17-ئاپرېل ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇرۇلتوقاي ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش ۋە يەكەندە پۇقراۋىي ئايرودۇرۇم قۇرۇش تۈرى دۆلەتلىك ئىسلاھات ، تەرەققىيات كومىتېتىىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكەن ، بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ‹‹ 12-بەش يىل›› لىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇرۇلتۇقاي ئايرودۇرۇمى ناھىيە بازىرىدىن 21 كىلومېتىر يىراقلىققا كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ ، بۇ تۈرگە جەمئىي 414 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن ؛ يەكەن پۇقراۋىي ئايرودۇرۇمى ناھىيە بازىرىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىققا قۇرۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ تۈرگە 557 مىليون 880 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]