Home >  > رەسىملىرىڭىزدىنمۇ بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن

رەسىملىرىڭىزدىنمۇ بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن

1

touchid-scan-fingerprint2-20130910
ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟! سىزنىڭ بارماق ئىزىڭىز زادى قانچىلىك بىخەتەرلىك كۈچىگە ئىگە. ھازىرغىچە قايسى ساھەلەردە، قانداق ئەھۋاللارنى ئۇنى ئىشلىتىۋاتىسىز. ھېلىقى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدا بىخەتەرلىك ئىشىكىنىڭ مەخپىي نومۇر كونۇپكىلىرىغا ئۇپا پۈركۈپلا بارماق ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇسىز؟! كۈندە نەچچە سىيلايدىغان پۇللاردا قانچىلىك كىشىلەرنىڭ بارماق ئىزلىرى چاپلىشىپ قالغان...؟
شۇنداق، نۆۋەتتىكىدەك شەخىسي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ناھايىتىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن دەۋىردە، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بارماق ئىزىنى كىملىك ID سى ئورنىدا ئىشلىتىش بىر قەدەر بىخەتەر تۇيغۇ بېرىدۇ. يەنى، ئالما يانفۇنلىرىغا ئوخشاش بارماق ئىزى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى تونۇيالايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى نۇرغۇن كىشىلەر بىخەتەرلىكتە ماختىشىدۇ. يەنە كېلىپ بارماق ئىزى باشقا ھەرقانداق مەخپىي نومۇرلاردىن مۇرەككەپ بولۇش، يېشىش قىيىن بولۇش، كىرگۈزۈش قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، چىراي، ئاۋاز ئارقىلىق كىملىككە ھۆكۈم قىلىش تېخنىكىسىدەكلا ئاقسا بىلىنىدۇ.
لېكىن تېخنىكا بىر قەدەم ئىلگىرلىگۈچە، خاككرلارمۇ ئۇخلاپ ياتمايدۇ. يېقىندا بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىنىڭ سەزمە ئىكىرانلىق ئۈسكۈنىلەردە مەشغۇلات قىلغاندا ئارشكارىلىنپ قىلىشتىن سىرت، مۇنداقلا تارتىۋالغان سۈرەتلەر ئارقىلىقمۇ پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بايقالغان. ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرلار تەشكىلاتى Chaos Computer Clu نىڭ باياناتىدا ئىلان قىلىشىچە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن رەسىم ئارقىلىق بىرقانچە بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قولغا چۈشۈرگەن.
يۇقىرىقى خاككىرلار تەشكىلاتىنىڭ گىرمانىيە ھامبۇرگ شەھرىدىكى بىر ئەزاسى Jan Krissler، گىرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى Ursula von der Leyen نىڭ بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشتە VeriFinger نامىدىكى بىر دېتالغا تايانغان. بۇ بولسا گىرمانىيە Neuro شىركېتى تەمىنلىگەن مەخسۇس بارماق ئىزىنى پەرىقلەندۈرۈش، بارماق ئىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالگورىفماسى ئارقىلىق تۈزۈلگەن دېتال بولۇپ، ئېچىۋىتىلگەن SDK سى ھەرقايسى ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان.
Jan نىڭ ئىيتىشىچە، ئۇلار دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن رەسىم، بۇ ئەمەلدارنىڭ بىر قېتىملىق ئاممىۋىي سورۇندا ئاممىغا قولىنى پۇلاڭلتقىنىدا، ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن سۈرەتكە تارتىۋىلىنغان. لېكىن ئۇلار زادى قانچىلىك ئېنىقلىقتىكى ئاپارات ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
دېمەككى، ئەگەر داڭلىقراق بىرەر شەخىس بولۇپ قالسىڭىز، ياكى كەلگۈسىدە چوڭ - چوڭ ئىشلارنىڭ بارماق ئىزىڭىز ئارقىلىقلا بىر تەرەپ قىلىدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا قولىڭىزنى مۇنداقلا پۇلاڭلىتىپ قويسىڭىز باشقىلار رەسىمگە تارتىۋىلىپ، ئۇزۇنغا بارماي، بارماق ئىز ئۇچۇرلىرىڭىزنى قولغا چۈشۈرۈشى، ۋە سىزگە زور ۋەيرانچىلىق تۇغدۇرىشى مۇمكىن. ئاڭلىماققا نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق - ھە؟ بىرەرسى سەزدۈرمەستىن بارمىقىمىزنى ئويناپ ئولتۇرۇپ رەسىمگە تارتىۋالسا، ئاندىن ئۇنى خاككىرلارغا سېتىپ بەرسە ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ ئېكەن.
ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ بارماق ئىزنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئىشلىتىلىشتىن قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەرقانداق نەرسىگە خەتەرلىك يۇچۇقلار يۇشۇرۇنغان، مەسىلە بىزنىڭ قانچىلىك سەگەكلىك بىلەن بۇ "قورقۇنچلۇق" جەمئىيەتتە شەخسىيىتمىزنى ياخشى ساقلاش.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (1)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ جۇغلانما: 44 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 8 دىۋان 2015/01/02 15:24

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش ھەجەپ ئوخشىشىپ قالىدىغان نۇقتىدا تۇرۇپ تېما يازىدىكەنمىز دېسە. مەنمۇ بىخەتەرلىك توغرىسىدا بىر يازما يېزىپ قويۇپ تېخى ئېلان قىلغۇدەك بولمىغانتىم. :lol:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش