ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى سېستىمىلىق يەكۈنلەپ بىرەر نەرسە يېزىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن نېمىشقىكىن ئۆزۈمنى خىلى زورلاپ باقساممۇ يەنىلا قولۇم قەلەمگە يېقىن بارمايۋاتىدۇ. بەلكىم قىلىپلاشقان ماقالە شەكلىدىكى بىرەر نەرسە يېزىشقا رېغبېتىم يېتىشمەيۋاتسا كېرەك. دېمەك، بۇ تەسىراتلار، بۇ كەچمىشلەر ئەسلىمە دۇنياسىدا توزۇپ كېتىشتىن بۇرۇن، چۇۋالچاق بولسىمۇ خاتىرلەپ قويۇپ تۇراي. كەينىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ئېنى - سىڭىللارغا ئازراق بولسىمۇ ئوزۇق بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈدتە!
ئىلاۋە: مەزكۇر يازما تاكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلغۇچە، كۈن ئارىلاپ تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە سېڭىپ كىرىشكىچە بولغان كەچمىشلەر، تەسىرات، يەكۈنلەر ئاساسي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزمۇنىغا قىززىققۇچىلار چىسلا تەرتىپى بويىچە كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىللەر...
4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى: 69 كۈن قالغاندا
ئاز كەم تۆت يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپ دەرۋازسىدىن قانداق ھاياجان ئىلكىدە كىرگەن بولسام، مانا بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تەشۋىشىك خىياللىرىم ئارىلاش ھاياجانلىق بىر خىل تۇيغۇنى باغاشلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەكتەپ سەيناسىدىن ئايرىلىدىغانغا توپتوغرا 69 كۈن ۋاقىت قاپتۇ. "ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن - ھە" دېگەن بۇ بىمەنە گەپنى يەنە تەكرارلىغۇم يوق. تەكرارلىغاننىڭ نە پايدىسى...؟ تۇرۇپلا شۇنداق سېغىنىمەن! ئەشۇ ئەتتىگەندىن - كەچكىچە دەرس ئوقۇشلارنى، تەجىربىخانىدا مۆكچىيىپ ئولتۇرۇشلارنى، دۆۋە - دۆۋە تاپشۇرۇق قەغەزلىرىنى تۈپلەپ، ھەپتىلىك تاپشۇرۇقنى ئاران - ئاران تاماملاپ بولۇشلارنى؛ سېغىنىمەن، ئەشۇ دەرسخانىدا مۈگىدەپ قىلىشلارنى... دەرس ئوقۇش، جۈملىدىن غۇبارسىز ھالەتتە بىلىم ئىگەللەش نەقەدەر گۈزەل بىر ئىش - ھە؟ لېكىن، ئۆزىمزىنى ھەرقانچە قاچۇرساقمۇ، ھەرقانچە خالىمىساقمۇ ئوقۇشلارنىڭ ئاخىرى يەنىلا رىقابەت ۋە زىددىيەتكە تولغان بۇ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتۇر.
بەزىدە تولىمۇ ھەيران قالىمەن. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم پەقەت ئۆزىنى "ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىدىن ۋاقىتلىق قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاسپىرانتىقتا ئوقۇدۇم" دەپ قارايدىكەن. بىلىمگە بولغان ھەقىقىي ئىنتىلىش بولمىغىنىدا، ياسالمىلىق بىلەن يەنە 3 يىل ۋاقىتنى ئۇنۋان ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىر ئەخمىقانىلىق دەپ ئويلايمەن، ئۆزەمچە! ئىشىنىمەنكى، ھارىزغىچە كىشىلىك ھاياتتا بىر يۆنىلىشى بولماي، پەقەت پارقىراق ئۇنۋان بىلەن ئازادە بىر ھايات يولىغا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر دوكتورلۇققىچە ئوقۇسىمۇ ھاياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىش قىلالمايدۇ. قىسقىغىنە ھاياتتىكى بۇ كەسىپ قانداقتۇر جان بېقىش دەسمايىسى بولۇپ قالسا، بۇنى ھىسداشلىققا ئەرزىيدىغان بىر تىراگىدىيە دېمەي ئامال يوق.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئەڭ كۆپ ھېس قىلغىنىم يەنىلا "بېسىم" بولغاندەك قىلىدۇ. خۇددى سىم كارىۋاتتا ئەللەيلىنىپ 3 يىل ئۇخلاپ، كۆزۈمنى ئاچسام قىرىپ بوۋاي بولۇپ قالغاندەك. ئادەمدە غەم نەقەدەر تولا؟! گۈزەل ئارزۇلاردىن ۋاز كېچەي دېسە بۇ ھايات مەنىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قىلىۋاتقان. "ھېچنەرسىگە پىسەنت قىلماي، ئارزۇلىرىمنى قوغلاي" دېسە، يەلكىمىزگە ئارتىلغان باشقىلارنىڭ ئۈمۈد - ئارمانلىرى، كۈتىدىغان تەلەپلىرى سالپىيىپ تۇرغان. ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، قەۋم - قېرىنداشلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي تېخى بولمىغان...تاللاش، ۋاز - كېچىش، تاللىنىش - شاللىنىش... بېسىم، غەم... مانا بۇلار 4 يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ يارقىن نەتىجىسى بولسا كېرەك!!
ھەركۈنى ئاخشىمى ھېرىپ - چارچاپ قايىپ كەلگەن ياتاقداشلىرىم توختىماي "ياشىماق نەقەدەر قېيىن" دەپ ئاھ ئۇرىدىغان بولىۋالدى. ئاھ ئۇرۇشنىڭمۇ ئاساسىي بار ئەلۋەتتە. ھەركۈنى ئەتتىگەندە مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوبدان ناشتا قىلىپ، ئالدىرىماي دەرسكە چىقىشلار بىلەن، قاق سەھەردە ئابتۇبۇس قىسىلىشىپ، خىزمەتكە بېرىشنىڭ پەرقى خىللا زور. ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇشنى زىرىكىشلىك، جاپا ھېس قىلىشقان بۇ بالىلار ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ئوقۇش خۇددى كېچىك بالىنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىدەك راھەت بېلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.
4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى: 67 كۈن قالغاندا
ئوقۇپ - ئوقۇپ خىزمەت ئىزدېگەندە شۇقەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپكەن. مەنغۇ ھەرھالدا تۈمۈر تاۋاققا باش تىقالمىغان بولساممۇ، كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمىتىم بار بولدى، لېككىن.... بۈگۈن چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىدا دىيارىمىزدىن كەلگەن خىزمەتچى قوبۇللاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يېغىنىغا باردىم("ياخشىراق خىزمەت بولسا سىناپ باقاي" دەپ ئۆزەمچە). ئۇقتۇرۇشتا 960 ئادەم ئالىمىز دېگەندىكىن، ھەممىسىنى چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىلىرىدىنلا ئالماس دەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئالدىن كۆرۈپ قويغان يامان ئەمەس بىر ئورۇنغا تەرجىمىھال تاپشۇرۇش مەقسىتىدە، ئالدىغا بىرىۋېدىم: "كەچۈرىسىز، بىز بۇ قېتىم پەقەت بېيجىڭ، چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىلىرىدىن ئادەم ئالغىلى كەلگەن، باشقا مەكتەپلەردىن ئالىدىغان ئىش بولسا قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز..." دېگەن سۆز بىلەن ئاستا كەينىمگە ياندىم.
ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە ئىچكىردىكى "ئىختىساسلىق خادىم" لاردىن ئالغىلى كەلگەنلىكى ئېنىق، لېكىن ھەقىقىي ئىختىساس ئىگىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدەك ئۇنداق چەت رايۇنغا بېرىشنى خالىسۇنمۇ؟! ئۇلارغا ئېشىپ - تېشىپ قالغان "چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىت" لىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تايىنلىق ھەرقاچان. دېمەك، ئەخمىقانە بىر ئىش: ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىغا كىرىش ئۈچۈن يۇقىرى ئۇنۋان كېرەك، قىلىدىغان خىزمەت باشقۇرۇش ياكى باشقۇرۇلۇش... نەچچە يىل ئوقۇپ ئىگەللىگەن بىلىم، ئىقتىدار ئاخىرىدا ئۇنۋان بىلەنلا تۈگەيدىغان گەپ.
ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن چىقىش يوللىرى ھەم بەكلا تاردەك، ھەم ناھايىتى كەڭىرىدەك بىلىنىدۇ. كەڭرى تەرىپىنى كۆرۈپ يىتەلىگەنلەر ئاللىبۇرۇن ئۈزۈپ كىتىپ قالدى ھەم ئۈزۈۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ كاللىدا پىلان ئېنىق بولۇش كېرەك ئېكەن:
1. مەن مەمۇرىي خادىم بولماقچى: ئۇنداقتا بۈگۈندىن باشلاپ ئىمتىھانلاردا يۇمشاق - قاتتىق ۋاستىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ بولسىمۇ يۇقىرى نومۇر ئېلىش، مەكتەپتە كېچىك بولسىمۇ ئەمەل تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، ئالاقىگە ماھىر، جانلىق بولۇش؛ ئامالنىڭ بارىچە ئۆرلەپ ئوقۇش، ئۇنۋان، نەتىجە.... ئاندىن يامان ئەمەس بىرەر مۇقىم خىزمەت.
2. مەن مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماقچى: ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگەنمەكچى بولغان كەسىپ، ئىقتىدار، تەجرىبە قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش. يىراقنى كۆزلەپ، جاپاغا چىداپ ئۆزلۈگىدىن ئۆگېنىش، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزىتىش، توختىماي تەپەككۈر قىلىش، ئۇرۇنۇش...
،(داۋامى بار....)
يازمىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ، تېمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن.
رەھمەت… ئامال بار داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
راست، ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە ! :لول لول:
داۋاملىق ئوقۇي دەپ ئويلاۋاتامسىز ياكى …
شۇنى بىر دەڭە… ھەش – دېگۈچە جەمئىيەتكە كىرىپ قالدۇق مانا…
داۋاملىق ئوقۇيمەن، لېكىن ئاۋۋال بىرنەچچە يىل خىزمەت قىلىپ ئاندىن!