Home >  > 25 ياش: نە سەۋەب بەزىلەر ئىشلىرىدا نەتىجىلىك، بەزىلەر تېخىچە قۇرۇق قول؟

25 ياش: نە سەۋەب بەزىلەر ئىشلىرىدا نەتىجىلىك، بەزىلەر تېخىچە قۇرۇق قول؟

8

بىلىمدارلار تورى(知乎网) دا بىرسى «ئوخشاش 25 ياش، نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ ئىشلىرى نەتىجىلىك بولۇپ، ئائىلىسىگە بەخىت نىسىپ بولدى، بەزىلەر ھېچبىر نەتىجىسىز ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالدى» دەپ سورىغان سۇئالىغا بىلىملىك تورداشلار نۇرغۇن جاۋابلارنى قالدۇرۇپتۇ. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ سۇئالغا قالدۇرۇلغان جاۋابلارنىڭ بىرسى بولۇپ، دوستىمىز ھاجىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. بۇ يىگىرمە نەچچە ياشلىق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ 25 يېشىدىكى ھالىتىنى ھىكايەت قىلىشى بولۇپ، ھەربىر ھىكايە بىر خاسلىققا ئىگە، مەقسەت كەلگۈسى ئىستىقبال يولىدا تەمتىرەۋاتقان، چۈشكۈنلۈك، دىلغۇللۇق قاينىمىدا ئاچچىق قايناۋاتقان بىزدەك ياشلارغا رېغبەت بولسىكەن دېگەن ئۈمۈد.( ھىكايەتلەرنىڭ ماۋزۇسىنى مەن قوشتۇم، ئەسلى يازمىدا ماۋزۇسىز)


تەرجىمە قىلغۇچى: تەشنايى

ھىكايەتلەر

[t]بىرىنچى ھىكايەت: مەن تەلەيلىك قىزچاق[/t]
ئۇ(قىز) بۇ يىل 25 ياش. ئائىلىسى يىزىدا، تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ ياتىقىدا تۇرغان، ئۈچ يىل قىش مەۋسۇمىنى ئوخشاش بىر دانە ئۆڭۈپ كەتكەن پاختىلىق چاپاننى كىيىپ ئۆتكۈزگەن. ئۆگىنىشتە ئىنتايىن تىرىشچان ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجە بىلەن تولۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈمدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىتالىيان تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دوسىتلىرى ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن توي قىلىپ، ئامرىكىدا خىزمەتكە چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يولدىشى ئوكسىفورد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ دوكتۇرى، ھازىر ئۇمۇ ئامرىكىدا. بەزىدە دوسىتلار چەمبىرىكىدەك ئۇنىڭ "بۈگۈن ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم بازاردا Miss يىدۇق، پالانى ئەتكەن كۆك بۆلجۈرگەنلىك پىچىنە تولىمۇ يىيىشلىك ئىكەن..." دېگەندەك ھەمبەھرى سۆزلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز!
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شۇ يىلىم،ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا، مېنى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ مۇنداق دېگەنىدى:" ھەر قېتىم ئۆتمۈشتىكى تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە،پەخىرلەنگەن ھالدا مەيدەمگە مۇشىتلاپ تۇرۇپ' ئۇ تۆت يىلدا بىركۈننىمۇ بىكار ئۆتكۈزمىدىم، ھەركۈنى قاتتىق تىرىشتىم، كۈنسىرى پىشىپ- يىتىلدىم، ھەركۈنىنى ئۆز قىممىتى بىلەن نەتىجىلىدىم، كۈنسىرى ئالغا ئىلگىرلىدىم' دىيەلەيىتتىم. لېكىن،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە مەن ئۆتمۈشتىكى ئۇ تۆت يىللىق ھاياتىمدا نېمىلەرنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەشكە پىتىنالماس بولۇپ قالدىم". بەزىلەر ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى پۈتۈنلەي تەلەيلىكلىكىدىن دىيىشتى، لېكىن ئۇنىڭ ئەشۇ تىنىمسىز كۆرەشلىرى بولمىغان بولسا، "كەلمىگەن تەلەيدە ئاتاڭنىڭ ھەققى بارمىدى" دېگەندەك،نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولاتتى.

[t]ئىككىنچى ھىكايەت: مەن بىر كۈرەشچى[/t]
ئۇ(قىز) بۇيىل 25 ياش. تولۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن بىلەن بىرگە ئادەتتىكى بىر تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپتە قىزلار ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسىگە MVP بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ تاماشا سەھنىسىدىكى شەخىسلەرنىڭ كىچىك ئىقتىسادىي ياردەمچىسى بولۇپ،ئېلان بېرىش، چىپىپ يۈرۈپ ئويۇن كىلىشىش، ئويۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن قاتىراپ يۈرگەن. بىريىلدىن كېيىن لى يۈ گاڭنىڭ ياردەمچىسى بولغان. يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاتا – ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناھيەدىكى ئۆيىگە قايتىپ، مائارىپ سېستىمىسىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئىمتىھاندىن شەرتسىز ئۆتۈپ، مەلۇم بىر يىزا باشلانغۇچ مەكتىۋېنىڭ كومپىيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بۇلتۇر ئىككىنچى ئايدا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ، قەرىز ئېلىپ، مىھمانخانا قۇرۇپ ئېگىلىك تىكلىگەن. ھازىر ئۇ ئاچقان مىھمانخانا مەيلى مۇلازىمەت، نام – ئاتاق ياكى ساپ كىرىم جەھەتتىن بولسۇن شۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. مىھمانخانىدىن تاپقان كىرىم ئوقۇتقۇچىلىقىتىن تاپقان پۇلدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.
مەن ئۇنىڭ مىھمانخانا قۇرۇشىدىن تا ھازىرغىچە بولغان جەريانىغا تولۇق شاھىد بولدۇم. ئۇنىڭدىن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، بۇ كىچىككىنە ناھىيگە قايتىقاندىن كېيىن ئۆزىنى قانداق تەڭشىۋالغىنىنى، قايتىپ كەلگىنىگە ئەپسۇلىنامدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ: تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، بىراق ئەپسۇسلانغاننىڭ نە پايدىسى، چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارنى بارلىق كۈچىمىز بىلەن قىلىشىمىز كېرەك ئېكەن! ھازىر يىزىدىكى خىزمىتىمنى تاشلاپ، بۇرۇنقىدەك ھەپتە ئاخىرىدىلا ئەمەس، ھەركۈنى پۈتۈن زىھنىم بىلەن مىھمانخانىنىڭ ئىشلىرىغا قارىيالىغىنىم بەك ياخشى بولدى دېدى. بىراق ئۇ يىزىدىكى مەكتەپتە ھەركۈنى كىتاب كۆرۈپ ئۆگېنىش بىلەن ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايدىكەن. گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى بېيجىڭدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى ھازىر تۈمەندىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىگە ئىچىنمايدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىر ئۆزى خىيالىدا تەلپۈنىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇشنى تاپقان ئىدى – كۈرەشچان ھايات.

