يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چارۋىچىلىق رايونىدىكى بالىلارنىڭ ئۆيى مەكتەپ ئارىلىقى بىلەن 3 كېلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك، شۇنداقلا بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى جايلاردا ئوقۇشقا كىرىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر مەيدانغا چىققان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى،‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەجبۇرى مائارىپ ئوقۇتۇش مەركىزى قورۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىمىلىرى› سىناق ھالىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلدى.
بەلگىلىمىنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرى بولسا، رايونىمىزدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى مەكتەپلەر، بەلگىلەنگەن تەلەپلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يېزا-كەنتلەردىكى مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بىكار قىلىپ، بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشنى ۋاقىتلىق ھالدا توختىتىپ تۇرۇش، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايوندىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ياتاقتا ياتقۇزماسلىق( نوپۇس شالاڭ ئولتۇراقلاشقان، چەت ياقا جايلاردىكى بالىلار بۇنىڭ سىرتىدا)، ئوقۇش مەركىزى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ كىلومىتېردىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرى مائارىپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشىنى كۆپ كۈچ چىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتۇش مەركىزى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مەكتەپ ئۈسكۈنە شارائىتلىرى، شۇنداقلا مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، بارلىق مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بەلگىلەنگەن‹ ئۆلچەم› بويىچە قېلىپقا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭدىن سىرت، رايونىمىز بارلىق مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، تارقاقلاشتۇرۇش تەرتىپى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئومۇملاشتۇرغان. بەلگىلەنگەن تەلەپلەرگە ئاساسەن، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، تارقاقلاشتۇرىلىشى، ناھىيە دەرىجىدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ تۇرۇشى، تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تۈزۈلىشى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، دەلىل ئىسپات، يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئېلىپ بارغان.‹ئۆلچەم› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رايونىمىزدا ھەرقايسى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئۆلچەملەشكەن قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. مەجبۇرىي مائارىپنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە يىراق چەت رايوندىكى بالىلارنىڭ ئۆيىگە يېقىن بولغان مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملار بارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ جىددى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]