ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش پىكرى يولغا قويۇلدى
مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن تور بېكىتىدە «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارى ئۆلچىمى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ئالاقىدار تۈر ۋە بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېڭى قېلىپنى قوللىنىپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئون مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭىدىن تەربىيەلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى قوللىنىش ئىقتىدارى، پەن ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە كەسپتە مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرىلىدۇ.