ئىسرائىلىيە بەش ياشلىق بالىلارغىمۇ چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكتە
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-15 19:57
ئىسرائىلىيە بەش ياشلىق بالىلارغىمۇ چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكتە

نېمىلىكىنى بىلەمدۇ؟ ئەنگلىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئىسرائىلىيە ئۆز دۆلىتىدىكى بالىلارغا مۇشۇ ياشتىن باشلاپلا 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدەك تارىخقا ئىگە قىلماقچى بولغان، بۇ ئۇسۇل ئىسرائىلىيەدە بەس- مۇنازىرە قوزغىماقتا.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ 10- نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشنى تەنقىدلىگۈچىلەر ۋە بىر قىسىم ئاتا- ئانىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ گۆدەك قەلبىنى يەھۇدىيلارنىڭ «جاراھەتلىك تارىخى» بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن؛ قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، مەيلى چوڭلارنىڭ ھېكايىسى ياكى ھەر يىللىق چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولسۇن، ھەممىسى بالىلارغا شۇ تارىخنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. بالىلار كونترول قىلىنغان مۇھىتتا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆگەنسە، ئۇلارنىڭ گۇمانىي سۇئاللىرىنىڭ توغرا جاۋابقا ئېرىشىشىگە پايدىلىق ئىكەن.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيەلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئادەتتە 16 ياشقا كىرگەندە چوڭ قىرغىنچىلىق تارىخىنى رەسمىي ئۆگىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى شاي پىرئون ئۆتكەن ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقى ھەتتا يەسلىدىكى كىچىك دوستلارغىمۇ بۇ تارىخنى سۆزلەپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ قىرغىنچىلىق موزىيى بىلەن بىرلىكتە ماتېرىياللارنى تەييارلايدىكەن. يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ماتېرىياللار ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىنىشى كېرەك ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ سانى 200 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ كەتتى. بەزىلەر بۇ تارىخنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇنى ئىنتايىن يىراق مەزگىللىك تارىخ دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]