[t]ئۈچىنچى ھىكايەت: مەن  بىر ئاكادىمىك[/t]
ئۇ(ئەر) بۇ يىل 25 ياش. ئەينى ۋاقىتتا نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ، مىجەزىنىڭ قالتىس غەلىتە بولۇشى بىلەن پۈتكۈل مەكتەپكە داڭلىق ئىدى.تەپسىلىي ئارتۇقچىلىقلىرىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايمەن. بىز زادى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تولىمۇ قاتمال ۋە نادان ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى يىڭەلىشىمىز مۇمكىن؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلىرىمدا دائىم "ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرىنى مەنمۇ بىلىدىغاندەك، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمنى ئۇمۇ بىلىدىغاندەك" خاتا تۇيغۇدا بولۇپ قالاتتىم. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەليۇلئەلا بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىن بىرىنىڭ پەلسەپە كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا سىتۇدېنتلار تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر فىلىمدا رول ئىلىپ نامى چىقتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىگە قوبۇل قىلىنىپ، شۇ قاراردىكى تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىك ساۋاقدىشىغا ئايلاندى.
بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنى كىتاب ئوقۇشىقا رېغبەتلەندۈرىدىغان بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ، مەكتەپ ژۇرنىلىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈنگىنىمدە، ئو خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولغان ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ماڭا تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان، كىتاب ئوقۇش ھەققىدە بىرپارچە ماقالە ئەۋەتىپتۇ. يازغان ماقالىسىنىڭ قۇرلىرىدىن بىرخىل كەسپىيلىكنىڭ ھىدى كىلىپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بىزگە ناتۇنۇش بولغان بىر ساھەدە رەسمىي پىشىپ يىتىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.ئىپتىخارلىق بىلەن ئۇنىڭ كىتابخۇمارلىقىمغا كۆرسەتكەن زور تەسىرلىرىنى ئويلىدىم ۋە ھاياتىمدا موشۇنداق بىر ياخشى ئۇستازىمنىڭ بولغىنىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.

[t]تۆتىنچى ھىكايەت: مېنى كادىر دىيىشىدۇ[/t]
ئۇ(قىز) بۇ يىل 25 ياش. تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆگىنشتە ياخشى ئىدى، ئالىي مەكتەپتە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەكتەپ گىزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شاڭخەيگە بېرىپ، مەلۇم بىر ئىلان شىركېتىدە يېزىق-بەلگە پىلانلاش خادىمى بولغان. ھەركۈنى مىتىروغا قىستىلىپ چىققىنىدا تەنھەرىكەت ئايىغى، خىزمەت بىناسىغا كىرگەندە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ، شىركەت تاپشۇرغان بىرنەچچە لايىھەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئىرىشكەن. بىراق، ئەمدىلا مىڭ تەستە پۇت تىرەپ تۇرىشىغا ئۆيىدىكىلەرنىڭ قەتئىي تەلىپى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، ناھىيەسىدە شۇ يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك بىر ئورۇنغا خىزمەتكە چۈشكەن. خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقلىرى دەرىجىلىك ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ، بازار باشلىقى بولغان. لېكىن، ۋەزىپىگە ئولتۇرماي تۇرۇپلا ئىستىپا بەرگەن، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قاتناشقان مەملىكەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىمۇ ئۆتكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جېجىياڭغا بېرىپ مەمۇر خادىم بولدى.
لېكىن بارچە كىشىلەر ئۇنىڭ ئىمتىھانلاردا تەڭدىشى يوقلىقى ھەققىدە ماختاۋاتقاندا، ئۇنىڭ ياتىقىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مەڭگۈ موشۇ كىچىككىنە ناھيىدە ياشاپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتقانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا، چوقۇم چوڭ شەھەرلەردە ئىستىقبال قوغلىشىش ئىرادىسىنى تىكلەپ بولغانلىقىنى كىممۇ بىلسۇن؛ ئۇنىڭ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، YY قانىلىدا ھەرخىل يۈزتۇرانە ئىمتىھان يىتەكچىلىك كۇرۇسلىرىغا قاتناشقىنىدا، قانداق بىر خىل كۈچنىڭ ئۇنى يالغۇزلۇق ۋە جاپاغا بەرداشلىق بەرگۈزگىنىنى كىممۇ چۈشەنسۇن؟! ئالدىنقى ئايدا ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋال سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، تېخى يېقىندىلا چاي ئىچكەچ ئارام ئالىدىغان بىر ياخشى جاينى تاپقانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى.

[t]بەشىنچى ھىكايەت: مەن زۇڭتۇڭ بولاتتىم[/t]
ئۇ(قىز) بۇ يىل 25ياش. تولۇق ئوتتۇرىدا نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك، بىراق كىشىلەرگە قىزغىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرىدىكى مەكتەپ داڭدارلىرىدىن ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرۇس ئوقۇدى، بىر يىلدىن كېيىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن كورىيەگە بېرىپ، بىر يىل ئالماشتۇرۇلما ئوقۇغۇچى بولدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىياڭگاڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇدى، ھازىر شىياڭگاڭدا رەسمىي خىزمىتى بار، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا ۋاكالىتەن سىتىۋالغۇچىلىق قىلىدۇ، يەپ – ئىچىپ جاھاننى سەيلە قىلىدۇ، دوسىتلار چەمبىرىكى ئاساسەن ئۇنىڭ ئوينىغان كۆرۈنۈش رەسىملىرى بىلەن قىززىپ كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ كاساپەت راستىنلا ئورۇقلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەريەردە داستان قىلىپ سۆزلەيدىغانغا، پور كۆتەكتىن گۈزەل نازىنغا ئايلانغۇچىلىك بولغان رېغبەتلەندۈرگۈچى ھىكايىلىرى بار بولدى بولدى.
بەزى ساۋاقداشلىرىم ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئاساسەن ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولدى دىيىشىدۇ.بىراق ناھىيىدىكى قوش مەمۇرىي بىر ئائىلىنىڭ شارائىتى قانچىلىك ياخشى بولالىسۇن؟ قانچىلىك پۇل خەجلەپ ئۆزگە يۇرت، چەتئەللەردە تىل قىيىنچىلىقىنى ۋە باشقىلارنى ھەل قىلغىلى بولسۇن؟ ھىسياتقا باي بىر كىشىنى بىر مەيدان نەس باسقان مۇھەببەت قاينىمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا خەلق پۇلى بولسا بولامدۇ ياكى دوللارمۇ؟ ئەزىزلىرىم، ماڭا بىر ئىيتىپ بىرىڭلارچۇ: دوستلارغا بولغان قىزغىنلىق ۋە ھەممە ئىشنى تىتىملىق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئاقىل قەلىبنى قانچە پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ ئالتە ياش ۋاقتىمدا، مەن چىۋىندىن قوغدىنىش سۇيۇقلۇقىنى ياساپ چىقىپ، ئالىم بولۇش ئىستىكىدە يۈرگېنىمدە، چىشلىرى تولۇق چىقىپ بولالمىغان ئۇ قىزچاق "چوڭ بولغاندا زوڭتۇڭ بولىمەن" دېگەن ئىدى.

[t]ئالتىنچى ھىكايەت: مەن كىچىك مايۈن [/t]
ئۇ(ئەر) بۇ يىل 25 ياش. ماڭا ئوخشاش ياڭ فامىلىلىك، ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە، مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئىنگىلىز تىلىدا بەك ناچار بولغاچقا، ئۆتمۈشتىكى ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھانلىرىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى يەكۈنلىگەن: جاۋابنىڭ ئەڭ ئۇزۇنىنى تاللاش كېرەك، ئەگەر ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش جاۋابتىن بىرنەچچىسى بولسا ، كەسكىن ھالدا c نى تاللاش. ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر مەكتەپتە تاماملىدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېلىكتېر سودىسىغا كۆز تىكتى. توردا تەنھەرىكەت ئايىغى سىتىشتىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سودا تور بېكىتى، بىرقانچە تارماق دۇكاندا يۈزلىگەن خادىمى بولغۇچە، يەنە ھازىرقىدەك بەزى- بەزىدە:"كۈندە ئۈچ مىڭ زاكاس تالۇنى بىلەن ئۆز رىكورتىمنى بۇزدۇم،مال يەتكۈزگۈچىلەر يەنە زاكاز ماللارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بولالمىسا، مال سېتىۋالغۇچىلار ئەرىز قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ! تور سودىسى ھەقىقەتەن جاپالىق ئېكەن!" دېگەندەك سۆزلەرنى چەمبىرەككە چىقىرىدىغان بولغۇچە ئاران ئۈچ يىللا ۋاقىت كەتتى.
ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە تونۇشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە سېتىۋىلىپمۇ باققان ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىملىك، بانكا كارتا ۋە 12 مىڭ سوم قەرىز پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، يوتقانغا ئورۇنۇپ راسا يىغلىغاندىكى كۆز يېشىنىڭ قانداق تەمدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. مەن ئۇنىڭ ئىككى سائەت كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، 36 يۈەنلىك بىر تەنھەرىكەت ئايىغىنى خىرىدارغا يەتكۈزۈپ بەرگىلى ماڭغان ياز كۈنى زادى قانچىلىك ئىسسىق بولغىنىنى بىلمەيمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئابونىتلىرىغا تور بەتكە تىزىملىتىشتىن باشلاپ مال زاكاز قىلىش، ساتقۇچىنى باھالاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قانچىلىك ئىغىر بىسىقلىق بىلەن بىر – بىرلەپ ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە قانچىلىك خۇشاللىقلارغا نائىل بولغىنىنى بىلمەيمەن. بىراق ئۇنىڭ ئۆز ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى خۇلاسىلەپ ئىيىتقان مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى ھىلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ: كەينىمدە مېنى ئۈن – تىنسىز قوللاپ كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن، ياڭ * ئىزچىل تىرىشىۋاتىدۇ، ياڭ * ئالغا!

