خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-05-27 17:40

 
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

24-ماي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ، جەمئىيەتكە 2013- يىللىق نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى پىلانىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون 3580 نەپەر نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى پىلانى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى ئۈچۈن 3 مىڭ ئوقۇغۇچى، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقى ئۈچۈن 80 ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقى ئۈچۈن 500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىقىغا تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش پىلانى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس دەپ ئىككى قاتلامغا بۆلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدىن تىل ئەدەبىيات، ئەنگىلىز تىلى، ماتىماتىكا ۋە قوللىنىلىشچان ماتىماتىكا قاتارلىق 16 كەسپ بولۇپ، تەربىيىلەش پىلانىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى، سانجى ئىنىستېتۇتى،  ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى قاتارلىق 4 ئالىي مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىدىن تىل ئەدەبىيات مائارىپى، يەسلى مائارىپى، ئەنگىلىز تىلى مائارىپى قاتارلىق 13 كەسىپ بولۇپ، تەربىيىلەش پىلانىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى، ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى، سانجى ئىنىستېتۇتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى، خوتەن ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ ۋە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى شەندوڭ تەبىئىي پەنلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالىدۇ.
نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا «ھەقسىز تەربىيىلەش ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت تەربىيىلەش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن «نىشانلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپ كېلىشىمناسى» ئىمزالايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا-بازارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى يەسلىلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار