خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولۇشى كېرەك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-04-03 13:14

 يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولۇشى كېرەك

خۇرسەنئاي مەمتىمىن

   ھازىر بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر قىلىش ئۈچۈن، ھەممىگە تەييار ئاتا – ئانىلار بىلىپ – بىلمەيلا پايدىسىز ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىشتىن ساقلىنالمايۋاتىدۇ. ئۇلار ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرى قىيىن، بالىلار ئالدىن ئۆگىنىۋالمىسا، كېيىن ئارقىدا قالىدۇ›› دەپ قاراپ، بالىلىرىنى يېشىغا ماس كەلمىگەن، نورمىدىن ئارتۇق ‹‹بىلىملەر››بىلەن بۆشۈكىدىلا قوراللاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا. يەسلىلەر بولسا ئاتا – ئانىلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، بىردىن ئونغىچە بولغان سانلارنى قوشۇش – ئېلىش، ئاددىي خەت – پىنيىنلار، ئۇسسۇل، ناخشا، مۇزىكا، خەتتاتلىق، رەسىم، ھەتتا ئانچە – مۇنچە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق قوشۇمچە دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلدى. يەسلى مەسئۇللىرى گەرچە بۇنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ‹‹ئاتا – ئانىلار قوغلىشىۋاتقان مودا مۇشۇ، بۇنداق قىلمىساق بازار ئىگىلىكىدە پۇت تېرەپ تۇرالمايمىز، بىزمۇ ئامالسىز›› دەپ قاراپ، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

   ئالدىن يۈگۈرۈپ كەتكەنلەرنى توختىتىپ، ئۇلارنى قېلىپقا سېلىش، ئارتۇق، كېرەكسىز شاخلىرىنى پۇتاپ تۈزەش − ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۇچ كېلىۋاتقان باش ئاغرىقىنىڭ بىرى. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، بالدۇر ئۆگىنىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردا ‹‹بۇلارنى يەسلىدىلا ئۆگىنىپ بولغان، ھەممىنى بىلىمەن›› دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، دەرسكە بېرىلمەيدىغان ھالەت ئەۋج ئېلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ئاقىۋەتتە، يەسلى تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ مائارىپى ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن چەتكە قېقىش باش كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا بىر – بىرىگە ماسلىشالماسلىق، باغلىنالماسلىق، تولۇقلىيالماسلىق كېلىپ چىقماقتا.

   ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەپسىلاتلارنى ئالدىن ئۆگىنىۋېلىشنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولۇشىمۇ، ئالدىن ئۆگىنىۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇشىمۇ ناتايىن. يەسلىدە تومتاق تەلىم ئالغان سەبىيلەر كېيىنكى بىلىم ئېلىش سەپىرىدە قىينچىلىققا دۇچ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يەسلى باشلانغۇچنىڭ ئالدىدا يۈگۈرمەسلىكى، ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولۇشتەك ئەسلىي ئورنىغا قايتىشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى قارىماققا قىيىندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن، ئۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە ئاساسەن، نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەجرىبە – سىناق قىلىشى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ياش قۇرامى، ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، ئۆسۈپ – يېتىلىش پىسخىكىسىغا ئاساسەن بالىلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ تۈزۈلگەن. شۇڭا بالىلار ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان بىلىمنى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بويىچە، سىستېمىلىق، ئۆلچەملىك تەربىيەلەنگەندە، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلاردىن قېلىپلىق ئۆگەنگەندە قىزغىن ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتالايدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار