خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى بولۇش كېرەك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-05-26 01:25

 
شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى: ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى بولۇش كېرەك

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى چوقۇم يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كىچىك رايونلار بىلەن بىرلىكتە لايىھەلىنىشى، بىرلىكتە قۇرۇلۇشى لازىم. ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى قۇرۇلۇپ، يەسلىگە كىرىش، ئوقۇشقا كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

   22-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى پىلانلاش، يەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخا)›› ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا، ‹‹چارە››دە يەنە مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرنى ئاۋۋال پىلانلاش، يەنە كېلىپ خالىغانچە ئىگىلىۋالماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۈزۈلگەن مائارىپ ئەسلىھەلىرى مەخسۇس تۈر لايىھەسى شەھەر-يېزا پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن.

   ‹‹چارە››دە نوپۇس ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك مەكتەپ ۋە سىنىپلارنىڭ كۆلىمىگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە ئالتە سىنىپى بار بىر يەسلى؛ ھەر 10 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 24 سىنىپى بار مۇكەممەل بىر باشلانغۇچ مەكتەپ؛ ھەر 20 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 24 سىنىپى بار بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ؛ ھەر 40 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 30 سىنىپى بار بىر مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ؛ 300 مىڭدىن كۆپ نوپۇسى بولغان ناھىيە(شەھەر) ئەمەلىي ئېھتىياجقا ئاساسەن ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار ئاساسلىق قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى تەسىس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار