ئۇيغۇربەگ : كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!…
-
سەھىپە:تېخنىكىلىق بىلىملەر
باھا:8 دانە
01-01-1970
بۇ ئەسەر،ئەسلى مەكتىپىمىزدىكى مىللىي بالىلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نەۋرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يازغان بولۇپ،2008-يىل مەھمۇد كاشىغەرىي يىلىنى قۇدلۇقلاش،ھەمدە بوۋىمىزنى مەھمۇدنى كۈيلەش ئۈچۈن يېزىلغان.بۇ شېئىرنى مۇشۇ كەمگە قەدەر مەن يازغان بىردىنبىر سۈپەتلىك شېئىر دىسەممۇ بولىدۇ،ئەمىسە،دىققىتىڭلار تۆۋەنكى قۇرلاردا بولسۇن ھە!(ياخشى يازالمىغاندىكىن،شېئىر ئۇستىلىرى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ كەتمەيلى ھە،خىجىل بوپقالسام ….)
[align=center]ئاڭلا جاھان،مانا مەن كاشىغەرىينىڭ پۇشتىمەن،
شاھزادەمەس،بىر يىتۈك ئەللامىنىڭ پۇشتىمەن،
ھەيران قالما ئاقسۇدىن ئىكەن تېگىڭ دەپ سېنىڭ،
تۈركىيلەرگە داڭق بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
مەھمۇد بوۋام قالدۇرغان <<تۈركىي تىللار دېۋان>>دىن،
تاۋاپ ئۈچۈن كېلىشتى خىل كىشىلەر ھەر جايدىن،
قىززىپ كەتتى قەشقەرىم <<كاشىغەرىي>>نىڭ يىلىدىن،
پەن كۆكىدە چاقنىغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
شاھانە شۇ <<دېۋان>>غا جاھان قايىل بولغاچقا،
قىلغان ئىشى-ئالىملىق مەقامىغا ياتقاچقا،
<<ياشا>>دېدى ب د ت،سالاھىيەت توشقاشقا،
تۈركىيشۇناس باشچىسى كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
ئۇنىڭ تىلى ئەينى چاغ ئەرەب بىلەن بەسلەشكەن،
پارس قېلىپ كەينىدە،باشقا تىللار سەتلەشكەن.
ئەڭ مۇھىمى ئۇ تىللەن <<دېۋان>>ىمىز خەتلەشكەن،
ئەل قەلبىدە كۆكلىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
كەزگەن يالغۇز جاھاننى گاھى ئاتلىق گاھ ياداق،
سۈرۈپ كەلگەن ئارقىدىن دۈشمەن بەتلەپ يا-ساداق،
كەزمىگەن چۆل قالمىغان تەنلەر ئېغىر،پۇت قاداق،
جاننى پەنگە ئاتىغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
كەزدى ئەلنى ئوتتۇز يىل تارتىپ تالاي مۇشەققەت،
ئوغرى سوقتى،قاراقچى باردى تالاي تالاپەت،
ئويلان،ئاشۇ <<دېۋان>>چۈن،كەتكەن قانچە تاپاۋەت،
پەنگە ئۆمۈر ھەيدىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
مانا ئاشۇ<< دېۋان>>دىن تەنلەر بىر يىل يايرىغان،
مەشرىق تامام مەغرىبچە پۈتكۈل جاھان قاينىغان،
مەھمۇد روھى ئەۋلادتا كۆچەت بولۇپ ئاينىغان،
بىزگە روھىي كۈچ بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
ئۇ-غەزىنە بىز ئۈچۈن، نەچچە ئەسىر قازغۇدەك،
ئۇ-خەرىتە بىز ئۈچۈن،دەۋر بويلاپ ماڭغۇدەك،
ئۇ-ۋەزىپە بىز ئۈچۈن،داستان-شېئىر يازغۇدەك،
بىزگە ئۆچمەس ئىز سالغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
بۈگۈن نەۋرۇز،نەۋرۇز ھەم تۈركلەرنىڭ قۇۋۋىتى.
ئۆزبېك،تاتار،قازاقنىڭ،قىرغىزىمنىڭ كۆرىكى،
ئەڭ مۇھىمى <<دېۋان>>نىڭ ئاجرالمىغان يۈرىكى،
يەنە بىررەت ئاڭلىۋال: كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
[/align]2009-يىلى 20- ڧىۋرال شەھىرى ياڭجۇ
2,580 گىرادۇس 8