Home >  > SEO ھەققىدە يەنە بىر كەلىمە

SEO ھەققىدە يەنە بىر كەلىمە

2

seo-tips
ئۇيغۇرلاردا تور بەتلەر كۆپىيىپ ۋە سەرخىللىشىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەندە، ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ تەلىۋىگە ماسلاشتۇرۇپ، SEO ئەلالاشتۇرۇشمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كەسپىي تور - تېخنىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن بەيدۇنى ھىسابقا ئالمىغاندىمۇ ئىزدە، گۇگۇل(Google) ۋە بىڭ(Bing) قاتارلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى قىدىرىپ بېرەلەيدىغان ئىزدەش ماتورلىرىغا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇش ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بىلوگ ئۈچۈن بۇ خىزمەت تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى كىشىلەر ناخشا - كېنو بەتلىرىنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ كۆرگېنى بىلەن، ئېسىل مەزمۇنلار بىلەن بىزىلىپ ماڭغان نادىر بىلوگلارغىمۇ ئىزىپ قالمىسا كىرمەيدۇ. خوش ئۇنداقتا تۆۋەندە بىر كەسپىي WordPress بىلوگ ئۇستىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەكۈنلىرىگە ئاساسەن SEO ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

پەقەت سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى يوللاش كېرەك

بېكىتىڭىزدە مەيلى قانداق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلماڭ، مەزمۇنلار چوقۇم زىيارەتچىلەرگە نەپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر زىيارەتچىلەرگە ھەقىقىي ئىھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى توغرا تەمىنلەپ بېرەلىسىڭىزلا بېتىڭىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىكى رەت - تەرتىپى تەبىئىيلا ئىشىپ بارىدۇ. دېققەت: يازما - ماقالىلەرنىڭ ئۇزۇنلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

ئوخشىمىغان بەتلەرگە ئوخشاش بولمىغان تېما ۋە تەسۋېرلەشلەرنى ئىشلىتىش زۆرۈر

تور بەتنى تەسۋېرلەش بۇرۇنلاردىكىدەك مۇھىم بولماي قالدى. بىراق، SEO غا نىسبەتەن يەنىلا مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. بىلوگ يازمىلىرنىڭ ئوخشىمايدىغان تېمىلىرى ۋە تەسۋېر سۆزلىرى بولۇشى، ھەتتا قىستۇرغان رەسىم ۋە باشقا ئېلمىنىتلارنىڭمۇ ئىسىملىرى يازما مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا بىلوگ باش بېتى ۋە يازما بېتىنىڭ تېما (Title) ۋە تەسۋېر(Description) سۆزلىرى ئوخشىمايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئىزدەش ماتورلىرىغا مىكرو ئۇچۇر كۆرسىتىش ئۈنۈملۈك

مىكرو ئۇچۇر ئىقتىدارلىرىنى(مەسىلەن يازما قىزغىنلىق دەرىجىسى، ئاۋاتلىقى قاتارلىقلار) مۇۋاپىق قوللانغاندا تور بېتىڭىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدا رەت بويىچە كۆرسىتىلىشى ئۆزگىچە بولىدۇ. مەلۇم نىسبەتتە زىيارەتچىلەرنى جەلىب قىلالايدۇ. ئىزدەش ماتورلىرىدىكى بىلوگ تېمىلىرىغا باھالاش نەتىجىسى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مونۇ قىستۇرمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ:
ئەلۋەتتە نۆۋەتتە پەقەت گۇگۇل تورىلا باھا نومۇرى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، بەيدۇمۇ بۇ ئىقتىدارنى دوراشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

سۈپەتلىك بىكەت خەرىتىسى ھاسىللاش ياخشى تاللاش

بىكەت خەرىتىسىنىڭ SEO غا تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. يەنى مۇكەممەل بولغان بىكەت خەرىتىسى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ مەزمۇنلارنى تۇتۇپ ئېلىشىغا ۋە ئېندىكىسلىشىغا زور ياردىمى بولىدۇ.Wordpress بىلوگلىرىغا نىسبەتەن بىلوگ خەرىتىسىنى قول سېلىپ تۈزەلمىگەندە تۆۋەندىكى قىستۇرمىلار تەۋسىيە:

  • XML sitemap & Google News Feed
  • Google XML Sitemaps
  • بىلوگ ئارقا بېتىدىن بۇ قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ قوزغىتىپ قويۇشلا كۇپايە. ئاندىن بىكەت خەرىتىسى ھاسىللاپ بولغاندىن كېيىن 站长工具 ئارقىلىق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ(ئەلۋەتتە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىماسلىقى مۇمكىن، مەن سىناپ باقمىدىم).

    404 خاتالىق بېتى كۆپ كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش

    404 بەتلىرىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى ئىزدەش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىراق زىيارەتچىلەردە ناچار تەسىرات قالدۇرۇپ، SEO تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىپادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. مەزمۇن ئىزدەپ كىرگەنلەرنىڭ 404 خاتالىق بېتىگە يولۇققانلىق ئەھۋالىنى خاتىرلەيدىغان Permalink Finder قىستۇرمىسى بولۇپ، ئارقا بەتتىن قوزغىتىپ قويسڭىز، زىيارەتچىلەرنىڭ 404 بېتىگە ئۇچىراش ئەھۋالىنى تولۇق سىتاستىكىلاپ بېرىدۇ، ئاندىن تەڭشەك بېتىدىن تەپسىلىي مەلۇماتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    تور بېتىڭىزنىڭ ئېچىلىشى تىز بولۇشى زۆرۈر

    تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى SEO غا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ھېچكىممۇ ئىشەكتەك ئاستا تور بەتلەرگە دائىم كىرىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئىزدەش ماتورلىرىمۇ ھەم شۇنداق. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە كۆپىنچە زىيارەتچىلەر بىر تو بەتنىڭ 2 سېكۇنتتا ئېچىلىپ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن، 4 سېكۇنتتىن ئىشىپ كەتكەندە تاقىتى توشايدىكەن.

    بېكىتىڭىزنىڭ URL قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ

    ئىنگىلىزچە بىلوگ - تور بەتلەرنىڭ URL قىسمىدا كۆپىنچە مەزمۇنغا ئالاقىدار ئاچقۇچ سۆزلەر بولىدۇ. ئەگەر بېكىتىزنىڭ URL لىرىنى ئېنگىلىزچە بەلگىلەش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە خەتلەر ياكى قالايمىغان كودلار كۆرۈلۈپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەلۋەتتە دوغاپ بىلوگىدىكى مونۇ يازمىدىن پايدىلىنىپ، UR ھالىتىدە كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ:

    بېكىتىڭىزنىڭ ئىزچىل يېڭىلىنىپ تۇرۇشى ئاقىلانىلىك

    ئىزچىل بىكەت مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرۇش بېكىتىڭىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىكى دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ يەردىكى يېڭىلاش يېڭى مەزمۇن يوللاشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، كونا مەزمۇنلارنى تەھرىرلەپ، تولۇقلاپ يېڭىلاپ تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    تەكرار مەزمۇنلاردىن ساقلىنىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئادەتتىكى ئىزدەش ماتورلىرى بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. شۇڭا چوقۇم تەكرار مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

    ئىچكى ئۇلۇنىشلارنى ئەلالاشتۇرۇڭ

    يېڭى يازما يوللىغاندا ئارىسىغا كونا يازمىلارنىڭ ئۇلىنىشلىرىنى مۇۋاپىق قىستۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئەلۋەتتە قاراقويۇق قىستۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم مەلۇم باغلىنىشى بولۇشى كېرەك.بەزى ئۇسلۇبلارنىڭ يازما بېتىدىكى "مۇناسىۋەتلىك يازمىلار" نىڭمۇ خىلى ئوبدان رولى بولىدۇ.

    رەسىملەرنى ئەلالاشتۇرىسىز

    رەسىملەرگە چوقۇم alt قىسقۇچىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، ئامال بار caption ئ قىسمىدا رەسىمگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

    SEO ئۈچۈن ھەقلىق ئۇلانما مۇلازىمىتى قىلىپ يۈرۈش ئەخمەقلىق

    بۇ خىل ئەھۋال بايقىلىپ قالسا، بېكتىڭىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىكى نەتىجىسى نۆل بولىدۇ. SEO بولسا ئۇزاق مۇددەتلىك ئەلالاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى، پەقەت زىرىكمەي داۋاملاشتۇرالىغىنىڭىزدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.


    پايدىلانغان ماقالە: http://fatesinger.com/75427

    بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

    ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...

    
    ئۈنچىلەر (2)
    نەقىللەر (0)
    1. ھاجى [ جۇغلانما: 44 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2272.101Windows 8 دىۋان 2015/03/31 04:57

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش ئوبدان كەلىمە بوپتۇ. :lol: يېقىندا مەنزىلنىڭ SEO سىغا خېلى كۈچىدىم، ئىزدەش بېكەتلىرىدە ئاساسەن تېپىلىۋاتىدۇ. ھازىر رەسىمنىمۇ بىللە كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمەن. Bing نىڭ بەت يۈزىدىكى تەكرارلىقتىن تۇتۇشىغا قول قويدۇم.

    2. ھاجى [ جۇغلانما: 44 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2272.101Windows 8 گىلەم 2015/03/31 04:57

      باش سۈرەت ئىنكاس يېزىۋاتقاندا ئاستىدىكى يەردە نۇرمال، ئۈستىدە نۇرمال ئەمەسيا؟ :idea:

    • كۆچۈرۈلمە يوق

    ئۈنچە قالدۇرۇش