قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نامىنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتتى
دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2015-يىللىق يېڭى تەسسىس قىلغان ۋە قۇرۇلۇشنى پىلانلاپ رەسمىي قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشنى باشلىدى،بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بار .
«ئېلان قىلىش مەزگىلى 17-مارت ئاخىرلىشىدۇ،بۇ مەزگىلدە ئىختىلاپ كۆرۈلمىگەن بولسا،قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامى رەسمىي ھالدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگىرىدۇ»تۈنۈگۈن،قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى.
پىلان بۇيىچە ،2015-يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم بۇيىچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانىنى كۆلىمى 13000ئادەم ئەتراپىدا ساقلاپ،2020-يىلى 15000 ئادەم ئەتراپىدا كۆپەيتىدىكەن.