تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ زامانىمىزغا كەلگەندە، ئىنتېرنېت توردىن ئىبارەت بۇ نەرسە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىشىنىمەنكى، موشۇ يازمېنى كۆرۈپ ئولتۇرغان سىز ئۈچۈن، ئادەمسىز چۆلدە ياشاشتىن، تورسىز ئىپتىدائىي مۇھىتتا ياشاش قېيىن كېلىدۇ. دېمەك، تۇرمۇشىمىزنىڭ شۇنچە مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ تورنىڭ زادى قانداق قۇرۇلمىلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى، قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى خالىغان بىر كومپىيۇتېرنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكا سان فىرانسىسكودىكى مەلۇم مۇلازىمىتىردىن ئۇچۇرلارنى قوبۇللاپ ئالالايدىغانلىقىدەك... ماھىيەتلىك تەرىپىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىپ قويۇش خىلى مۇھىمدەك تۇرىدۇ. شۇنداق، بۇھەقتە بىر يۈرۈش يازمېلىرىمىز ئارقىلىق تور كېلىشىمى ھەققىدە مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولۇپ قالغۇسىمىز!
1. ئىنتېرنېت تور كېلىشىمى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
1.1 بەش قەۋەتلىك ئىنتېرنېت مودىلى ھەققىدە
پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورى نۇرغۇن قەۋەتلەردىن، ھەربىر قەۋەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئېگىز بىنالارنى مىسال ئالايلى، ئۈستى قەۋەتلىرى چوقۇمكى ئاستى قەۋەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئادەتتە مەلۇم قەۋەتتە ئولتۇرغان بىزلەر ئاستى قەۋەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاساسەن ئەسكە ئېلىپ ئولتۇرمايمىز ،شۇنىڭدەك، تور ئىشلەتكىچىلىرىمۇ ئادەتتە پەقەت ئەڭ ئۈستى قەۋىتى بىلەنلا زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن، ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ھەققىدە ماھىيەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ.
ھازىرغىچە ئىنتېرنىت تورىنى ھەرخىل ئۇسسۇلدا قەۋەتلەرگە بۆلۈپ كەلدى، بەزى مودىللاردا 7 قەۋەتكە، بەزىلىرىدە 4 قەۋەتكە بۆلىدى. مېنىڭچە يەنىلا 5 قەۋەتلىك مودىل ئەڭ چۈشىنىشلىك. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ باقايلى:
يۇقىرىقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، مەزكۇر مودىلنىڭ ئەڭ ئاستى قەۋىتى "فىزىكىلىق قەۋەت" (Physical Layer) ، ئەڭ ئۈستى "ئەپ قەۋىتى" (Application Layer)، ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قەۋەت(ئاستىدىن – ئۈستىگە) ئايرىم ھالدا "ئۇلانما قەۋىتى" (Link Layer)، "تور قەۋىتى" (Network Layer) ۋە " يەتكۈزۈش قەۋىتى" (Transport Layer) لەردىن ئىبارەت. ئاستىنقى قەۋەتلىرى قاتتىق دېتالغا مايىل كەلسە، ئۈستىگە يىقىنلاشقانسىرى ئىشلەتكۈچى (ئابونىت) گە مايىللىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ قەۋەتلەرنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىشى ئانچە مۇھىممۇ ئەمەس، مۇھىم بولغىنى، ئىنتېرنېت تورىنىڭ نۇرغۇن قەۋەتلىك مودىل قۇرۇلمىسىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت.
1.2 قەۋەت ۋە كېلىشىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ھەربىر قەۋەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دەل مەلۇم بۆلەكلىك ئىقتىدارنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈندۇر. بىر پۈتۈن ئىقتىدار ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەرقايسى قەۋەتلەر ئارا ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان، ھەرقايسىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىدىغان بىر يۈرۈش قائىدىلەر بولۇشى كېرەك.
ئېنىق بولدىكى، ھەرقايسى قەۋەتلەر ئورتاق ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان بۇ قائىدە - تۈزۈلمىلەر دەل "كېلىشىم" (protocol) دىن ئىبارەتتۇر.
ئىنتېرنېت تورىنىڭ ھەربىر قەۋەتلىرىدە نۇرغۇن كېلىشىملەر بىكىتىلگەن. مانا بۇ كېلىشىملەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "ئىنتېرنېت كېلىشىمى" (Internet Protocol Suite) دېيىلىدۇ. بۇلار ئىنتېرنېت تورىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۆۋەندە ھەربىر قەۋەتنىڭ رولىنى، ئېنىقراقى ھەربىر قەۋەتنىڭ كېلىشىم مەزمۇنلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
2. فىزىكىلىق قەۋەت ھەققىدە
ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن باشلاپ تونۇشۇشقا باشلايلىدىغاندەك تۇرىمىز.
ئىنتېرنېت تورىنى تېخى پەيدا بولمىغان دەپ تۇرايلى. سىز شىركىتىڭىزدىكى بارلىق كومپىيۇتېرلارنى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئۇچۇر بەھرىلەنگىلى بولىدىغان تار دائىرىلىك تور (局域网- Local Area Network) شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئويلىشىدىغنىڭىز نېمە؟ شۈبىھسىزكى، قانداق قىلىپ كومپىيۇتېرلارنى بىر – بىرىگە ئۇلاشتىن ئىبارەت(ئەلۋەتتە توك سىمى بىلەن ئۇلاپ قويغانغىلا بولمايدۇ). ئوپتىك كابىل، كابىل، قوش سىم، ياكى سىمسىز رادىئو دولقۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن.
مانا بۇلار "فىزىكىلىق قەۋەت" دېيىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېرلارنى بىر – بىرگە ئۇلاشتا قوللىنلىدىغان فىزىكىلىق ۋاستىلەردىن ئىبارەت. بۇ ۋاستىلەر ئاساسلىقى تورنىڭ ئېلىكترونلۇق خاسلىقىنى بەلگىلىگەن. يەنى، تور ئۇچۇرلىرىنىڭ 0 ۋە 1 شەكلىدىكى ئېلىكترون سىگىناللىرى ھالىتىدە يۈتكۈزۈلىشىنى بىكىتكەن.
3. ئۇلانما قەۋەت ھەققىدە
3.1 ئۇلانما قەۋەتكە قىسقىچە ئېنىقلىما
ئۇچۇرلارنى پەقەتلا 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن بىر تالاي ئېلىكتېر سىگىناللىرى ھالىتىدە فىزىكىلىق قەۋەت ئارقىلىق يەتكۈزۈشلا كۇپايە ئەمەس. چوقۇم يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئوقۇلۇش(يەنى يېشىلىش) ئۇسسۇلىنى بەلگىلەش؛ قانچە ئېلىكتېرونلۇق سىگىنالنىڭ بىر گۇرۇپپا ئېكەنلىكى، ھەربىر سىگىنال ئورنىنىڭ نېمىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقلىرىنى بەلگىلەش زۆرۈر.
مانا بۇ ئىشلارنى "ئۇلانما قەۋەت" تاماملايدۇ. ئۇ "فىزىكىلىق قەۋەت" نىڭ ئۈسىتىگە جايلىشىپ، ئاساسلىقى 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت ئىلېكتېر سېگىناللىرىنىڭ بىرىكىش شەكلىنى بەلگىلەيدۇ.
3.2 دائىرلىك توركېلىشىمى
بۇرۇنلاردا ھەربىر شىركەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئېلىكتېر سىگىنالىنى گۇرۇپپىلاش ئۇسسۇلى بار ئىدى. كېيىن بارا – بارا " دائىرلىك تور" (Ethernet以太网) كېلىشىمى ئاساسىي ئىقىمغا ئايلىنىپ كەتتى.
دائىرلىك توردا بىر گۇرۇپپا ئېلىكتېر سىگىنالى بىر سانلىق مەلۇمات بوغچىسى (قىسقارتىپ مەلۇمات بوغچىسى دەپ ئېلىنىدۇ)، يەنى كاندۇك (Frame) قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ. ھەربىر مەلۇمات بوغچىسى ئىككى قىسىم - باش قىسمى (Head) ۋە مەلۇمات قىسمى (Data) دىن تەركىبلەنگەن.
"باش قىسمى" : مەلۇمات قىسمىنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، مەلۇماتنى يوللىغۇچى، قوبۇللىغۇچى، مەلۇمات تىپى قاتارلىقلار.
"مەلۇمات قىسمى": سانلىق مەلۇمات بوغچىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق مەزمۇنلاردىن ئىبارەت.
"باش قىسمى" نىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇقىم 18 بايىت. "مەلۇمات قىسمى" نىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولغىنىدا 46 بايىت، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنىدا 1500 بايىت بولىدۇ. دېمەك، پۈتۈن بىر مەلۇمات بوغچىسى ئەڭ قىسقا بولغىنىدا 64 بايىت، ئۇزۇن بولسا 1518 بايىت بولىدۇ. ئەگەر يەتكۈزۈلىدىغان سانلىق مەلۇمات بەك ئۇزۇن بولسا، چوقۇم بىر نەچچە مەلۇمات بوغچىسىغا بۆلۈپ يوللىنىدۇ.
3.3 Mac ئادرىسى ھەققىدە
يۇقىرىدا دائىرلىك توردا يەتكۈزۈلىدىغان مەلۇمات بوغچىسى "باش قىسمى"نىڭ، يوللىغۇچى ۋە قوبىللىغۇچىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇنداقتا، مەلۇمات بوغچىسى يوللانغىنىدا ياكى قوبۇل قىلىنغىنىدا، يوللىغۇچى ۋە قوبۇللىغۇچى قانداق تونۇشىدۇ؟
دائىرلىك تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق ئۈسكۈنىنىڭ تور كارتىسى(网卡- network adapter) بولۇشى شەرت. دېمەك، مەلۇمات بوغچىسى چوقۇم مەلۇم بىر تور كارتىدىن تارقىتىلىپ، نىشان تور كارتىغا يەتكۈزۈلىدۇ. تور كارتىلىرىنىڭ مۇقىم بىكىتىلگەن نومۇرى بولىدۇ، مانا شۇ نومۇرلار دەل مەلۇمات بوغچىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ۋە قوبۇل قىلىش ئادرىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئادرس تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرىسى دىيىلىدۇ.
خۇددى بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆزگەرمەس كىملىك نومۇرىمىز بېكىتىلگىنىدەك، ھەربىر تور كارتىسى زاۋۇدتىن چىققىنىدىلا پۈتۈن دۇنيادا بىردىنبىر MAC ئادرىسى بېكىتىلىدۇ. يەنى، بۇ بىر 48 خانە ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككىلىك سېستىما قىممىتى بولۇپ، ئادەتتە قولاي بولسۇن ئۈچۈن 12 خانە ئون ئالتەلىك سېستىما بويىچە ئىپادىلىنىدۇ.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئالدىنقى 6 خانە سان بۇ تور كاتىسىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇد نومۇرى، كېيىنكى 6 خانە مەزكۇر زاۋۇدنىڭ تور كارتا ئۇلاشتۇرۇش نومۇرى (流水号) غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دېمەك، پەقەت MAC ئادرىسى بولسىلا، مەلۇمات تارقىتىدىغان ۋە قوبۇللايدىغان تور كارتىلىرى ۋەيەتكۈزۈلىدىغان مەلۇمات بوغچىسىنىڭ ئادرىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.
3.4 رادىئو ھەققىدە
مەلۇمات بوغچىلىرىنىڭ ئادرىسنى بېكىتىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، خالاس. تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
ئويلايلى! ھازىر مەلۇمات بوغچىسى تارقىتىدىغان ۋە قوبۇللايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ تور كارتىسى ئادرىسلىرى بىكىتىلگەن بولدى، بىراق ئىككى تور كارتا بىر - بىرىنىڭ MAC ئادرىسىنى قانداق پەرتقلەندۈرىدۇ(چۈشىگە كىرىپ قالمايدۇ ئەلۋەتتە) ؟
يەنە بىر ARP دەپ ئاتىلىدىغان كېلىشىم باركى، دەل موشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ كېلىشم ھەققىدە يازمېمىزنىڭ داۋامىدا توختىلىمىز.بۇ يەردە پەقەت دائىرلىك تورنىڭ مەلۇمات بوغچىسىنى قارشى تەرەپنىڭ MAC ئادرىسىنى بىلەلىگەن ئەھۋالدىلا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئىسىمىزدە ساقلىۋالساق كۇپايە.
ئەمدى، MAC ئادرىسىنى پەرق ئېتەلىدىمۇ دەيلى، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن، سېستىما مەلۇمات بوغچىسىنى نىشانغا توغرا يەتكۈزۈپ بېرەلەمدۇ؟
جاۋابى: دائىرلىك تور بۇ خىل تولىمۇ "ئىپتىدائىي" ئۇسسۇلدا، مەلۇمات بوغچىسىنى بىز ئويلىغاندەك مەلۇم كومپىيۇتېرغا مەخسۇس يەتكۈزۈپ بەرمەستىن، بەلكى، تورغا ئۇلانغان بارلىق كومپىيۇتېرلارغا بىراقلا تارقىتىپ بېرىپ، ھەر كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزى تونۇۋىلىشىغا قويۇپ بېرىدۇ.
يۇقىرىقى رەسىمدە. 1 - كومپىيۇتېر 2 – كومپىيۇتېرغا بىر بوغچا يوللىماقچى ئىدى. نەتىجىدە، مەزكۇر تورغا ئۇلانغان 3،4،5 – كومپىيۇتېرلارمۇ بۇ ئۇچۇرلارنى تاپشۇرىۋالدى. ئۇلار مەزكۇر بوغچىنىڭ "باش قىسمى" غا يېزىلغان "قوبۇللىغۇچى تەرەپنىڭ MAC ئادرىسى"نى ئوقۇپ ئالىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ MAC ئادرىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ، ئوخشاش بولسا مەزكۇر بوغچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يەنىمۇ ئىچكىرلەپ بىرتەرەپ قىلىدۇ. ئوخشاش بولمسا، قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ خىل مەلۇمات يەتكۈزۈش شەكلى "رادىئو" (broadcasting) دەپ ئاتىلىدۇ.
سانلىق مەلۇمات بوغچىسى، تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرىسى، رادىئونىڭ يەتكۈزۈلۈشى ھەققىدىكى ماھىيەتلەر چۈشىنشىلىك بولغاندىن كېيىن، "ئۇلانما قەۋەت"نىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپ كومپىيۇتېرلار ئارىسىدا مەلۇمات يەتكۈزۈشتە ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقى چۈشىنىشلىك بولدى.
4. تور قەۋىتى ھەققىدە
4.1 تور قەۋىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى
دائىرلىك تور كېلىشىمى بويىچە بولغاندا، نەزەرىيە جەھەتتىن MAC ئادرىسىغا تاينىپلا مەلۇمات يەتكۈزگىلى،يەنى، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ لوس ئانجىلىستىكى مەلۇم بىر تور كارتىنى تونۇپ ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىنمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن.
بىراق، بۇنىڭ ئەجەللىك يىتەرسىزلىكلىرى مەۋجۇت. دائىرلىك توردا بىۋاستە رادىئو شەكلىدە مەلۇمات يەتكۈزگەندە، شۇ تورغا ئۇلانغان ھەربىر ئۈسكۈنىنىڭ تور كارتىسى بىردىن مەلۇمات بوغچىسىنى قوبۇلايدۇ. بۇنداق بولغاندا يەتكۈزۈش ئۈنۈمى دەھشەت تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەقەت مەلۇمات يوللىغۇچى بىلەن ئوخشاش تور يولىدىكى ئۈسكۈنىلەرلا مەلۇمات بوغچىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. يەنى، ئەگەر ئىككى كومپىيۇتېر ئوخشاش تور يولىدا (ئوخشاش دائىرلىك توردا) بولمىسا، رادىئو ئارقىلىق مەلۇمات يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇخىل لايىھە پىرىنسىپ جەھەتتىن توغرا، چۈنكى خالىغان بىر كومپىيۇتېر يوللىغان مەلۇمات جاھاندىكى بارلىق كومپىيۇتېرلارغا يەتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا تور دۇنياسىدا توپان بالاسىدەك غايەت زور ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن.
پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورى نۇرغۇن دائىرلىك تورلارنىڭ تۇتاشتۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. ئەمدى ئويلاپ باقساق، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر كومپىيۇتېرنىڭ لوس ئانجىلىستىكى مەلۇم كومپىيۇتېر بىلەن ئوخشاش بىر دائىرلىك تورغا تەۋە بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، دېمەك، يۇقىرىدا قىلغان قىياسىمىز پىرىنسىپ جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
شۇڭلاشقا، قايسى MAC ئادرىسلىرىنىڭ ئوخشاش تور يولىدا، قايسىلىرىنىڭ باشقا تور يوللىرىدا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بىر ئامال تېپىش كېرەك. ئەگەر، ئوخشاش تور يولىدا بولسا رادئىو ئارقىلىق مەلۇمات يەتكۈزىمىز، ئەمەس بولسا "رۇتېر" ئارقىلىق يەتكۈزسەك بولىدۇ.("رۇتېر" - ھەرقايسى دائىرە تور نوتقتىلىرىغا مەلۇماتلارنى توغرا بۆلۈپ يەتكۈزۈشتىكى بىر تېخنىكا. بۇ بىر قەدەر چوڭ تېما بولغانلىقتىن، مەزكۇر يازمىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمەيدۇ). ئەپسۇسلىنارلىقى،پەقەت MAC ئادرىسىغىلا تايىنىپ ھەرقايسى تور نوقتىلىرىنىڭ دائىرە تەۋەسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. MAC نىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇد بىلەنلا مۇناسىۋىتى بار، ئۈسكۈنە ئۇلانغان دائىرە تور تەۋەلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق.
يۇقارقى مەسىلىلەر دەل "تور قەۋىتى" نىڭ پەيدا بولىشىنى تاقەززا قىلغان. ئۇنىڭ رولى بولسا، بىر قىسىم يېڭى ئادرىسلارنى سەپلەش ئارقىلىق، تورغا ئۇلانغان مەلۇم ئۈسكۈنىنىڭ قايسى تور يولىدا ياكى تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزغا ياردەمدە بولىدۇ. يېڭى سەپلەنگەن بۇ ئادرىس دەل "تور ئادرىسى" (يەنى IP ئادرىسى) دېيىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، "تور قەۋىتى" پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ھەربىر كومپىيۇتېر ياكى تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرىسى ۋە تور ئادرىسى(يەنى IP ئادرىسى) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئادرىسى بار بولدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئادرىس ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇقەررەر باغلىنىش يوق. MAC ئادرىسى بولسا تور كارتىسىغا باغلانغان قاتتىق دېتال خاسلىقلىرى، تور ئادرىسى بولسا تور باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن بۆلۈپ بېرىلگەن تور خاسلىقلىرىدىن ئىبارەت، ئۇلار پەقەت ئىختىيارىي بىرىكىدۇ.
تور ئادرىسى - تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ قايسى تور نوقتىسىغا(دائىرلىك تورغا) تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيىتىپ بېرىدۇ. MAC ئادرىسى بولسا، مەلۇمات بوغچىسىنى مەزكۇر تور نوقتىسى ئىچىدىكى نىشان تور كارتىسىغا يەتكۈزۈشتە رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، لوگىكا جەھەتتىن چوقۇم ئاۋۋال تور ئادرىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن MAC ئادرىسىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
4.2 IP كېلىشىمى ھەققىدە
يۇقىرىدا تور ئادرىسىنى چۈشىنىپ ئۆتتۇق، تور ئادرىسىنى بەلگىلەيدىغان كېلىشىم دەل IP كېلىشىمى دېيىلىدۇ. ئۇ بىكىتكەن ئادرىس IP ئادرىسى دېيىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان IP كېلىشىمى تۆتىنچى نەشرىدىن ئىبارەت، شۇڭا ئادەتتە IPv4 دېيىلىدۇ. بۇ نۇسخىسىدا تور ئادرىسى 32 خانە ئىككىلىك سېستىما قىممىتى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
ئادەتتە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بىز 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئونلىق سېستىما قىممىتى بىلەن IP ئادرىسىنى ئىپادىلەيمىز. يەنى 0.0.0.0 دىن 255.255.255.255 گىچە بولغان قىممەتلەر.
ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانغان ھەربىر كومپىيۇتېرغا خاس IP ئادرىسى بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئادرىس ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئالدىنقى بىر قىسمى تور يولىغا، كېيىنكى بىر قىسمى باش ئاپپارات(主机) قا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: IP ئادرىسى 172.16.254.1 نى ئالايلى: بۇ ئىككىلىك سېستىمىدا 32 خانىلىق بىر ئادرىس بولۇپ، ئالدىنقى 24 خانىسى(172.16.254) نى تور يولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېسەك،ئۇنداقتا باش ئاپپاراتقا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى كېيىنكى سەككىز خانىسى(ئاخىرقى 1) بولىدۇ. ئوخشاش تور يولىدىكى ئۈسكۈنىلەر IPئادرىسىنىڭ تور يولى قىسمى چوقۇم ئوخشاش بولىدۇ. يەنى: 172.16.254.1 بىلەن 172.16.254.2 ئوخشاش بىر تور يولىغا ئۇلانغان بولىدۇ.
بىراق دېققەت قىلساق، يۇقىردا 24 خانىسىنى پەرەز قىلغاندەك پەرەز بىلەن، IP ئادرىىسىدىن تور يولى قىسمىنى ئايرىىغىلى بولمايدۇ. يەنى، 172.16.254.1 نى مىسال ئالساق،تور قىسمى زادى ئالدىنقى 24 خانەمۇ ياكى 16 خانەمۇ؟ ۋە ياكى ئالدىنقى 28 خانەمۇ... بۇنى IP ئادرىسىغا قاراپلا پەرق قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۇنداقتا بۇنى قانداق پەرق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلىپ ئىككى كومپىيۇتېرنىڭ ئوخشاش تور يولىدا ئېكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ئۇقۇم "تارماق تور نىقاب كودى" (subnet mask) نى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
تارماق تور نىقاب كودى دېگىنىمىزدە، تارماق تورىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان قىممەتلەردىن ئىبارەت. شەكىل جەھەتتە بۇمۇ يۇقىرىدىكى IP ئادرىسىغا تامامەن ئوخشايدۇ، يەنى 32 خانە ئىككىلىك سېستىما قىممەتتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ تور يولى قىسمى پۈتۈنلەي 1 ئارقىلىق،باش ئاپپارات قىسمى پۈتۈنلەي 0 ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: 172.16.254.1 IP ئادرىسىنى ئالساق، ئەگەر ئالدىنقى 24 خانىسىنىڭ تور يولى قىسمى ئېكەنلىكى ئېنىق بولسا، ئۇنداقتا تارماق تور نىقاب كودى 11111111.11111111.11111111.00000000 . ئونلىق سېستىما بويىچە يازساق 255.255.255.0 بولىدۇ.
"تارماق تور نىقاب كودى" نى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن، بىز ھەرقانداق بىر IP ئادرىسىنىڭ ئوخشاش تارماق تورغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە ئاسانلا ھۆكۈم قىلالايمىز. ئۇسسۇلى: ئىككى IP ئادرىسى ۋە تارماق تور نىقاب كودىغا قارىتا ئايرىم ھالدا AND ھېسابلاش (ئىككى ساننىڭ ئوخشاش خانىلىرى بىردەك 1 بولسا، نەتىجىسىمۇ 1 بولمىسا 0 بولىدۇ) ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىنىڭ ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى سىىلىشتۇرساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بولسا ئوخشاش تارماق تورغا تەۋە بولغان بولىدۇ.
مەسىلەن: IP ئادرىسى ئايرىم ھالدا 172.16.254.1 ۋە 172.16.254.233 بولغان ئىككى ئادرىسنىڭ تارماق تور نىقاب كودى ئوخشاشلا 255.255.255.0 دېمەك، بۇ ئىككى IP ئادرىسى ئوخشاش بىر دائىرلىك تورغا تەۋە بولىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە: IP كېلىشىمىنىڭ ئاساسلىق رولى ئىككىدۇر. بىرىنچى، ھەربىر تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنە ئۈچۈن IP ئادرىسى ئايرىپ بېرىش؛ يەنە بىرى بولسا، قايسى IP ئادرسلارنىڭ ئوخشاش دائىرلىك تورغا تەۋە ئېكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت.
4.3 IP مەلۇمات بوغچىسى
IP كېلىشىمىگە ئاساسەن يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار بوغچىسى – IP مەلۇمات بوغچىسى دېيىلىدۇ. ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇكى، بۇ بوغچىنىڭ ئىچىدە چوقۇمIP ئۇچۇرلىرى جەملەنگەن بولىدۇ.
بىراق، ئالدىنقى قىسمىدا دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچىسىنىڭ پەقەت MAC ئادرىسىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىلىقىنى، IP ئۇچۇرلىرىنى قويىدىغان مەخسۇس قىمىسنىڭ يوقلىنىقى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇنداقتا IP ئادرىسىنى قوشۇش ئۈچۈن دائىرلىك تور مەلۇمات بولاقچىسىغا يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار رايۇنىنى يېڭىدىن قوشۇشقا توغرا كېلەمدۇ(جۈملىدىن، دئىرلىك تور كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلەمدۇ)؟
جاۋابى: ياق. بىز IP ئادرىس مەلۇمات بوغچىسىنى بىۋاستە دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچسىنىڭ "مەلۇمات قىسمى" غا قىستۇرۇپ بېرىۋەتسەكلا بولىدۇ. دېمەك، دائىرلىك تور كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ قىلچە زۆرۈرۈيىتى يوق. مانا بۇ ئىنتېرنېت تورى قەۋەتلىك قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى: ئۈستىنكى قەۋەتنىڭ ئۆزگەرتىشلىرى تۆۋەنكى قەۋەتكە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ يېڭى كېلىشىملىرى ئۈستىنكى قەۋەتكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
تەپسىلىيرەك ئىيتقاندا، IP مەلۇمات بوغچىسىمۇ "باش قىسمى" ۋە "مەلۇمات قىسمى" دىن تەركىبلىنىدۇ.
"باش قىسمى" دا ئاساسلىقىIP نەشرى، ئۇزۇنلۇقى، ئادرسى قاتارلىق ئۇچۇرلار بولىدۇ. "مەلۇمات قىسمى " بولسا IP بوغچىسىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىدىن تەركىبلىندۇ.
IP مەلۇمات بوغچىسى "باش قىسمى" نىڭ ئۇزۇنلىقى 10 دىن 60 بايىتقىچە، پۈتكۈل مەلۇمات بوغچىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى ئەڭ چوڭ بولغاندا 65535 بايىتقىچە بولىدۇ . شۇڭلاشقا، بىر IP بوغچىسىنىڭ "مەلۇمات قىسمى" ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 65515 بايىت بولىدۇ. ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دائىرلىك تورنىڭ مەلۇمات بوغچىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 1500 بايىت بولاتتى. شۇڭلاشقا، IP بولاقچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1500 بايىتتىن ئېشىپ كەتكەندە، بۇنى بىرقانچە دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچىسىغا پارچىلاپ يوللاشقا توغرا كېلىدۇ.
4.4 ARP كېلىشىمى ھەققىدە
IP مەلۇمات بوغچىسىنى دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچىسى ئىچىگە قويۇپ يوللايمىز دېدۇق، مەلۇمات بوغچىسىنى يوللاش ئۈچۈن ئادەتتە، بىرلا ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ Mac ئادرىسى ۋە IP ئادرىسىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ IP ئادرسىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ(يازمېمىزنىڭ بايانىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ)، بىراق Mac ئادرىسىنى بىلمەيمىز.
دېمەك، بىزدە قارشى تەرەپنىڭ IP ئادرىسى ئارقىلىق Mac ئادرىسىنى بىلىشكە بولىدىغان بىر ئۇسسۇل زۆرۈر.
بۇنى يەنە ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈپ تەھىلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى خىل ئەھۋالدا: ئەگەر ئالاقە قىلىۋاتقان ئىككى كومپىيۇتېر ئوخشاش بىر دائىرلىك تورغا ئۇلانغان بولمىسا، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ Mac ئادرىسىنى بىلىشكە ئامال يوق، پەقەت يەتكۈزمەكچى بولغان مەلۇماتنى ئىككى كومپىيۇتېر ئۇلانغان دائىرلىك تورنى تۇتاشتۇرىدىغان تور ئۆتكىلى (gateway) گە يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا: ئەگەر ئىككى كومپىيۇتېر ئوخشاش بىر دائىرلىك تورغا ئۇلانغان بولسا، ئۇنداقتا بىز دەل ARP كېلىشىمى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ Mac ئادرىسىغا ئىرشەلەيمىز. ARP كېلىشىمىمۇ ئوخشاشلا بىر مەلۇمات بوغچىسى (تار دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچىسى ئىچىدە بولىدۇ) دىن ئىبارەت،ئۇنىڭ ئىچىدە نىشانIP ئادرىسى بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ Mac ئادرىسى يېزىلىدىغان ئورۇنغا FF:FF:FF:FF:FF دەپ توشتۇرۇلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر "رادىئو" ئادرىسى. ئۇ تەۋە دائىرلىك تورغا ئۇلانغان بارلىق كومپىيۇتېر مەزكۇر مەلۇمات بوغچىسىنى قوبۇللاپ، IP ئادرىسىنى ئوقۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ IP ئادرىسى بىلەن سىلىشتۇرىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بولسا، MAC ئادرىسى يېزىلىدىغان ئورۇنغا ئۆزىنىڭ MAC ئادرىسىنى خاتىرلەپ، دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ MAC ئادرىسىنى ئىيتىپ بېرىدۇ. بولمىسا بۇ مەلۇمات بوغچىسىدىن ۋاز كېچىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ARP كېلىشىمى بولغاندىن كېيىن، بىزIP ئادرىسقا ئاساسەن ناھايىتى ئاسانلا ئوخشاش بىر دائىرلىك تورغا ئۇلانغان، شۇ IP ئادرىستىكى كومپىيۇتېرنىڭ Mac ئادرىسىنى بىلەلەيمىز، مەلۇماتلارنى ئۇلار ئىچىدىكى خالىغان بىرىگە يەتكۈزەلەيمىز.
5. يەتكۈزۈش قەۋىتى ھەققىدە
5.1 يەتكۈزۈش قەۋىتىنىڭ پەيدا بولۇشى
Mac ۋە IP ئادرىسلىرى بولغاندىن كېيىن، بىز ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان ھەرقانداق ئىككى كومپىيۇتېر ئارىسىدا ئالاقە ئېلىپ بارالايمىز.
ئەمدىكى يېڭى مەسىلە بولسا مۇنداق: بىر كومپىيۇتېردىكى بىرقانچە دېتال ئوخشاش ۋاقىتتا تور ئالاقىسى ئىشلىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تور كۆرگۈدە توربەتلەرنى زىيارەت قىلغاچ، مۇڭداشقۇ بىلەن پاراڭلىشۋاتىمىز دەيلى. مەلۇم بىر مەلۇمات بوغچىسى ئىنتېرنېتتىن يېتىپ كەلگەندە، بۇ بوغچىنىڭ تور بەت مۇلازىمىتىرىدىن ياكى مۇڭداشقۇ مۇلازىمىتىرىدىن كەلگەنكىلىنى، تور كۆرگۈمىز ياكى مۇڭداشقۇمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغىنىنى سېستىما قانداق بىلىدۇ؟
دېمەككى، كۆڭلۈلدىكىدەك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ئۈچۈن بىزگە يەنە قوبۇل قىلغان مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، ئۇ مەلۇماتنى قايسى دېتال (进程) نىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئايرىپ بېرىدىغان بىر نەرسە بولۇشى كېرەك. مانا بۇ نەرسە دەل "پورت" (端口-port) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە، خىزمىتى تور كاتىسىغا تايىنىدىغان ھەربىر سېستىما ياكى ئەپلەرنىڭ تەرتىپ نومۇرىدىن ئىبارەت. ھەربىر بوغچا ئايرىم ھالدا باش ئاپپارات (主机) نىڭ بەلگىلەنگەن پورتىغا يەتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر سېستىما ياكى ئەپلەر ئۆزىنىڭ مەلۇمات بوغچىسىنى تېپىپ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
پورت بولسا 0 دىن 65535 كىچە بولغان بىر پۈتۈن ساندىن ئىبارەت. يەنى،بىر دانە 15 خانىلىك ئىككىلىك سېستىما قىممەت. 0 دىن 1023 كىچە بولغان پورتلارنى سېستىما ئۆزى مەخسۇس ئىشلىتىدۇ، باشقا ئەپلەر ئادەتتە 1023 نىڭ يۇقىرىسىدىكى پۈتۈن سانلارنى پورت قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. مەيلى توربەت زىيارەت قىلىش بولسۇن ياكى مۇڭداشقۇدا پاراڭلىشىش بولسۇن، سېستىما ئىختىيارى بىر پورت بەلگىلەپ، ئاندىن مۇلازىمىتىرنىڭ مۇناسىپ پورتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە "يەتكۈزۈش قەۋىتى: نىڭ رولى "پورت ۋە پورت" ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت. پەقەت باش ئاپپاراتنىڭ پورت ئېغىزىنى جەزىملەشتۈرسەكلا، سېستمىلار ئارىسىدىكى ئالاقەنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. شۇڭلاشقا، Unix سېستمىسىدا باش ئاپپارات + پورت بىرلەشتۈرۈلۈپ سوكېت (ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىشنى بىلمىدىم:套接字,socket) دېيىلدۇ. بۇ نەرسە بولغاندىن كېيىن تور ئەپ سېستىمىلىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ.
5.2 UDP كېلىشىمى
ئەمدى پورت ئۇچۇرلىرىنىمۇ باشقا بىرەر مەلۇمات بوغچىسى ئىچىگە قوشۇشىمىزغا توغرا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى كېىلىشىم زۆرۈر ئەلۋەتتە. ئاددى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا UDP كېلىشىمى دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى مەلۇماتنىڭ ئالدىغا پورت نومۇرى قوشۇلغان ھالەتتە بولىدۇ.
UDP مەلۇمات بوغچىسىمۇ "باش قىسمى" ۋە "مەلۇمات قىسمى" دىن تۈزۈلىدۇ.
"باش قىسمى" دا ئاساسلىقى مەلۇمات تارقاتقۇچىنىڭ پورت نومۇرى ۋە قوبۇللىغۇچىنىڭ پورت نومۇرى خاتىرلىنىدۇ . "مەلۇمات قىسمى" دا باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بولىدۇ. ئاندىن پۈتۈن UDP مەلۇمات بوغچىسى IP مەلۇمات بوغچىسىنىڭ "مەلۇمات قىسمى" كىرگۈزىلىۋىتىدۇ. يازمېمىزنىڭ بېشىدا IP مەلۇمات بوغچىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دائىرلىك تور مەلۇمات بوغچىسى ئىچىگە قويۇلىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق، دېمەك، پۈتۈن دائىرلىك تور مەلۇمات كېلىشىمىنىڭ تەركىبى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولدى:
كېلىشىمى تولىمۇ ئاددى، باش قىسمى پەقەت 8 بايىت چوڭلۇقتا، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 65535 بايىت. دېمەك، بىر IP مەلمۇمات بوغچىسىنىڭ ئىچىگە دەل كېلىدۇ.
5.3 TCP كېلىشىمى ھەققىدە
UDP مەلۇمات بوغچىسى تولىمۇ ئاددى، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان، بىراق كەمچىلىكى: بىر قەدەر ئىشەنچىسىز. مەلۇمات بوغچىسى تارقىتىلسىلا قارشىى تەرەپنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان – ئالمىغانلىقىنى بىلىشكە بولمايدۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، TCP كېلىشىمى دۇنياغا كەلدى. بۇ كېلىشىم ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ، بىراق، ئۇنى تەخمىنەن ھالدا مۇقىم تۈزۈلمىسى بولغان UDP كېلىشىمى دەپ چۈشىنىپ تۇرساق بولىدۇ. ھەربىر مەلۇمات يوللانغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بىرەر مەلۇمات يوللانغاندىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلمىسە، يوللىغۇچى تەرەپ مەلۇماتنىڭ يوقالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ ، قايتىلاپ يوللايدۇ.
شۇڭا، TCP كېلىشىمى سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئۇنىڭ كەمچىلىكى: جەريانى بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن، مەنبە سەرپىياتى بىرقەدەر يۇقىرى.
TCP ۋە UDP مەلۇمات بوغچىلىرى ئوخشاشلا IP مەلۇمات بوغچىسىنىڭ "مەلۇمات قىسمى"غا قىستۇرۇلۇپ يوللىنىدۇ.TCP كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا چەكلىمە يوق، نەزەرىيە جەھەتتە چەكسىز ئۇزۇن بولسا بولىدۇ. بىراق ئادەتتە تور چاستوتىسىنىڭ مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، TCP مەلۇمات بوغچىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى IP مەلۇمات بوغچىسىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ.
6. ئەپ قەۋىتى ھەققىدە
ئەپ ۋە سېستمېلار "يەتكۈزۈش قەۋىتى" ماسلاشتۇرغان مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەلۇمات مەزمۇنىنى ئوقۇپ ئېلىشى كېرەك. ئىنتېرنېت تورى ئېچىۋىتىلگەن قۇرۇلمغا ئالاھىدىلىكە ئىگە بولغاچقا، مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى خىلمۇ - خىل بولىدۇ، دېمەك، چوقۇم ھەرخىل مەنبەلىك ئۇچۇرلارغا قارىتا ئالدىن مەلۇمات تېپىنى بېكىتىش كېرەك، بولمىسا ئوقۇپ ئالغىلى بولماي قالىدۇ.
"ئەپ قەۋىتى" نىڭ رولى بولسا: ئەپ ۋە سېستىمىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات تىپلىرىنى بەلگىلەشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، Email,WWW,FTP قاتارلىقلار. ئۇنداقتا چوقۇم ئېلىخەت، تور بەت، FTP قاتارلىقلارنىڭ تىپىنى ئايرىم بەلگىلەيدىغان كېلىشىم بولۇشى كېرەك. مانا موشۇ زۆرۈرىيەتتىن "ئەپ قەۋىتى" بارلىققا كەلگەن.
"ئەپ قەۋىتى" بولسا ئەڭ يۇقىرىقى، بىۋاستە ئابونىتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان قەۋەتتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەلۇمات بوغچىسى بىۋاستە TCP مەلۇمات قوللانمىسىنىڭ "مەلۇمات قىسمى" غا قىستۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ، پۈتكۈل دائىرىلىك تورنىڭ مەلۇمات قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلمىغا ئىگە بولدى.
بۇيەرگە كەلگەندە، پۈتكۈل ئىنتېرنېت قۇرۇلمىسىنى بەش قەۋەت بويىچە تۆۋېنىدىن يۇقىرىسىغا توشنۇشتۇرۇش تاماملاندى. يۇقىرىقىلار سېستىما نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ قانداق تۈزۈلدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. كېيىنكى يازمىمىزدا ئەكىسچە، ئىشلەتكۈچى نوقتىسىدىن چىقىشى قىلىپ، يۇقىرىدىن تۆۋېنىگە بۇ قۇرۇلمىنىڭ زادى قانداق پىرىنسىپ بىلەن، مۇكەممەل بىر ئالاقە جەريانىنى تاماملىيالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ چىقىمىز.
ئىزاھاتلار:
بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشتە سەل گاڭگىراپ قالدىم، بەلكىم خاتا ئىشلىتىپ قويغانلىرىممۇ بولۇشى مۇمكىن، تۆۋەندە مەزكۇر يازمېدا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم ئاتالغۇلار سىلىشتۇرمىسى بېرىلدى.
ئىنتېرنېت تور كېلىشىمى – Internet Protocol Suite ,IPS - 互联网协议
فىزىكىلىق قەۋەت – Physical Layer - 物理层
ئۇلانما قەۋەت - Link Layer - 链接层
تور قەۋىتى – Network Layer - 网络层
يەتكۈزۈش قەۋىتى – Transport Layer - 传输层
ئەپ قەۋىتى - Application Layer -应用层
تار دائىرلىك تور -局域网- Local Area Network
دائىرلىك تور - Ethernet- 以太网
تارماق تور – Subnet- 子网络
تارماق تور نىقاب كودى – Subnet Mask- 子网掩码
رادىئو – Broadcasting - 广播
باش قىسمى – Header- 表头
مەلۇمات قىسمى – Data- 数据
پورت – Port- 端口
تور ئۆتكىلى – GateWay- 网管
مەلۇمات بوغچىسى - 数据包-Data Packet
پايدىلانغان مەنبەلەر:
ۋىكىپىدىيە قامۇسى http://www.wikipedia.org/
بەيدۇ قامۇسى http://baike.baidu.com/
مىكروسوفىت تىل ئامبىرى http://www.microsoft.com/Language
" كومپىيۇتېر تورى" ناملىق كىتاب 5 - نەشرى - Computer NetWorks
ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز،داۋامىغا تەشنامەن ،ئاۋۇ يەردىكى socket نى روزىتكا port نى ئىغىز دەپ ئالساق بولىدۇ ئۆزەمچە
رەھمەت! ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتىدە پورت ۋە ئېغىز دەپ باركەنتۇق، مەن ئۇدۇللا پورت دەپ ئاپتىمەن، socket نى روزىتكا دەپ تۈزۈتىۋالدىم..
قالتىس يازما، ھارماڭ !
رەھمەت، كېلىپ تۇرارسىز…
بۇ تېما ماڭا بەكلا ياقتى، ھەقىقەتەن ياخشى ئىپادىلەپ بىرىپسىز!
ھەر بىر قەۋەتنىڭ رولى ۋە مەنىسىنى ھەقىقى تۈردە بەك ياخشى ئىپادىلەپ بىرىپسىز،
مىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىم ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىدى،
مانا تەشنانىڭ ئادەمنى تەشنا قىلىدىغان مۇشۇنداق يەرلىرى با، تەشناغا مۇشۇنداق يەرلىرىنى دەپ بولسىمۇ كىرىمىزغۇ زادى بىز…
ئەمىسە كەپ تۇرىلى تەشنا بولغاندا
ناھايىتى ياخشى تىمىكەن،تورنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرلىگەن ئەھۋالدا چۈشەندىم. يەنە بىر سۇئالىم كومپىيۇتېردا ئۇشبۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى بىكىتكىلى بۇلامدۇ. مەسىلەن تېلفۇندىكى GPS كە ئوخشاش ئۇرۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى ياكى تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېرلارنىڭ ئورنىنى تاپقىلى بۇلامدۇ. ئەگەر بولسا بۇ ئۇچۇرلار ئېنتېرنىت تور كىلىشىمىگە كىرمەمدۇ ياكى مەن بۇ تىمىنى تۇلۇق چۈشەنمىدۇممۇ ؟
رەھمەت.
ئەمەلىيەتتە IP ئادرىسى بىلەن ئابونىتنىڭ ئورنىغا تامامەن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ip ئادرىسىڭىزنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز تەپسىلىي ئورنىنىمۇ چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە GPS كە ئوخشاشلا تو كۆرگۈلەرنىڭ GPS ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ ئورۇن بەلگىلىگىلى بولىدۇ. تەپسىلاتى مونۇ يازمىدا: 2014/09/13/3171/
مۇشۇنداق تېما يوللاپ ..جېنىم دوستۇم نەسىيتىم …. جاپا چەكتىڭىز.
لېكىن مەن سىزدىن بۇرۇن تور ساھاسىەە كىرگەن. ئەينىۋاتتا مېنىڭ توربىكىتىنىڭ 56000 ئەزاسى كۈندە 500 ip بار ئىدى.
4 يىللىق جاپا چەكتىم ،ئەڭ ئاخىرىدا vps تۈلىگىلى پۇل يوق . مۇنبەر تېما يولىدىم .ئەزلار 300 يۋۋەن پۇل بەردى.
يەنە 3 ئايلىق ئۇزارتىم. لېكىن يەنە 3ئاي توشىقاندىن كېيىن تمېا يولىدىم . مېنى بەزىلار پۇلنى بەرسەك خەجلەپ تۈگەتتى.
نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى .پەقەت 300 يۋۋەن 2009 يىلىدى ۋاقىت. ھازىرقى 500 يۋۋەن پۇلغا تەڭ.
شۇ ۋاقتتا ھېس قىلدىمكى بۇلارغا ھەرگىز بىلىم ئۈگەتمەڭ. پۇلغا ئۈگەتسىڭز بولىدۇ ھەقسىز ھەرگىز ئۈگەتمەڭ.
سىز مۇشۇنىڭغا ئاجىراتقان ۋاقتىڭىزنى تىل ئۈگۈنۈشكە سەرىپ قىلىڭ….
دەپ :ئابدىمىلىك.http://www.weibo.com/6yax
sestima.com ,6yax.com ,nurqut.cn
ئاخىرىدا ھازىر توربىكەت ئاچماي شۇنداق ياخشى ياشاۋاتىمەن.
دېگىنىڭىزمۇ توغرا، بىر تور بېكەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۆزى خىلى بىر تەس ئىش. بىراق، بەزى ئىشلار ئەھمىيەتلىك بولغاچقا قانچىلىك بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ داۋاملاشۇتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.
بەك تەپسىلىي يېزىپسىز. ئاستىدىكى ئىزاھاتىڭىزدىن سۆيۈندۈم.(مۇشۇنداق ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىرەر سۇپا يوقمىدۇ؟)
تېخنىكا ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىڭىز گۈزەل نەتىجەلەرگە ئېرىشتۈرگەي. سىزدىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى سوراپ تۇرۇشنى ئىستەيتتىم، ئالاقە ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، رەھمەت.
رەھمەت سىزگە. بۇنداق تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىرەر سۇپىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىز ياشلارغا يۈكلەنگەن ئوخشايدۇ، مەن ھازىرغىچە ئۇچىرىتىپ باقمىدىم. ئېلىخەت ئالاقە قىلساق بولىدۇ:
s41157018#163.com
بۇ يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم، تور كېلىشىمى ھەققىدە خىلىلا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىپسىز…ھارمىغايسىز…
بولۇپمۇ ‹‹دېگىنىڭىزمۇ توغرا، بىر تور بېكەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۆزى خىلى بىر تەس ئىش. بىراق، بەزى ئىشلار ئەھمىيەتلىك بولغاچقا قانچىلىك بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ داۋاملاشۇتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.›› بۇ گەپلىرىڭىزنى تېخىمۇ بەك ياقتۇردۇم، مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ياردەمگە ئىھتىياجىلىق بولسىڭىز قولىمىز كۆكسىمىزدە…