ئالدىنقى يازمامدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى خىيال ۋە تەسىراتلىرىمدىن بىر قۇر جۈيلۈپ چىققان ئىدىم. ھەمدە چوقۇم بۇھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ، 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىن خۇلاسەن تەسىراتلارنى ئورتاقلىشىمەن دېگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن داۋامىنى جۈيلىشىمگە ئازراق ئىمكان بولۇپ قاپتۇ. بۇ يازمېلىرىمنى قانداقتۇر رەسمي تەسىرات ماقالىسى ئەمەس، بەلكى بىر سىتۇدېنتنىڭ ھىسسىي يەكۈنلىرى تەرىقىسىدە چۈشىنىپ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ سەينادا ھەقىقىي ئۆزىنى تېپىۋالماقچى بولغان ئېنى - سىڭىللىرىمغا سەمىمىيەت بىلەن بېغىشلايمەن!
4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 64 كۈن قالغاندا
موشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدە قاقشاشلىرى، كۈنلەرنىڭ بۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئازابلىق مونۇلۇگلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. شەخسەن، بەزىدە مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق ئۇھسىنىشلار ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمغا ئۆكۈنگەنلىرىم بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، مەيلى قانچىلىك قاقشىمايلى، بۇ تۆت يىل پۈتكۈل ھاياتىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى(قىسقارتىلما كۆرۈنىشلىرى) ئېكەن. خۇددى ئەبەدىيلىككە ئىگە بولىدىغىنىمىزدەك سۆيۈۋاتقان بۇ ھاياتىمىزمۇ موشۇ تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزغا ئوخشاش، تۈرلۈك – تۈمەن كەچمىشلەرنى كائىناتقا سورىۋىتىپ. بىزنى تۇيدۇرماستىن ئاخىرقى چەككە ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇقەددىمە بىلەن تەپسىلاتنىڭ قانداق مۇناسۋىتى بولۇشى مۇمكىن؟ ئېنىقكى مۇقەددىمە چوقۇم تەپسىلاتتىن يېغىنچاقلانغان، يەنى تەپسىلاتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. دېمەك،ئالىي مەكتەپنى ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى دېسەك، كۆزنى يۇمۇم ئاچقۇچە بولغان بۇ تۆت يىل ئىچىدە پۈتكۈل ھاياتىمىزننىڭ خارەكتېرىنى بەلگىلەپ قويىدىكەنمىز. بۇ گېپىمگە ئىسپات ئۈچۈن، مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا دېققەت قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە، ياكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۆسۈپ مىۋە بېرىشىگىچە بولغان جەريانى تېخىمۇ يارقىن چۈشەنچە.
ئالىي مەكتەپكە چىقىپلا بەزى ساۋاقداشلىرىمدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە مەن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدىم. بۇ ھەيرانلىقلىرىمنىڭ تامامى تۈرلۈك تۈمەن قىياسەن سەۋەبلەرگە تۇتۇشۇپ كەتتى: "بەلكىم ئۇلار ياتاقداشلىرىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاندۇ؛ بەلكىم ئۆزىنى ئەمدى چوڭ بولدۇم دەپ ئويلىغاندۇ؛ قىزلار بولسا ئۆزىچە گۈزەللىك، قاغجىراپ كەتكەن كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغاندۇ؛ ئوغۇللار پۇچەكلىكتىن يىلتىزلانغان ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇشنى، كىتابلاردىن، كىنولاردىن چۈشەنگەن غايىۋى ھاياتقا ئېرىشىشنى ئويلايدىغاندۇ؛ يەنە...." . نۇرغۇن كىشىلەر دائىملا دەۋر ئىقىمغا ئەگىشىپ ئۆزىنى يۈتتۈرۈپ قويىدىكەن. غايەت زور ئىقىمغا قېتىلىۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىمۇ شۇ قەدەر زور خىيال قىلىشىدىكەن، ئۆزىنىڭ يارىماس، ئاجىزلىقلىرىنى ئەنە شۇ ئىقىم توپىغا قىتىلىۋىلىپ ئۇنتۇپ كېتىشنى، يۇشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەمما، ئۆزلۈكتىن، خاسلىقتىن ئايرىلغان ھەرقانداق بىر يەككە تەننىڭ قانداقمۇ ھەقىقىي قىممىتى بولسۇن!
ئادەمدە مۇھىتقا قاراپ ئاز – تولا ئۆزگېرىشنىڭ، ماسلىششىنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس. ئەمما چوقۇم بىر مەنىۋي يادرو، بىر كىشىلىك قىممەت، بىر مۇستەقىل قاراش يىتەكچى ئورۇندا مۇستەھكەم تۇرىشى كېرەك ئېكەن. مەكتەپتە مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئىشقىلىپ كۈچلۈك خاسلىققا ئېگە بالىلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلىرىنى كۆردۇم. نۇرغۇن ئادەم بىردەك قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تاماملىغاندىن سىرت، 80% ئادەم قىلىشنى ئويلىمىغان، ياكى 90% ئادەم قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەنمۇ خاسلىقىغا ئىگە بىر ئادەمنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئېكەن.
دېمەك، ۋاقىت ھېچبىر ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىكەن، ھاياتىمىزنىڭ بۇ تۆت يىللىق مۇقەددىمىسىنى قانداق تاماملاش پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىق ئېكەن. بۇ تۆت يىلدا يىتىلدۈرگەن خارەكتېرىمىز، سىڭدۈرگەن ئىللەت ياكى خىسلەتلىرىمىز پۈتكۈل ئۆمرىمىزنىڭ خام كىسەكلىرى بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپتە ئويۇن – بەزمە، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇشنىڭ چۇقانىغا كەتكەن بالىلارنىڭ كېيىن ئەسلىگە قايتالىشى ھەقىقەتەنمۇ قېيىن بىر ئىشلاردىن ئېكەن.
4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، 62 كۈن قالغاندا
ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن نەرسىلەر شەكلىي تۈس ئالغان، ئىمتىھانلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىي. لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ ئۆزىمىزنى بەزلىشىمىز يەنىلا چوڭ خاتالىق ئىكەن. چۈنكى، ئەتىراپىمىزغا سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر سالساق، بىزگە ئوخشاش ئوقۇۋاتقان، ئوخشاش ئىش قىلىۋاتقان ئادەملەر توپى بەكلا زور ئىكەن. بۇ توپنى يىتەكلەپ، تەربىيلەپ، مەلۇم پەللىگە ئېلىپ مېڭىش ئۇنداق ئاسان ئىشلاردىن بولمىسا كېرەك. دېمەك، ئالىي مەكتەپلەردىكى شەكلىي تۈس ئالغان ئىشلارنىمۇ توغر چۈشىنىشكە بولىدىكەن. توغرا چۈشىنىش دېگەندە، مەكتەپ ئۆگەتكەننىلا ئۆگىنىپ، نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىپ ئۆتۈشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. مەيلى دەرىسلەر قانچىلىك مەنىسىز بولسۇن، ئالىي مەكتەپتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرسلەرنىڭ يەنىلا مەلۇم ئېلمىي مۇناسىۋىتى بار. يەنى، ھەرقانداق نەرسىنى ئۆگىنىشىمىزگە مۇئەييەن ئاساس سېلىپ بەرگەن بولىدۇ. ئەمدى شۇ ئاساس ئۈستىگە قانداقراق ئىمارەت تۇرغۇزۇش دەل ئۆزىمىزگە، ئۆزلۈگىمىزدىن ئۆگىنىشىمىزگە، خاسلىقىمىزنى جارىي قىلدۇرۇشقا باغلىق بولۇپ قالىدىكەن.
