قارىماققا تور بەت كۆرۈش ئىقتىدارىنىلا تەمىنلەپ بەرگەندەك تۇرغىنى بىلەن، بۇ تور كۆرگۈلەر بارغانسىرى بىر مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئوخشاش، خىيالغا كەلگەن ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئالدى بىلەن بىر تالاي كارامەت قىستۇرمىلارنى تىلغا ئالماي تۇرايلى. ئاندىن Chrome ۋە FireFox قا ئوخشاش ئىلغار تور كۆرگۈلەرنىڭ بىز پىروگرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن قانچىلىك كۈچىگەنلىكىگە شاھىد بولايلى!
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەت كودىنى تەھرىرلىگەندە ئاۋۋال تور كۆرگۈدە كودلىرىنى كۆرۈپ، كۆرۈنمە يۈز بىلەن مۇناسىپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى تېپىۋىلىپ، ئاندىن كود تەھرىرلىگۈچتە ئۆزگەرتىپ ساقلايمىز. بەزى بالىلار كۆرۈنمە يۈز ھالىتىدە تەھرىرلەپ، بىراقلا ساقلىيالىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە dreamweaver نى ئىشلىتىپ يۈرىدۇ. ئىشىنىمەنلىك مونۇ يازمېنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ھۆججەتلەرنى تور كۆرگۈگە باغلىماي، ئادەتتىكى ئۇسسۇلدا تەھرىرلەش
بىر مىسلا بىلەن كېلەيلى.
نۆۋەتتە ئېچىۋاتقىنىمىز تۆۋەندىكىدەك ھۆججەت قۇرۇلمىسىدىكى بىر تور بەت بولسا:
ئەمەلىي كودلىرى تۆۋەندىكىدەك:
Hello World Hello World