نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق يېزىلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق يېزىلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. پىلان بويىچە، مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەدىن 50 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 32 ناھىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈرگە تىزىملاتسا بولىدۇ.