مەن ئالىي مەكتەپكە تۇنجى كەلگەندە بىر ساۋاقئاكاش بار ئىدى. ئۇ بالا بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتتە تونۇشۇپ قېلىپ، كەچمىشلىرىدىن ھىكايە ئىيتىپ بەرگەن ۋە مەندە ئۆزگىچە تەسىرات قالدۇرغان ئىدى: ئالىي مەكتەپكە دەسلىۋېدە كەلگەندە دەرىسلەردە پەقەتلا ئۈزۈپ چىقالماپتۇ، ھەرقانداق تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشەلمەپتۇ. ئۇ سەل سېمىز بولغانلىقتىن تەنتەربىيە دەرىسىدە ھەر قېتىم مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلايدىغان، ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان بوپتۇ. بىر تالاي ئويلىنىشلاردىن كېيىن ئۇ بالا كېيىنىش، تەقى – تۇرقىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشكە ئىرادە قىپتۇ ۋە زادى ئۆزگەرتىپتۇ. ئاندىن ئۆز كەسپىدە كۆپ ئۇتۇق قازىنالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىقتىساد، ئېگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە، ھەتتا بەزىدە شۇ كەسىپتىكى بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋىلىپ دەرس ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا بېيجىڭ شەھرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئېگىلىك تىكلەش پائالىيتىدە بىرىنچى بوپتۇ. كېيىن يەنە ئۆز گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نۇرغۇن مۇسابقە تۈرلىرىگە قاتنىشىپتۇ، ئۈچىنچى يىللىقتا باشقىلار ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا ئۇ دۇنيادىكى 500 چوڭ كارخانىلىرىدا نەچچە ئايلىق پاراكتىكا تەرجىربىسىگە ئىگە بوپتۇ. ۋە شۇ ۋاقىتلاردا خېلى داڭلىق بىر خەلقئارالىق شىركەتتە پاراكتىكا قىلىۋاتقان ئېكەن.
يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئالاقىدە بولۇپ قالدىم ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم. ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەردى: ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز پاراكتىكا قىلغان داڭلىق شىركەتتە ئېلىپ قىلىنىپتۇ ۋە شۇ يەدە يىرىم يىل ئىشلەپتۇ. كېيىن يەنە بىر پۇرسەتتە خۇاچى بانكىسى (Citibank دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى، نۆۋەتتە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان چوڭ ئىقتىسادىي گورۇھنىڭ بىرى) نىڭ شاڭخەي تارمىقىدىكى ئەنگىلىيەلىك مەسئۇل كېشىنىڭ دېققىنى جەلب قىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، بىر قاتار كەسكىن رېقابەتلەردىن كېيىن ئۇيەرگە كىرىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپتۇ. 3 يىلدىن بىرى شۇ يەردە ئىشلەپ، ھازىر ئۆزىنىڭ شىركېتىمۇ خىلىلا زويىپتۇ. 3 يىل ئىچىدە يىللىق مۇئاشى مىليۇندىن ئېشىپ. يېقىندا شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتتىنىڭ ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىپتۇ. ئاندىن يېقىندا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتى، خەلق ئۇنۋېرستىتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن شىركەتكە ۋاكالىتەن خادىم قوبۇل قىلىشقا بېرىپتۇ ۋە ئۆزىدىن داڭلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن شۇ بالىلارنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرىدىن ھوزۇر ھېس قىلىپتۇ.
بۇ بىر ھىكايىلا ئەمەس بەلكى رىئاللىق. بەزىلىرىمىز ئۈچۈن بەكلا قىسقا تۇيۇلغان بۇ تۆت يىل ۋاقىت يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگېرىش ھاسىل قىلىشقا يېتىپ ئېشىپتۇ. ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز خاسلىقى بويىچە مېڭىش يۇقىرىقى ھىكايىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئورنىنى تېپىپتۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ھىكايىلەر بەكلا كۆپ، ئەمما ئورتاقلىقى شۇكى: ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى ئەيىبلەپ بىراقلا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۆز خاسلىقىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپتىن ھەقىقىي ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز، پادىلار توپىغا قىتىلىپ، تۆت يىلىمىزنى ئىزدىرەكسىز يوقىتىۋەتمەسلىكىمىز ئاقىلانىلىك ئىكەن.
4- ئاينىڭ 25 – كۈنى، 59 كۈن قالغاندا
تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئادەمنى ئەڭ تۈگەشتۈردىغىنى گاڭگىراپ قىلىش بولسا كېرەك! خىيالىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ بىلەن ئەمەلىيەتتىكىسى تازا ماسلاشمىغان، دەرسىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە بىر نەرسە ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان، قايسىلىرىنى ئۆگىنىپ قايسىلىرىنى ئۆگەنمەسلىكنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان، ئۆز قىزىقىشىمىزنى تېخى تولۇق بايقىيالمىغان ئەيتاۋۇر بىرتالاي سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپىنچىمىز گاڭگىراش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىكەنمىز. ئاندىن ھېچبىر ئىشقا تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇق يوق، دەرسىلەرنى مەجبۇرەن ئاڭلاۋاتقان، ئىمتىھانلارنىڭ ھالىدىن چىقىپ بولالماي قىينىلىپلا يۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر تەسەللىي كېرەك بولغان – بەزىلىرىمىز ئۇيقۇدىن، بەزىلىرىمىز بەزمىخانا ياكى ئىچىملىك – چىكىملىكتىن تەسەللىي ئىزدىگەن، يەنە بەزىلىرىمىز خۇددى ئېقىنسىز لاي سۇدەك ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىز، نېمە قىلىشىمىز ۋە قىلماقچى ئېكەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەي، مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ تاپشۇرۇپ، دەرىسكە چىقىش، دەرستىن چۈشۈش بىلەن ئۆتكەن.
ھەرئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر ئۇلۇغ ئۇستازى بولغىنىدا ئىدى، بەلكىم ھەرقانچە ئاددىي ئادەمنىڭمۇ ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ياشىيالشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، بىزنىڭ بارىمىز مەكتەپكە تاپشۇرۇلغان،باشلانغۇچ، تولۇقسىزدا بىرخىل، تولۇق ئوتتۇرىدا بىر خىل، ئالىي مەكتەپتە بىرخىل ئوقۇتقۇچىلار بىزدە ھەقىقىي بىر قىزغىنلىق، ئويغىنىش يىتىلدۈرەلمەستىن، ئاخىرى غۇۋالىق ئىچىدە ماڭدۇرۇپ قويىدىكەن. يەنە كېلىپ مەنىۋي پۇچەكلىك، تەنتەكلىك، قەلبتىكى سۇسلىشىش بىر بولۇپ بىزنى موشۇنداق گاڭگىراش ئىلكىدە قالدۇرۇپ قويىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە بىزلا ئەمەس، تەڭشتۇرشلىرىمىزنىڭ 60% تىدىن كۆپرەكى گاڭگىراش ئىلكىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولىدىكەن، ئەگەردە بىز ئازراق تىپچەكلەپ، بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلۇپ كەتسەك، ئاسانلا 60% ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەنمىز. ئالىي مەكتەپنى بەزىدە دېڭىز بويىغا، سىتۇدېنتلارنى ئاشۇ دېڭىز بويىدا بۆشۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، گىزىت كۆرگەچ ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقانلارغا ئوخشىتىپ خىيال قىلىپ قالىمەن. ئازراقلا بەدەل تۆلەشلەرگە رازى بولۇپ، تىرىشساقلا ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقان شۇ كىشىلەر ئارىسىدىن تۇرۇپ كېتەلىشىمىز ھەرگىزمۇ قىيىن ئىش ئەمەس.
گاڭگىراشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مېنۇت – سېكۇنت توختىمايدىغان تەپەككۇر بولۇشى كېرەك ئېكەن. بىر ئادەم ئۆزى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىشتىن توختاپ قالغان ھامان پۈتكۈل ھۆجەيلىرىنىڭ ھەرىكىتى قالايمىقانچىلىققا گىرىپتار بولىدىكەن. ھۆجەيرىلەر قالايمىقان ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋۋال تىنىمىزنى ئاندىن پۈتكۈل روھىيمىزنى باشقۇرالماس بولۇپ قالىدىكەنمىز. ئەلۋەتتە لاۋۇلاداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلارغىمۇ يىقىلغۇ كېرەك بولغىنىدەك، تەپەككۇرگىمۇ خۇرۇچ كېرەك بولىدىكەن، قانداقتۇر تۇتامى يوق ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ "تەپەككۈر قىلىۋاتىمەن" دېگىلى بولسۇنمۇ؟ تەپەككۇرنىڭ يىقىلغۇسى دەل كىتاب بولسا كېرەك. كىتاب ئوقۇشقا كۆنۈش بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتە تۇرۇپ، ئۆتمۈشنىڭ نىدالىرىنى تىڭشاشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ، ئۆزىنى بۈگۈننىڭ دەۋازىسىدىلا ئەمەس پۈتكۈل تارىخ ۋە ھاياتلىق قاتلىمىدا چۈشىنشىكە تىرىشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلايمەن.
بۈگۈن گاڭگىراپ قالغانىكەنسىز ئەتە بىر كۈن چوقۇم نىشانلىرىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، ئۆزىڭىزنى قايتىدىن تېپىپ كېلىشكە تۇتۇش قىلىشىڭىز كېرەك ئېكەن. بۈگۈن، ئەتىدىن ئىشىپ، ئۆگۈنگە چۈشۈپ قالغان گاڭگىراش خۇددى راك كىسىلىدەك بىزنى خەتەرلىك ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويىدىكەن. ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن كۆپرەك سىردىشىش، ئۆتمۈشنى كۆپرەك ئەسلەپ تۇرۇش، ئۆسۈپ يىتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە شۇ مۇھىت ئىچىدە يۇلتۇزلاردەك پارلاپ تۇرغان كۆزلەرگە كۆپرەك نەزەر سېلىش، كىتاب ئوقۇش، كۈزىتىش، تىپچەكلەش... ئىشقىلىپ ھەرخىل چارىلەر بىلەن گاڭگىراش ئىلكىدىن قۇتۇلۇش كېرەك ئېكەن.
مەنمۇ بىرەر نەرسە يازاي دەپ قولۇمغا نەچچە رەت قەلەم ئالدىم، ئىچ- قارنىمنى بىر تۆككەچ ئالىي مەكتەپنى بىر ئوپېراتسىيە قىلاي دېگەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا توختاپ قالدىم. ئالىي مەكتەپ ئاجايىپ بىر يەرئىكەن، بەزىدە قۇلىقىمىزنىڭ ئاڭلىغىنىغا، كۆزىمىزنىڭ كۆرگىنىگە ئىشەنمەيلا قالىدىكەنمىز، توۋا دەپ ياقا تۇتىدىغان ئىشلار بۇ يەردە ۋاشاڭ، شاپاقا نەرقى ئىكەن. ھەممە خىلدىكى ئادەملەر تېپىلىدىكەن. مەن مۇشۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى ئەمەلىيەتتە بىز ئالىي مەكتەپتە ئەقىدە كۆرىشى قىلىدىكەنمىز.
بەلكىم ئالىي مەكتەپ نۆۋەتتە بىز يۈزلېنىش ئالدىدا تۇرغان جەمئىيەتنى قىسمەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەندۇ. دەسلىۋىدە كۆزىمىزگە سىغمىغان ئىش ھادىسىلەر ئۈچۈن كۆپ ئازابلىنىدىكەنمىز، ئۆزگەرتىشكە، تەسىر قىلىشقا تىرىشىدىكەنمىز. بىراق كۆپىنچە نۇرغۇن ئەھۋالدا نەتىجىسىز ئولتۇرۇپ، يەنە شۇ ئۇھسىنىپ قالىدىكەنمىز.
بولسا ئالىي مەكتەپ تەسىراتلىرىڭىزنى ئاددى بولسىمۇ ئورتاقلىشىپ قويۇڭ، نېمىلا بولمىسۇن كەلگۈسىدىكى بىرەر ئېنى – سىڭىلغا پايدىسى تېگىپ قالسىمۇ ھېچگەپ ئەمەس.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى تاققا-تۇققا خىياللىرىڭىزنى ياقتۇردۇق، داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز…
رەھمەت، ياقتۇرغان بولسىڭىز كېلىپ تۇرغايسىز..
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، بولۇپمۇ ماڭا بەك ماس كەپتۇ. ئالىي مەكتەپتىكى بىر يىلىم توشاي دېدى ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندىم. يازمىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى ، داۋامىغا تەشنا.
رەھمەت! شۇنچىلىك نەپ بېرەلىگەن بولسا مەن تارتقان جاپايىمدىن مىڭنى رازى بولدۇم! كېلىپ تۇرۇڭ، داۋامى يوللىنىدۇ…
ياخشى يىزىپسىز،ياقتۇردۇم
رەھمەت…
رىئاللىق خىيالىزىمدىن ھالقىپ كىتەلمەسلىك بىر ھەقىقەت، كۈتكىنىگە ئىرىشىش بولسا مۇۋەپپەقىيەت، دىمەك پۈچەك خىيالدىن خالىي بولۇپ كاللىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇرغا ئىشلىتىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى