Home >  > گەندىنىڭ تەرجىمىھالى «مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم» دىن تەسىرات

گەندىنىڭ تەرجىمىھالى «مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم» دىن تەسىرات

3

گەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلگىرى ئانچە - مۇنچە ئوقۇغان بولساممۇ، بىراق، ئۇنىڭ ھاياتى   ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىكەنمەنتۇق. تاكى يىقىندا قولۇمغا ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان تەرجىمىھالى: «مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم» ناملىق كىتابى چىقىپ قىلىپ، زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ تۈگەتكەندىلا ئاندىن مۇپەسسەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. قىسقىسى ئۇنىڭ ھەقىقانىيەت يولىدا تارتقان جەبىر - زۇلۇملىرى، ئۆز - ئىتقادىغا بولغان سادىقلىقى چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. تۆۋەندە مەزكۇر كىتابنى ئەزىزلەرگە ئاددىي تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي.

[t]كىتاب ئۇچۇرلىرى[/t]

كىتاب ئىسمى: مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم - گەندىنىڭ تەرجىمىھالى
ئاپتورى: ماخاتما مۇھەنداس كارامچاند گەندى ( ھېندىستان)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىبراھىم
كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 2000 - يىلى 4- ئاي
كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم، 733 بەت.
كىتاب مۇندەرىجىسى:
بىرىنچى قىسىم (25 باب)
ئىككنچى قىسىم (29 باب)
ئۈچىنچى قىسىم (23 باب)
تۆتىنچى قىسىم (47 باب)
بەشىنچى قىسىم (43 باب)

[t]ئاپتور ھەققىدە ئىككى كەلىمە[/t]

رابىندىرانات تاگورنى كۆپىنچىمىز ھىندىستاننىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىدىن دەپ تونىيمىز، ئەمما گەندىدىن ئىبارەت بۇ ھەققانىيەت داھىيىسىنى تونىماسلىقىمىز مومكىن. ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن تونىشىۋالايلى:
گەندى(1869 - 1948) ھازىرقى زامان ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، 20 ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىككە، ئىرىقچىلىققا، زوراۋانلىققا قارشى ئۈچ چوڭ ئىنقىلابنىڭ باشلامچىسى؛ ئۇ رىيازەتكارلىقنى، پەرھىزچىلىكنى، گۆشسىز تاماق يىيىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئافرىقىدىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغان. زورلۇق كۈچسىز قارشى تۇرۇش - گەندىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي قورالى بولۇپ، ئۇ بەزىدە «ھەققانىي كۈچ» ياكى «مەنىۋېي كۈچ» دەپ ئاتالغان. ئۇ: «باشقىلاردىن ئادىللىقنى تەلەپ قىلغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزى ئادىل بولىشى كىرەك.» دەپ قاراپ، «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل»، «بىخاتساۋاتىگا» نوملىرىنى قىتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، ھەرخىل دىنلارنىڭ ئىجادىي تەشەببۇسلىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلغان. ھاياتىدىكى بىر ئىش ئىزىلىرى بىلەن، ئۇ ھىندىستانلىقلار تەرىپىدىن «دۆلەت ئاتىسى»، «مۇقەددەس قەھرىمان» دېگەن ئاتانلارغا مۇيەسسەر بولغان. 1948 - يىلى بىر ھىندى دىنى مۇرتى تەرىپىدىن قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

[t]كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى[/t]

پۈتكۈل كىتاب گەندىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى بايان قىلغان بولۇپ. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن ئۆز ئىلىدا تۇرۇپمۇ خورلىنىۋاتقان، دىننىي مەزھەپلەرنىڭ تۈگىمەس توقۇنۇشلىرى ئىچىدە نادان قالغان خەلىقنىڭ ئەھۋالىغا قاتتىق ئىچىنغان گەندى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىيىن لوندۇنغا بىرىپ ئوقۇشنى ئىرادە قىلىدۇ ۋە جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەتئىي رەت قىلىشى بىلەن تەبىقە سالاھىتى بىكار قىلىنىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنىشى چەكلىنىدۇ. شۇ خىل شارائىتتا ئۇ كۆپ مۆشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ لوندۇنغا بارىدۇ.
گەندى گۆشسىز تاماق يىيىشنى بىرخىل ئەقىدە سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان بولۇپ، لوندۇنغا بارغاندىن كىيىن تاماق مەسىلىسىدە ئىنتايىن قىينىلىدۇ. ھەتتا گۆشسىز تائام تاپالماي نەچچە كۈن ئاچ قالىدۇ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق مەسخىرىسىگە ئۇچىرايدۇ، لېكىن ئۇ روھىي پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىز پۈكمەيدۇ.
گەندى ئادۇكاتلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىش تاپالمايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچىرايدۇ. ئۇ ئاخىرى جەنۇبى ئافرىقىغا بارىدۇ ۋە شۇ يەردە ئادوكاتلىق قىلىپ نام قازىنىدۇ. كىيىن جەنۇبى ئافرىقىدىكى كۆچمەن ھېندىستانلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن سەپ ئالدىغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ مۇستەملىكىگە، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۆرىشى رەسمىي باشلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئۇخىل قارشىلىقنىڭ تەسىرى بارغانسىرى كىڭىيىپ دۆلەت ئىچىدىكى ھىندىستانلىقلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان تارىخىدىلا ئەمەس، دۇنيا تارىخ سەھىپىسىدىمۇ «زورلۇق كۈچسىز قارشىلىق كۆرسىتىش» تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەت خاتىرلىنىدۇ.
گەندى ھاياتىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئاددىي - ساددا بولغان تۇمۇش ئادىتى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

[t]كىتاب ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم[/t]

يارقىن نوقتىلار:1. پۈتكۈل كىتابتىن بىرخىل ئەقىدە كۈچىنىڭ سىيماسىنى كۆرىۋالالايمىز. بىر ئىنسان ئۆز پاكلىقىنى، ئەقىدىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چەكسىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىش مومكىن، ئەمما ھەممىنى يىڭىپ كىتەلەيدۇ، مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆزىنى يىڭەلىشىدە.
2. گەندى دىنسىزلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان تەلپۈنىشىنى توسۇپ قويغان ھىندى دىنىنىڭ بەزى مەزھەپلىرىدىن دادىللىق بىلەن گۇمانلىنىدۇ. قەلبىدىكى ھەققانىيەتنى تىپىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئۇلۇغ دىن سۈپىتىدە تەسۋېرلەيدۇ.
3. گەندىنىڭ گۆشسىز تائام يىيىش ئەقىدىسى ئاساسلىق ئانىسىغا ئەنگىلىيگە مىڭىشتىن بۇرۇن بەرگەن قەسىمىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى باشقا بالىلارغا ئەگىشىپ يۇشۇرۇن ھالدا، گۆشلۈك غىزا يىگەن بولسىمۇ، شۇ قەسەمدىن كىيىن گۆشسىز تائام ئۈچۈن كۆپ بەدەللەرنى تۆلىدى ۋە قەتئىي يىمىدى. بۇنى بىز مۇسۇلمان ياشلارنىڭ يات ئەللەردە سەرگەردان ھاياتىغا تەتبىقلىغاندا نۇرغۇن ئىجابىيلىققا ئىگە بولىمىز.
سەلبىي نوقتىلار: 1. گەندى ئىزچىل «زورلۇق كۈچسىز قارشىلىق كۆرسىتىش» نى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىنقىلابتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ بىرخىل تارتىنچاق، جۈرئەتسىز خارەكتېرى مېنى ھوزۇرلاندۇرلامىدى. ئاندىن ھەققانىيەتنى مەڭگۈ «زورلۇق كۈچسىز قارشىلىق كۆرسىتىپ» قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىدىن مەن گۇمانلىنىمەن.

[t]گەندى ھېكىمەتلىك سۆزلىرى[/t]

1. ئەتە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ياشا، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئۈگەن.
2. ھاياتلىق ئۆلۈمدىن باشلىنىدۇ. بۇغداي ئۇرۇقى مايسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆلىشى كىرەك.
3. ئىرادە كۈچىمىزنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ يەتسەك ئىدۇق، قورال كۈچىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولاتتۇق.
4. سان - ساناقسىز مىساللار مېنى شۇنىڭغا ئىشەندۈردىكى: خۇدا ھامان ھەققانىي ھەرىكەت قىلغانلارنى قۇتقۇزىدۇ.
5. ئىبادەت ھەرگىزمۇ تەلەپ ئەمەس، ئۇ بىر خىل روھىي تەلپۈنۈش.
5. قۇل كىشىدە مۇھەببەت بولمايدۇ، مۇھەببەت باتۇرلارنىڭ خاسلىقىدۇر.
6. ئۆزىمىزنىڭ ئۆلۈمىدىن تولىمۇ قورۇققانلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرىمىز!
7. نامراتلىق ئەڭ قاملاشمىغان قارا كۈچتۇر.
8. يەريۈزىدىكى يارالمىلار ھەربىر كىشىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشىنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ.
9. دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن تەبئىيلا ئۆزىمىز ئۆزگىرىپ كىتىمىز!
10. ۋاستىنىڭ قەبىھلىكى جەزمەن مەقسەتنىڭ رەزىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 

كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە pdf نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. خەنزۇچە نۇسخىسىنى تۆۋەندىن چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ!
مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (3)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/08/28 10:13

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكەتتىكى يازمىلارنىڭ يۆلىنىشى مەلۇم بىر تەرەپنى كۆرسىتىپ قېلىۋاتىدۇ. بەلكىم توغرا يۆلىنىشنى تاپقاندۇ، ياكى يېقىنلاشقاندۇ…. :lol: چۈنكى جەميەتمۇ شۇ دە!

  2. تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/08/28 11:30

    مەلۇم بىر يۆلىنىشكە مىڭىشى ئېنىق، چۈنكى ئەسەرلەر كۆپەيگەنسىرى خاسلىق بەلگىلىنىدىغان گەپ… ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈم قىززىقىدىغان ھەممە ساھەدە ئىزدىنىپ بېقىشنى ياخشى كۆرىمەن. بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلار ئۈمۈدسىزلىك بىلەن قايىتمىسىلا مەن رازى!

  3. سارايۋەن [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/09/14 00:07

    بىلوگلىرى راسلا ئىسمى جىسمىغا لايىق ئادەمنى تەشنالىق بىلەن قاندۇردىغان بىلوگ بوپتۇ

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش