرۇش يۆلىنىشىگە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش، بىزنىڭ نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇپ، تەۋرەنمەي ئىشلىشىمىزگە تىگىشلىك بولغان ئەڭ جددى ، ئەڭ تەخىرسىز سىياسى خىزمەتتۇر.
ھەممەيلەنگە ئايانكى ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، غەرىپ دۈشمەن كۈچلىرى ئىلىمىزگە قاراتقان «غەرىپلەشتۈرۈش» «پارچىلاش» سۇيقەسىتىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتقىنى يوق. ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن ئالغاندا تىنىچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئاساسى ئىقىمىنى ئىگەللىسىمۈ لىكىن ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋە دىننىي ئەسەبىي كۈچلەر تۈرلۈك ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، بىز بىلەن ياش ئەۋلاتلارنى تالىشىش، تەلىم- تەربىيە بازىسىغا سىڭىپ كىرىپ ئەۋلاتلارنىڭ ئىددىيىسىنى زەھەرلەش، ئۇلارغا بۆلگۈنچىلىك ، ئاغدۇرمىچلىق ئىددىيىلىرىنى سىڭدۈرۈش، ئۆزلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىددىيىسىگە ۋارسىلىق قىلىدىغان «ئىز باسارلار» نى يىتىشتۈرۈش خەۋىپى يەنىلا مەۋجۇت. شۇڭا بىز نۆۋەتتكى جىددى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ سەزگۈرلۈكىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە دادىل قارشى تۈرۈش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە قەتئى چەكلەش،سىياسى-ئجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش، بۇ خىزمەتنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ،موھىمنىڭ موھىمى دەپ بىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئىددىيدە پارتىيە مەركىزى كومىتىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن تەلىۋىگە يىقىندىن ماسلىشىپ، مۇقىملىق، مىللى بۆلگۈنچىلەرگە ۋە قانۇنسىز دىني پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، دىننىڭ مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق موھىم خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز زۆرۈر.