Home >  > پەيلاسوپلار: سۈنئىي ئىدراك- ئەمەلىيەتتە ساختا ئىدراكتۇر

پەيلاسوپلار: سۈنئىي ئىدراك- ئەمەلىيەتتە ساختا ئىدراكتۇر

6

Intelligence

 ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تەشنايى   

  يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولغان ماشىنىلارنى ياساپ چىقىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىدىن شۈبىھلەنمەسلىكىمنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى: بىز تا ھازىرغىچە ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولغان ماشىنىلارنى ئەسلا ياساپ چىقالمىدۇق. سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن ھەقىقىي ئىداراك بولماستىن، ئۇ پەقەت بىر خىل ساختا ئىدراكتۇر.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك. مەسىلەن، سائەت ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتنىڭ قانداق نەرسە ئېكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئەستايىدىللىق بىلەن ئىيتقاندا، يەنىلا بىز ئىنسانلار ئۇنىڭغا ۋاقىتنى ھىسابلاتقۇزىۋاتىمىز. يەنە Watson مۇ شۇنداق، IBM نىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېرى ئەقلىي ئويۇنلارنى ئوينىيالايدىغان،شۇنداقلا ئىنسانلار ئەقلىي رىقابىتىدە مۇتلەق ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە Watson ھېچقانداق سۇئالغا ئۆزلۈگىدىن جاۋاب بەرگەن ئەمەس، ئۇ ھەم ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، شۇنداقلا ھېچبىر ئىش قىلغانمۇ ئەمەس. بارلىق ئىشلارنى يەنىلا بىز ئىنسانلار قىلىۋاتىمىز، يەنىلا بىز ئىنسانلار ئۇنى ئىشلىتىپ  ئەقلىي ئويۇنلارنى ئويناۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز "ئۇ" نىمۇ خۇددى سائەتكە ئوخشاشلا ئىشلىتىمىز خالاس.

پەيلاسوپ ۋە بىئولوگلار كۆپىنچە ھاياتلىق ئورگانىزىملىرىنى ماشىنىلارغا تەققاس قىلىشقا ئامراق. شۇنداق تەققاسەن قىياسلار مەيدانغا چىقسىلا، ئىنسانلار ياساپ چىققان ھەرخىل ماشىنىلارنىڭمۇ خۇددى بىزدەك ئىدراكقا ئىگە  بولۇش – بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشىمىز!

بىراق، كېشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، ھەتتا ئەڭ ئاددى ھاياتلىق ئەندىزىلىرى، مەسىلەن: ئاميوبا (تاق ھۆجەيرىلىك جانلىق) مۇ ئىداراكقا، مۇستەقىللىق ئېڭىغا، ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، بۇلار بىر ھېسابتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپىيۇتېردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. پەقەتلا بىر ھۆجەيرە پۈتكۈل ھاياتلىق ھىكايىسىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ئۆزى بايقىغان ۋاستىلەرنى تەۋە مۇھىتقا سىڭدۈرۈپ، ئاندىن بۇ مۇھىتنى ئۆز ھاياتىغا نىسبەتەن قىممەتكە ئىگە قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇ ئوزۇقلۇق ئىزدىيەلەيدۇ.  ئۆزىنى – ئۆزلۈكىنىڭ مەناسىنى ئالەمگە بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ(چۈشەندۈرەلەيدۇ).

نۆۋەتتە،شۆبىھسىزكى، تاق ھۆجەيرىلىك جانلىقلار ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق ئەمەس. بىراق ئۇلار ئىنسانلار ياسىغان سائەت ياكى دەرىجىدىن تاشقىرىي كومپىيۇتېردىن كۆپ ئەقىللىق ھېسابلىنىدۇ.  چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ تۇيغۇ، ھەرىكەت ۋە ئۆزىنى بىلىش قاتارلىق ھاياتلىق ۋە ئەقىل ھەققىدىكى تەبىرلىرىمىزگە چۈشىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان. ماشىنىدا ئۆزلىگىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ، بىز پەقەت ئۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىمىز. بىراق ئامبويا بولسا ئۇچۇرغا ئىگە، ئۇ ئۆزلىگىدىن ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدۇ، بىرتەرەپ قىلالايدۇ.

بىر كۈنى   IBM  ئامبويادىكى پائالىيەتچانلىق ۋە سىزىمچانلىقنى ھازىرلىغان بىرەر ماشىنا ياساپ چىقالىغىنىدا مەن پەۋقۇلاددىيلىق مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بولىشىم مۇمكىن.

يەنە بىر نوقتىدىن ئالغاندا، گەرچە بىز ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ پەۋقۇلاددىيلىق مەسىلىلىرى بىلەن ئۇچىراشقان بولساقمۇ. بىراق تېخىچە ھەقىقىي ئىداراكلىق ماشىنا ياساپ چىقالمىدۇق،ھەتتا ئۆزىمىزدىن ئەقىللىقراق بولغان ماشىنىلارنىمۇ ياساپ چىقالمىدۇق. لېكىن بىز موشۇنداق ماشىنىلىرىمىز  ۋە باشقا تېخنىكلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق، جانلىق ۋە ئىقتىدارلىق قىلالىدۇق. مەسىلەن، تىل، رەسىم، يېزىق، چوت قاتارلىقلار.  بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى كېڭيىشىچانلىققا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بىزنى ئۆزگەرتتى، بىزنى ئىلگىرىكى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان بىر ھالەتكە ئىگە قىلدى.شۇنداقلا  بۇخىل ياساش-  قايتا ياساش، كېڭەيتىش ياكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ جەريانى خۇددى ئۆز تۈرىمىزدەكلا  قەدىمىيلىككە  ئىگە بولدى.

يەنە مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا،بىز "ھەقىقىي ئىنسان" بولۇشتىن كۆرە، بەكرەك "ئۆتكۈنچى ئىنسان" ياكى تىپىك بىئولوگىيلىك ئىنسان بولۇپ كەلدۇق. ياكى تېخىمۇ توغرىسى، بىز تېخنىكىلىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىمىزنى كېڭەيتىپ(كۈچەيتىپ) قان ۋە گۆشنىڭ بىرىكمىسى بولغان بىلوگىيلىك ئىنساندىن  "ئۆتكۈنچى ئىنسان" ۋە "ھەقىقىي ئىنسان" غا قاراپ پەرىقلەندۇق.

ئەمدى يەنىلا  ئامبويادىن باشلانغان نوقتئىنەزىرىمىزگە قايتىپ كېلەيلى.  Watson بىز ئىنسانلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى، ئۇنىڭ ساقتا ئىدراكى ئەمەلىيەتتە بىز ئىنسانلارنىڭ  تەڭداشسىز، 100%  لىك بىباھا ئىدراكىدىن ئىبارەت.

ئەسلى مەنبە: http://www.npr.org/blogs/13.7/2014/11/21/365753466/artificial-intelligence-really-is-pseudo-intelligence

ئىزاھات: Alva Note  : كالفورنىيە ئۇنۋېرستىتى بروكلى تارماق مەكتىۋېىنىڭ  پەيلاسوپى.  ئۇ تۇيغۇ، ئاڭ ۋە سەنئەت ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدۇ ۋە شۇ خىل دەرىسلىكلەرنى  بېرىدۇ.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. چاشقان [ جۇغلانما: 28 نومۇر ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 8 دىۋان 2014/11/23 07:49

    سىزمۇ ئىنگىلىزچە ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپسىز-دە، ياخشى باشلىنىش. تېتىملىق، ياخشى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

  2. سەرسان [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Safari 533.1Android 4.3 گىلەم 2014/11/23 13:47

    تەرجىمى ياخشى چىقىپتۇ. دېمىسىمۇ تېخنىكا تەرەققىي قىلدى دېگەن بىلەن چۈمۈلە چاغلىق مۇكەممەل ھاياتلىق ياساپ چىقالىغىنى يوق، ھەم مۇمكىنمۇ ئەمەس. مانا ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا پاكىت……

  3. ھاجى [ جۇغلانما: 44 نومۇر ] Google Chrome 38.0.2125.111Windows 8 كىگىز 2014/11/24 10:21

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ناھايىتى ئوبدان ماقالە ئىكەن. ھەتتا ئاشۇنداق ماشىنا ئادەملەرنى ياسىغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاجىز، جانسىز بىر قۇرال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرسىمۇ باشقىلار ئۆزىچىلا خاتا ئاڭ پەيدا قىلىۋالىدىكەن.

  4. سەرسان [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Safari 7534.48.3 بايۋەتچىلەرنىڭ 4 -قەۋەت 2014/12/28 11:54

    ياخشى ماقالە ئېكەن…… كۆپ رەھمەت!

  5. ئ‍الىم [ جۇغلانما: 4 نومۇر ] Safari 537.36Android 4.1.2 5 -قەۋەت كۆپلۈك: 3 ھەپتىلەر بۇرۇن

    ماڭا بەك يارىدى

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش