ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشى ئاممىنىڭ مائارىپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئېشىپ، نەزەرىنى باشقا نۇقتىلارغا يۆتكىشىگە سەۋەب بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي تەلىم - تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مۇقەددەس پولات ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ مەزمۇنىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئاساسلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلار ئاساسىي تېما قىلىنىپتۇ، ئالدىنقى يىلى مائارىپ ئادىللىقى، باراۋەرلىكى، ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ يىل بۇ ھەقتە كۆپ توختالماپتۇ، مېنىڭچە، ئالدىنقى يىللاردىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ئەمەلىيلىشىپ مېڭىۋېتىپتۇ. چۈنكى بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017 - يىلىغىچە توردا ئۆگىنىش قىلىشنى مەكتەپ، سىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغىچە كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭلىق بىلەن مائارىپ ئەۋزەل بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىلدىن باشلاپ چوڭ كۆلەملىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن مائارىپتا ئادىللىق، باراۋەرلىكنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىگار مىجىت مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم قوشۇن، مەيلى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بولسۇن نۇرغۇن مەسىلىنى يەنىلا مائارىپ ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا مائارىپ سەۋىيەسىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى تۆۋەن، كەسپىي جەھەتتىكى تەجرىبىسى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا مائارىپ ئىسلاھاتى جەريانىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]