[t]يەتتىنچى ھىكايەت: مەن بىر ياماشقۇچى [/t]
ئۇ(قىز) بۇ يىلى 23 ياش. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا نوقتىلىق سىنىپ ۋە ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىيىتتى، يۇقىرىدا ھىكايەتلەرگە پىرسوناژ بولغان بارلىق ساۋاقداشلىرىم مەن بىلەن نوقتىلىق سىنىپتا بولۇپ، پەقەت مۇنۇ قىز ساۋاقدىشىمىزلا ئىككىنچى يىللىقتا ئاندىن نوقتىلىق سىنىپىمىزغا كىرگەن ئىدى. يەنە پەقەت موشۇ ساۋاقدىشىمىزلا بىر يىل قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن. ئالىي مەكتەپتە ھەممە پەندە A ئېلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتلىرى ۋە ھەرخىل مۇكاپات گۇۋاھنامىلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. مەكتەپتىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇشمىغا رەئىس بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانلىققا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان، ھەمدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ، شېنجىدىكى مەلۇم بىر خەلقارالىق 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىكى شىركەتتە ئىشقا چۈشكەن. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئالماشتى، ئادەتتە شىركەتتىكى بۇ ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بەش يىللىق شۇ شىركەتتە خىزمەت تارىخى بولۇشى بەلگىلەنگەن ئىدى، بىراق ئۇنىڭ شىركەتكە كەلگىنىدىن، بۇ ئورۇنغا چىققۇچە ئاران بىريىل كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى خىزمىتىنى ياقتۇرغان – ياقتۇرمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا: ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى شۇ خىزمەتنى چوقۇم ياخشى قىلىش ئېكەنلىكىنى ئىيىتقانىدى. ئۇنىڭدىن قايسى جەھەتتە ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى سورىغىنىمىدا، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تىلغا ئالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ خىزمەت جەريانىدا يولۇققان ھەرقانداق مەسىلىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىسام، بىر كۈننىڭ 48 سائەت بولۇپ قالمىغىنى ئىكەلىكىنى ئىيىتقانىدى. يېقىندا قانداق تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى سورىغىنىمدا، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى ئېيىتقانىدى.

[t]سەككىزىنچى ھىكايەت: مەن خوجايىن بولماقچى [/t]
ئۇ(ئەر) بۇ يىلى 27 ياش. ئوچۇقىنى ئىيىتسام مېنىڭ گىتار ئۆگىنىشىم قانداقتۇر قىزىقىش يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆلگۈر مۇزىكانىت بولۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەس، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بىر گىتتار چىلىشى بىلەن قىز ساۋاقداشلارنى رام قىلىۋالىدىغان، شۇنداقلا قىزلاردىن ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئاشۇ ساناقسىز سۆيگۈ مەكتۇپلىرىغا نائىل بولىدىغان ئەمەلىيەت ئىدى – گىتار چىلىش= قىز كەلتۈرۈش. بىراق تولۇقسىزدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گىتتار ئۆگەنگىنىمگە چۇشلۇق ھازىرغىچە ئاران شۇ بىر نەچچە پەدىگە سازلىيالايمەن، ئۇ بولسا قىزىقىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گىتتار چىلىشنى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا ئەتىرەت تەشكىللەپ ئويۇن قويدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپ ئەتىراپىدا چالغۇخانا ئېچىپ، بىر تەرەپتىن چالغۇ – ئەسۋاب سودىسى قىلسا، بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتتى، ئۇزۇنغا بارماي ئەتىراپىدىكى كەسپىي رىقابەتچىلىرىنى يىڭىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالدى. 25 ياشقا كىرگەن يىلى ماشىنا، ئۆي سېتىۋالدى، ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ئادەتتىكىدەك بولۇپ، ھەممىسى ئۆزىگە تايىنىپ ئىرىشكەن ئىدى.
"كىلىشكەن" بولۇش پەقەت ئۇنىڭ تاشقىي خاسلىقى بولۇپ، تىرىشچانلىقى، ئۆتكۈر ئىقتىسادىي كاللىسى ۋە كۈچلۈك جاھاندارچىلىق ئىقتىدارى ئاندىن ھەقىقىي رىقابەتتە يىڭىش قورالى ئىدى. تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتا مەن بۇرادەرلىرىم بىلەن ئويناپ يۈرگەنلىرىمدە، ئۇ دەرىستىن كېيىن كۈندە 6 سائەت گىتتار مەشىق قىلىدىغانغا ۋاقىت چىقىراتتى. ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقتا مەن تورخانىغا يۈگىرەپ پۇرچاق(豆瓣) مارىغاندا، ئۇ گۇررۇپپا تەشكىللەپ ناخشا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلارنى ئالاتتى. خىزمەتكە چىققان تۇنجى يىلى مەن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قاقشاۋاتقىنىمدا، ئۇ گىتتار تەربىيلەش كۇرسىدا ئەتتىگەن توققۇزدىن، كەچ سائەت ئونغىچە دەرس ئۆتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ھازىر ئىگىلىكى ئاساسەن مۇقۇملاشتى. ئاڭلىسام ھازىر ئۇ دوسىتلىرى بىلەن يېڭى "مەخپىي ئۆيدىن قىچىش" ئويۇنىغا مەبلەخ ساپتۇدەك. دېمەك، يەنە بىر تالاي مۇۋەپپىقىيەت ئۇنى ماراپلا تۇرۇپتۇ.

[t]توققۇزىنچى ھىكايەت: مەن مەغلۇبىيەتچى ئەمەس [/t]
ئۇ(ئەر) بۇ يىل 27 ياش. 25 ياش ۋاقتىدىن ھازىرغىچە، كەنىت باشلىقى بولۇپ باقتى، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ باقتى، ئۆي بىزەكچىلىكى قىلىپ باقتى، ئېلىكتىر لامپىسى سېتىپ باقتى، سوپۇن – لۆڭگە سېتىپ باقتى، چاقىلىق ئاياغ سېتىپ باقتى، بىزەك رەسىملىرىنى سېتىپ باقتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن تا بۈگۈنگىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغىنىنى ھېچكىممۇ بىلەلمىدى. بۇ چوڭ ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدە خىيالىزىمچى، ناتۇنۇشلار نەزىرىدە ساراڭ، دوسىتلار قەلبىدىكى "تۇترۇقسىز" سۆزىنىڭ تولۇق ئىزاھاتىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ بۇ يىل 9 – ئايدا، بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆتتى، شۇندىن بىرى ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، بىر توپ قىزىل گالىستۇكلارنى ئەگەشتۈرۈپ، مۆكىمۆكىلەڭ ئوينايدىغان بىچارە ھالەتكە مەھكۇم بولدى.
مەن نۇرغۇن دوستلىرىمدىن ئۇنىڭغا بولغان پاسسىپ باھالارنى ئاڭلىغان، بىراق كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىدىم. چۈنكى مەن ئۇنى چۈشىنەتتىم، ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى چۈشىنەتتىم، ئۇنىڭ ئاتالمىش "ساراڭ"لارچە ئىشلىرىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى چۈشىنەتتىم. بەلكىم يۇقىرىدىكى كىشىلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى بىر قەدەر بىچارە. بىراق باشقىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرىشكەنلىرى ئاساسەن جەمئىيەت ئاساسىي ئىقىمى ئومۇمىيۈزلۈك ئىتىراپ قىلغان تاشقى نەتىجە خالاس، ھاياتىمىزدا تاشقىي دۇنياغا يۈزلىنىشتىن باشقا ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تۈمەنلىگەن كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۇ تاشقىي دۇنياغا ئانچە مۇۋەپپىقيەتلىك يۈزلىنەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق، قەلىبتىن ئىبارەت بۇ ئىچكى دۇنياغا ئۇ ھەرقانداق كىشىدىن مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەل يۈزلەندى. ئۇنىڭ قىممىتىنى يۇقىرىدىكى ھەرقانداق كىشى بىلەن سىلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، پەقەت كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ خالاس. ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى ئۇنىڭ توختاۋىسىز ئىزدىنىشلىرى، ئىزىقىشلىرى، مەغلۇبىيەتلىرى بەدىلىگە چوقۇم بىر ئوبىكتىپ ئادىل باھا چىقىرىدۇ.

[t]ئونىنچى ھىكايەت:  ھىكايەتلەرنىڭ خاتىمىسى[/t]
يۇقىرىدا بۇ توققۇز نەپەر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ۋە 25 ياشتىكى نەتىجىلىرىنى سۆزلىدۇق، ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن ئادەملەر ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىدىن ئۆز كۆلەڭگىلىرىنى كۆرۈپ يەتتى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ۋە ماڭا ئوخشاش، ئادەتتىكى ياشلاردىن ئىبارەت. خۇددى بارلىق يىگىرمە نەچچە ياشلىقلارغا ئوخشاش ئۇلارمۇ دىلغۇل بولغان، ئىزىققان، تىركەشكەن، ئازابلانغان، ۋاز كەچكەن، قايتىدىن كەلگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەددىنى رۇسلاپ، ئاخىردا، 25 ياشقا كىرگىنىدە ئېنىق نىشانىنى تېپىۋالدى، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى،ئۆزلىرىگە خاس بولغان ھايات قىممىتىنى ياراتتى.
گەرچە ئۇلارنى نۇرغۇن قالتىس كىشىلەر بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇمكىن بولسىمۇ، ھازىرچە ھەممىسى پەقەت ئۆز ساھەلىرىدە تىرناقچىلىك نەتىجىگە ئىرىشكەن بولدى، قانداقتۇر چوڭ مۇۋەپپىقەتلەردىن تېخى ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىراق يۇقىرىقىلار مەن تونۇيدىغان پۈتكۈل ياشلار ئىچىدىكى غالىبلىرى ھېسابلىنىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىرەر ئىش تەۋرىتەلمەي، لاغايلاپلا كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلاردىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ مېنى توختىماي ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان روھىي ئىنىرگىيە بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە كۆپ تەشەككۈرلەر، ھاياتىمدا ئۇلار بىلەن سەپەرداش بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.
بىراق كەچمىشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرگە ئىرىشەلىشى يەنىلا شۇ تىرىشچانلىق،سەمىمىيلىك، بەل قويىۋەتمەسلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، كەڭ قورساقلىق، ئارزۇلارنى قوغلىشىش نەتىجىسى ئېكەن. ئاندىن يۇقىرىقىدەك بىر تالاي ئىجابىي خارەكتېرنى ھازىرلىغاندىن كېيىن تەييارلىقنى پۇختا قىلىش، كۆز ئالدىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئىكەن.شۇنداق، سۆزلەپ كەلسەك ئاخىردا يەنىلا موشۇ ئامىللار، بىراق خالىغان بىرىنى قانچىلىك ئادەم تولۇق ئەمەلدە كۆرسىتەلەۋاتىدۇ؟!
ھېچكىممۇ ئاسانغىنە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قالغان ئەمەس...
مەن ئىزچىل ھالدا، نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئانچە تەس ئەمەس دەپ قارايمەن. چۈنكى كۆپىنچە ئادەملەر چۈشكۈن، ھورۇن، سۆرەلمە، نىشانسىز، بىكارتەلەپ، پەقەن مەن شۇنداق كىشىلەردىن سەنلا ئەستايىدىل بولسام، تىرىشچان بولسام، كۆپرەك ئۆگەنسەم، كۆپرەك ئىشلىسەملا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ ماڭغان بولىمەن.
ئۇنداقتا رىئاللىق نېمە دەيدۇ؟ سىز راستىنلا ھېچبىر نەتىجە قازىنالمىدىڭىزمۇ؟ سىز راستىنلا بۇلارنى بىلمەمسىز؟ سىز راستىنلا قەتئىي ئامالسىزمۇ؟
25 ياشلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھېچبىر نەتىجىسىز ئېكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، نېمە ئىش قىلىش توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ ئوي – پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

