Home >  > «ياغاچ مېدال» رومانىدىن تەسىرات

«ياغاچ مېدال» رومانىدىن تەسىرات

11

ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال... دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمما «ياغاچ مېدال» زادى قانداق بولىدىغاندۇ؟ بۇ كىتابقا نېمە ئۈچۈن موشۇنداق غەلىتە ئىسىم قويغاندۇ؟ چوپانى دېگەن كىم؟ كىتاب مۇقاۋىدىكى پىلىموتىنى مەھكەم تۇتۇپ، جەڭگاھتا مەغرۇر كىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى زادى كىم؟ ئەجىبا ئۇ رىئال شەخىسمىدۇ؟... موشۇ سۇئاللىرىمنىڭ كۈچلۈك قىزىقتۇرىشى بىلەن «ياغاچ مېدال» رومانىنى قولۇمغا ئېلىپ قالدىم ۋە قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. تۈگەتتىميۇ بېشىدىكى بەزى سۇئاللىرىم تېخىمۇ كۆپ سۇئاللارغا چىرمىشىپ سۇئال پىتى قالدى؟ ئەجىبا پىلىموتىنى مەھكەم تۇتۇپ، جەڭگاھتا مەغرۇر كىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى رىئال شەخىس ئەمەسمىدۇ؟! ئۇنداقتا ئالدى بىلەن مەزكۇر كىتابنى بىر تونۇپ چىقايلى:

كىتاب چۈشەندۈرۈلىشى

كىتاب ئىسمى: ياغاچ مېدال
ئاپتورى: چوپانى (مۇھەممەد ئەھمەد)
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:2001 - يىلى 3- ئاي
كىتاب باھاسى:14.50 يۈەن
كىتاب ھەجىمى: 4 قىسىم، 32 كەسلەم 348 بەت(بىرلا كىتاب)
كىتاب مۇندەرىجىسى:
بىرىنچى قىسىم - پىغان قاپلىغان دۇنيا (107 بەت)
ئىككىنچى قىسىم - تۇنجى مۇھەببەت (82 بەت)
ئۈچىنچى قىسىم - جەڭگاھ (117 بەت)
تۆتىنچى قىسىم - ياغاچ مېدال (41 بەت)

ئاپتور ھەققىدە ئىككى كەلىمە

مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى 1962 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپانى يېزىسى شەيخىلا كەنتىدە، مەرىپەتۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1979 - يىلى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ،1999 - يىلىغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1999 - يىلىدىن ھازىرغىچە قاغىلىق ناھىيىلىك سىياسىي كىڭەشتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇ 1984 - يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ» ناملىق تۇنجى ھىكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا 200 پارچىگە يىقىن شىئىر، 42 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايسى ئېلان قىلىنغان. «ساماۋى قەلئە»، «ئاخىرقى تەبەسسۇم» ناملىق پوۋسىت توپلاملىرى، «سەمەندەر» ۋە «ياغاچ مېدال» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قېلىنغان.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

رومان ۋەقەلىكى 1945 - يىللىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، شۇ ئېنقىلابنىڭ كىچىككنە بىر قىسمى سۈپىتىدە، گومىنداڭنىڭ رەھىمىسزلەرچە زۇلۇمىغا ئۇچىرىغان چوپانى خەلقنىڭ قارشى كۆرەشلىرى ۋە شۇ ئەتىراپتا ئەۋجىگە چىققان ئېنقىلابىي ھەرىكەتلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. رومان باش قەھرىمانى ئايزۆھرە ۋە ياقۇپنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى ۋە كىشىلىك مۇھەببەت، ئىنسانىي ھۆرلۈككە بولغان چەكسىز تەلپۈنىشىنى ئىپادىلىگەن.
روماننىڭ بېشىدىلا بىر ئايالنىڭ ئۆز بالىسىنى دەرياغا تاشلاش ئالدىدىكى ئىككىلىنىش ۋە ئازابلىرى يېزىلىدۇ، ئاندىن تەتۈر بايان شەكلىدە، ئۇنىىڭ بالىسىنى دەرياغا تاشلاشتىكى سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:
ئايزۆھرەنىڭ ئائىلىسىدىكلەر چوپانى كەنتىدە دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، دادىسى رۇسۇلبەگ يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ئىدى. بىر كۈنى كەنىتكە «بىر توپ گومىنداق قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، قورال - يىراقلىرىدىن ئايرىلىپ گۇما تەرەپتىن يەكەنگە قاراپ كىتىۋاتقانلىقى، چوپانى كەنتىدىن ئۆتىدىغانلىقى» دىن ئىبارەت خەۋەر كىلىدۇ. ساددا خەلق گومىنداڭ چىرىكلىرىنى يوقىتىپ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قولىغا كالتەك - توخماق ئېلىپ چىرىكلەرنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن چىرىكلەرنىڭ قوراللىرى بار بولۇپ قىلىپ، تالايلىغان بىگۇناھ خەلقنى قىرىپ تاشلايدۇ. شۇ قاتاردا ئايزۆھرەنىڭ دادىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنى بىر قۇلاقسىز سەت چىرىك چىپىپ تاشلايدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن چوپانى كەنتىدە ئۈزۈلمەي قىرغىنچىلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئايزۆھرەنىڭ ئاكىسى يولۋاس قىساس ئېلىش ئۈچۈن گومىنداڭ چىرىكلىرى بىلەن قارشىلاشقاچقا، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئايزۆھرەنىڭ ئاكىسى، ئانىسى ۋە باشقا يىقىن - يىراق تۇققانلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدى بولغان يىگىتى ياقۇپنى تۇتۇپ كىتىدۇ. ئەڭ ئەشەددىي بولغىنى، ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ھېلىقى قۇلاقسىز چىرىك، بىر كۈنى ئايزۆھرەنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلىدۇ. ئازاپقا چىدىمىغان ئايزۆھرە ئېسىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ، ۋە قۇلاق تۈۋىدە توختىماي ياڭراۋاتقان «قىساس» چۇقانى بىلەن توختاپ قالىدۇ.
«قىساس» ئېلىش مەقسىتىدە ئايزۆھرە يۇرتىدىن چىقىپ كىتىدۇ ۋە باشقا كەنىتتە بىر موماينىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇزۇنغا بارماي ئۇ موماينىڭ ئوغلى كامالغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. كىيىن ئۇ بالىلىق بولىدۇ، بىراق ئۇ بالا ئايزۆھرەنىڭ دادىسىنىڭ قاتىلى - قۇلاقسىز چىرىكنىڭ پۇشتى بولۇپ، بۇنى كامال بىلمىگەچكە «ئۆز بالام» دەپ قارايدۇ، بىراق ئايزۆھرە ئۆز ئاتىسىنىڭ قاتىلىنىڭ پۇشتىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغىنىدىن قاتتىق ئەلەم چىكىدۇ ۋە كىتابنىڭ بېشىدا تەسۋېرلەنگەندەك ئۇ بالىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يەنە شۇ ئانا مىھرى، يەنە شۇ ئىنسانىي مۇھەببەت ئۇنى تۇتۇپ قالىدۇ.
كىيىن تاسادىبي ھالدا گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياقۇپنى دۈشمەنلەرنىڭ قوغلاۋاتقان يىرىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن كامال - ياقۇپ - ئايزۆھرە ئوتتۇرىسىدا بىر تالاي ھېسىيات توقۇنۇشلىرى كىلىپ چىقىدۇ. كىيىن ئايزۆھرە ياقۇپنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن، قوشنىسى بولغان بىر :ئىمام« تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ. ئايزۆھرە شۇنىڭدىن كىيىن تاغقا - ئېنقىلابچىلارنىڭ قىشىغا بىرىپ، قولىغا قورال ئېلىپ كۆرەش قىلىدۇ. ياقۇپمۇ باشقا بىر روتىدا ئېنقىلابقا قاتنىشىدۇ. كامال كۈندەشلىك بىلەن ئاخىرى ئېنقىلابقا ساتقىنلىق قىلىپ، ياقۇپنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. كىيىن ئايزۆھرە كامالنى ئەسىر چۈشكەن دۈشمەنلەر قاتارىدا تۇتىۋىلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئېنقىلاب غەلبە قىلىپ، گومىنداڭ بىلەن مىللىي ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا «11 بېتىم» ئىمزالىنىدۇ. جەڭلەردە كۆرسەتكەن زور تۆھپىلىر ئۈچۈن، ئايزۆھرەگە ئالتۇن مېدال مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئارىلىقتا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، گومىداڭچىلار كونا ئېنقىلابچىلارنى قايتىدىن تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئايزۆھرەنىڭ بوينىغا ياغاچ تاختاي ئېسىپ، «ئالتۇن مېدال ئورنىغا ياغاچ مېدال بېرىلدى» دەپ سازايى قىلىدۇ.
كىيىن شىنجاڭ ئازات بولغاندىن كىيىن ئايزۆھرە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. يازغۇچىلىق قىلىدۇ. ياشلىقتىكى تۇنجى مۇھەببىتى ياقۇپ ئۈچۈن تەنھا ئۆتىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن خيالىي سىردىشىدۇ. مەدەنىيەت ئېنقىلابى ۋاقتىدا ئايزۆھرە ۋە يەنە بىر قىسىم كونا ئېنقىلابچىلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە تۈرلۈك بەتناملار بىلەن قىيىن - قىستاق، جازا، سازايى قىلىنىشلارغا ئۇچىرايدۇ. كىيىن يەنە تۈرمىدىن چىقىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كىلىدۇ. ھاياتنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگىچە ياقۇپنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇۋا - تىلاۋەت قىلشنى، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

كىتاب ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم

1. مەزكۇر روماننىڭ تىلى ئۆزگىچە يىقىملىق. كىشىگە بىرخىل شىئىرىي تۇيغۇ بېرىدۇ(بېشىدا ئاپتورىنى ئايالمىكىن دەپتىكەنمەن). ئەدەبىي تىل، يەرلىك شىۋىلار ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن. پرسوناژلىرىنىڭ خاسلىقى كۈچلۈك. ھېسىياتقا باي.
2. رومان ۋەقەلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ باش پىرسوناژلار تەقدىرىنىڭ تۈرلۈك تاساددىپىلىقلار بىلەن راۋاجلىنىشى، ۋەقەلىك باش ئاخىرنىڭ ماسلىشىشى باشقا رومانلاردىن پەرىقلىنىدۇ.
3. پۈتكۈل رومان ۋەقەلىكىدىن بىر خىل كومۇنىزىم ئىددىيسىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى كىلىپ تۇرىدۇ. پرسوناژلارنىڭ خۇداغا دادلاپ قىلغان رىتورىك خىتابلىرى بەزىدە، ئادەمنى تولىمۇ غىدىقلايدۇ، مەسىلەن: «خۇداغا نالە قىلدىم، سۇئال قويدۇم، ئىلتىجا قىلدىم، خۇدالىقىڭنى بىر كۈنلا بەر دەپ، ئەگەر بەرسە دۇنيانى، ئىنسانلارنى باشقىدىن يارىتاتتىم. بىراق بۇ مومكىنمۇ؟» - ياقۇپ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەر ۋەقەلىكىنى بايان قىلىشتا پرسوناژلارنىڭ دىننىي تۇرمۇشىنى بايان قىلشتىن قەتئىي چەكلەنگەن. مەسىلەن: ناماز ئوقۇش، تارەت ئېلىش... دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى ھېچقانداق پرسوناژدا ئۇچىرىتىش مومكىن ئەمەس. ئەكىسىچە، «ئىمام» نىڭ ئايزۆھرەگە ئەسكلىك قىلىشىدىن ئىبارەت كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان، ئەمما ئومۇمىيلىققا ئىگە بولمىغان تەسۋېر مەزكۇر روماندىن ئورۇن تاپقان.
4. ئاپتور قىممەت قاراش جەھەتتە مۇھەببەت، ئەركىنلىكنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆز پەلسەپىسىنى يورغىلاتقان، ئەمما مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئوبىكتى، ئەركىنلىكنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزمىگەن.
5. مەزكۇر روماننى چوقۇم بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىدىم. گەرچە يۇقارقىدەك بىتەرەپلىمىلىكلەردىن خالىي بولمىسىمۇ، يەنە نۇرغۇن ئىجابىي ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.


 

مەزكۇر روماننىڭ ئېلىكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ:
چۈشۈرۈش ئادرىسى: مەنزىل كىتاب ئامبىرى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (11)
نەقىللەر (0)
  1. ئەلىف [ جۇغلانما: 7 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/11/02 13:07

    سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىڭىزنى ئوقۇسا كىتاب ئوقۇغۇسى كەپ كېتىدىكەن كىشىنىڭ…
    مەن ھازىر ‘مېنىڭ مۇسۇلمان دادام’ دېگەن كىتابنى ئوقۇۋاتقان، شۇ تۈگىسە بۇنىڭغا نۆۋەت كېلەر ئنشائاللاھ.

  2. بىلىم ئەپەندىم [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2013/11/02 14:04

    ئۈزلۇكسىز تىرشىڭ . ياخشى تىما ..

  3. مۇئەللىم [ جۇغلانما: 20 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2013/11/04 00:48

    ئۇنۋېرسال ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى ، دېسە .
    ھىلى كىتاب ئوقۇۋاتقان ،
    ھىلى ئۇسلۇب بىشىدا .
    ھىلى ئەپ ياساۋاتقان ،
    كۆپلەر ئۇخلايدۇ بۇنىڭ يېشىدا …..

    ئەمما ، تاس قالىدۇ ، بىلوگ ئاتلىق جاناننىمۇ تاقاپ ، پىنگىۋىننىمۇ تاشلاپ ، تەركىي دۇنيالىقنى باشلىغىلى …………ئەجەپ زىرىكتىم ماۋۇ سەت ئىپادە قونچاقلىرىدىن ….تاللاي مەيلى ! :grin:

    • ھاجى [ جۇغلانما: 95 نومۇر ] unknowunknow @ مۇئەللىم 2013/11/04 10:31

      @مۇئەللىم : راس ماڭىمۇ ئانچە يېقىشلىق كۆرۈنمىدى بۇ قونچاقلار… ۋاقىت چىقسا ماۋۇ بىلوگ ئاتلىق جاناننى بىر ياساندۇرۇپ قويساق ئوبدان بولاتتى. :roll:

    • تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow @ مۇئەللىم 2013/11/04 12:00

      ھى ھى، ئۇنۋېرسال دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمدى شۇ قىزىقىشلار ھەرخىل بولىۋاتىدۇ بۇ ياشلىقتا! ئالدىراشچىلىقتا تەركى – دۇنيامۇ بوپ كەتتم، بەزىدە! ئەمما پات – پات ئاغامنى يوقلاشنى ئۇنۇتمىدىم!
      زادى موشۇ ئۇسلۇبنىڭ تۈزەشتۈرىدىغان بىر يەرلىرى كۆپ ئىدى، ئالماشتۇرۇپلاۋىتەي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، ئولتۇرۇپ تۈزەيدىغانغا ۋاقىت چىقماي، ۋاقىت چىققاندا خوشياقماي موشۇ يەرگە كەلدى :razz: .

  4. ۋەھىمە [ جۇغلانما: 3 نومۇر ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/11/09 01:44

    مەندە تۇنجى نەشىرى بار ، تىخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەپتىمەن ، ئوقۇغۇدەك كىتاپ تىن بىرسى چىققى ، ھايات شامالىرى دىگەن روماننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇچۇنچى قىسمىنى ئىزدە ۋاتىمەن ، ئىزدىشىپ بەرگەن بولساڭلار ،

    • تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow @ ۋەھىمە 2013/11/09 14:39

      سەمەت دۇگايلىنىڭ «نۇرلۇق قەلبلەر»، «گۈلئايىم»، «ھايات شاماللىرى» قاتارلىق رومانلىرىنى تولۇق ئوقۇپ باقماپتىمەن. كىتابنى ئىزدەپ باقاي – ھە!

    • مەلەك [ جۇغلانما: 12 نومۇر ] unknowunknow @ ۋەھىمە 2013/11/13 14:22

      ھايات شاماللىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى قەشقەردىكى بىر كونا كىتابچىدە كەڭرىچىلىك، ئەمما بىرىنچى قىسىمى تېپىلمايۋاتىدۇ….

      ياغاچ مىدال ناملق بۇ كىتابنى ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئېلىپ تېخى ئوقۇشقا تۇتۇش قىلماي تۇرۇپلا يوقىتىپ قويۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولغانىدىم،
      خەپ باشقىلار ئوغۇرلىۋالغىدەك قاندەك كىتاب بولغىيدى بۇ دەپ بىر ئوقۇشقا چۈشۈپ كەتتىم، ھەقىقەتەن ئېسىل كىتابكەن، بۇ كىتابتا مېنى ئەڭ ئازابلىغىنى باشقا كىتابلاردا كۆرمىگەن ،ئاڭلىسىمۇ ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدىغان جازالاش ئۇسۇللىرى…
      بۇ كىتابنىڭ قوشمىقى بولغان ، سەمەندەرنى ئوقۇسىڭىز بولغىدەك ئەمدى.

      • تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow @ مەلەك 2013/11/13 18:09

        «ياغاچ مېدال» نىڭ تىلى ئاجايىپ بىر خىل ھە! «جاللات خېنىم» رومانىدا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قىيناش ئۇسۇللىرىنى كۆرگېنىم ئىسىمدە، «زىندان خاتىرىلىرى» دىكىچۇ تېخى…
        «سەمەندەر» نى سىز ئوقۇپ بولدىڭىزما؟! ئەمدى مەن شۇ كىتابنى قولۇمغا ئالسام بولغۇدەك، ئېلىكىتاب نۇسخىسىنى باستۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغانتىم.. :oops:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش