يېقىندا پەخرىيە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە بېركېلې ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بەش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ قىز بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئەينى يىلىدىكى ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىدا ئۇ ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغان، شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە تەبىئىي پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولغان، ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئىلمىي فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ.
پەخرىيە بۇ بەش مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە قايسى مەكتەپنى تاللاش توغرىسىدا قارار چىقارمىغان، ئۇ بۇ مەكتەپلەردىكى كەسىپ ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ھازىر پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش تەجرىبىسىنى ئىشلەۋېتىپتۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]