Now l have come to the crossroads in my life.
I always knew what the right path was.
Without exception, I knew, but l never took it.
You know why? lt was too damn hard.

"ھاياتىمدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىدىمەن، شۈبىھسىزكى قايسى يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىمەن. بىلىمەن، ئەمما ئەزەلدىن ئۇ يولغا مىڭىپ باقمىدىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ، كاساپەت، ماڭماق تولىمۇ قىيىن."
ئالدىڭىزغا توخۇ شورپىسى كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئىچىدىغانغا قوشۇق يوق.
چۈنكى ئەزىزىم، ئەلۋەتتە سىز قوشۇقنىڭ قەيەردە بولىدىغىنىنى بىلىسىز، تېپىپ كېلىشكە ماغدۇر بولغۇدەك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق سىزدە بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ھوزۇرلىنىپ توخۇ شورپىسى ئىچەلىشىڭىز مۇمكىن.
ئوخشاش 25 ياش، نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ ئىشلىرى نەتىجىلىك، ئائىلىسى بەخىتلىك يەنە بەزى كىشىلەر ھېچبىر نەتىجىسىز ئورنىغا سەكرەپ يۈرىيدۇ؟
چۈنكى بۇ بىر ھەقىقەتكى: دۇنيانى تەييار – تاپ، ھورۇنلارغا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

مەنبە: 知乎

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (8)
نەقىللەر (0)
  1. يارۇق [ جۇغلانما: 21 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2014/08/25 13:05

    ياخشى چىققان ئەسەركەن. بولسا ۋىنفون ۋە ۋىنكۆزنەككە ئەپ تۈزۈشكە ئائىت نادىر تەجرىبىلىرىڭلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭلا.

  2. ئۇيغۇربەگ [ جۇغلانما: 29 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2014/08/25 21:52

    بىر زامانلاردا كاتتا ئالىم بولۇش خىيالىدا يۈرگەن، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەپتىگە قاراپ باقسام ئەمدى تېخى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھالدا ئىكەنمەن…

  3. قاسىمجان [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2014/09/19 16:56

    ئىنكاسىم بىلەن ماۋۇ يازمىدا ئورۇن ئېلىۋالاي . . . جىق كىشىلەرگە كۆرسىتىپ قويىمەن.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش