مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەكتەپ بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ سانى ۋە بىنورمال قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەكتەپ قورۇسىدىكى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. بىراق، قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئالاقىدار خىزمەت ئورنىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹قوللانما››دا ‹‹نېمە قىلىش، كىم قىلىش، قانداق قىلىش›› نۇقتىسىدىن مەكتەپ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى جەريانى (كۈندىلىك بىخەتەرلىك خىزمەت تەرتىپى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەرتىپى)، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى ھۆججەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دېدى.
‹‹قوللانما››دا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىلىنىش ۋەقەلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، مەكتەپلەردە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل، قىستىلىشىپ دەسسىلىش ۋەقەلىرى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى 14 تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەريانى يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھە نۇسخىسى، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامە نۇسخىسى، بىخەتەرلىك خىزمىتى تەكشۈرۈش نۇسخا جەدۋىلى قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى 11 ھۆججەت نۇسخىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مائارىپ قانۇنى، مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىق قانۇنى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملار كىرگۈزۈلدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]