Home >  > ئۇنۋېرىستىتتىكى قىزىقارلىق ئىشلار

ئۇنۋېرىستىتتىكى قىزىقارلىق ئىشلار

2

ئۈف...! ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ بۇقەدەر ئالدىراش بوپ قالىدىغىنىمنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن. رەسمىي دەرىس باشلىغان ئۈچ ھەپتىدىن بىرى ئالدىراشچىلىقتىن ئىلىشىپ قالاي دېدىم. دەرىسخانا، كۇتۇپخانا، تەجىربىخانا، ئىشخانا... مانا شۇنداق خانىلار ئارىسىدا قاتىراپ يۈرۈپ، بىچارە بىشىم تولا پىرقىرايدىغان،سۆڭەكلىرىم قاتتىق سىرقىرايدىغان،قۇلاقلىرىم دائىم غۇڭۇلدايدىغان، يۈرۈكۈممۇ كۆپ جىغىلدايدىغان بوپ قالدى. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنىڭ زادى ئېلىشىپ قالغان - قالمىغىنىمغا ھۆكۈم قىلالمايۋاتاتتىم، ئەمما لىكىن - زە، ئەتىراپىمدا راسلا ئېلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم. ئەتىراپىمدا مېنىڭ كۈلكىلىرىمنى قوغايدىغان ئىشلار ئەزەلدىن كۆپ ئىدى، بۇيەردە باشقا ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ئۇنۋېرىستىتىكى كۈلكىلىك ئىشلارنى سىزلەرگە بىر بايان ئەيلەي! شۇنداق كۈلۈپ كىتىڭىزلەركى: كۆزلىرىڭىزدىن ئەسەبىي ياشلار ئىتىلىپ چىقسۇن...

قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى:

1. ئائىلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 44.0 يۇەن

قايسى كۈنى يىتەكچىگە يارەملىشىپ ئىشخانىسدا ماتېرىيال رەتلىشىپ بىرىۋاتاتتىم. قولۇمغا سىنىپتىكى مەلۇم بىر خەنزۇ  ساۋاقداشنىڭ "دۆلەتلىك ئوقۇش يارەدم پۇلى ئېلتىماس قىلىش جەدېۋىلى" چىقىپ قالدى. قارىسام " كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى" دېگەن كاتەكتە 44.0 يۇەن دەپ تۇرىدۇ، ئۆزۈۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋېيسىدە  ئۈچ جان بار بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولىشى ئىھتىماللىقتىن نەقەدەر يىراق - ھە! يىتەكچى كۈلۈشۈمگە قاراپ نېمە بولغىنىنى سورىدى، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەم ئۇ ھېچ ئىش يوقتەك بىر خىل قىياپەتتە: " نورمالغۇ، جوڭگۇچىلىقتا موشۇنداق قىلماي بولمايدۇ، سەن تېخى بىلمەيسەن، يىللىق كىرىمنى 90 يۈەن دەپ تولدۇرغانلارمۇ بار. .." دەيدۇ. ئەمدى زادى بولالماي ئىشخانىدىن ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىپ كەتتىم - دە، كارىدورنىڭ بۇلۇڭىغا بىرىپ بولۇشىغا كۈلىۋەتتىم... ئىشقىلىپ بۇ ئىشلارنى ئويلىسام دائىم كۈلگۈم كىلىدۇ.  44 يۈەن پۇلغان بىزنىڭ مەكتەپتە ئاران ئىككى كۈن جان باققىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ...

2.مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە "قوش ئۇنۋان" ئالىمەن

بۇ مەۋسۇم باشقا فاكۇلتىتلاردىكى بىرقانچە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرنەچچە پەندىن بىللە دەرىس ئاڭلايدىغان بوپ قالدۇق. ئادەتتە ئۇلار مەندىنمۇ ئالدىراش يۈرىيدىغان، مەكتەپتە ئۇچىرىتىشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. بىر ئايلىق دەرىس جەريانىدا ئۇلارنى پەقەت نەچچە قىتىملا دەرىسخانىدا ئۇچىرىتىپ قالدىم. قارىغاندا راسلا ئالدىراشتەك قىلاتتى... بىركۈنى بىللە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشنىڭ گىپى چىقىپ قالدى. خىيال سۈرۈپ تۇراتتىم ئارىمىزدا بىرسىنىڭ "قوش ئۇنۋان ئېلىشقا ئېلتىماس قىلىپ قويدۇم" دېگەن سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. شۇنداقلا قارىسام دەل ئەشۇ ئالدىراشچىلىقتىن دەرسىكە چىقىشقا بىرەر قىتىممۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ساۋاقدىشىم ئىكەن. كۈلكە قىستاپ بولالماي ئىغىزىمدىكى تاماقنىمۇ پۈركۈپ چىقىرىۋەتتىم. ۋاي ئاللا ! قانداق جاھان بوپ كەتتى بۇ ئەمدى، "توخۇ داڭگال، ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ" دەپ بۇ ئىشلارنى نېمە دەي ئەمدى...

3. ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالاي دېسىڭىز كۆزىڭىزنى ياخشى ئاسىراڭ!

ئالدىنقى بىر يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىمىز ئىلان قىلىندى. ياتاقتىكىلەر بىر ياقىدىن كۆرۈپ، نەتىجىلىرىمىزنى سىلىشتۇرۇشقا باشلىدۇق. قاراپ باقساق ياتىقىمىزدىكى ئەڭ ئويۇنخۇمار بالىنىڭ نەتىجىسى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئۇ ئاداش ئۇيقۇغا شۇنداق ئامراق ئىدىكى، بەزىدە ئۈچ ۋاق تامىقىنىمۇ ياتاققا ئەكىرىپ بىرەتتۇق. تاپشۇرۇقلارنى كۆچۈرۈپ "تۈپلەش" ئىقتىدارى تەڭداشسىز يۇقىرى ئىدى. ئەزبىرايى خۇدا، ئۇنىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدا بىرەر قىتىم كىتاپ كۆتۈرۈپ ئۈگىنىش قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ھەممىمز قىززىقىش ئىلكىدە قانداق قىلىپ يۇقىرى ئالغىنىنى سورىساق، ئۇ ئاداش تەپ تارتماي:" نومۇرنى قانچە يۇقىرى ئالاي دېسىڭىز كۆزۈڭنى شۇنچە ياخشى ئاسىراڭ، مېنىڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشىم كاللامنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس، كۆرۈش قۇۋۋتىمنىڭ ياخشىلىقىدىن..." دەيدۇ. ئۇھ... ۋاي جانىمەي! قانداق قىلغۇلۇق؟! كۈلۈش كىرەك، كۆزلەردىن ياش چىقىپ كەتكىچە ئاچچىق كۈلۈش كىرەك. بۇ كۈلكىلەرنىڭ ھوزۇرىنى پەقەت يۈرەكلا بىلىدۇ...

4. قىز دوستۇمنىڭ پۇلى جىق...

ھەركۈنى ئاخشام ياتاقتا خەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرى داۋام قىلىدۇ. مەن قۇلاق سالماستىن ئۆز ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولىمەن. لىكن بەزىدە ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى خالىمىساممۇ قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قىز دوسلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى:

-- مېنىڭ قىز دوستۇم ئەمەلىيەتتە مەن ئويلىغاندەك جەلىپكار ئەمەس، ئۇنىڭدا بىرخىل سېھرىي كۈچ كەمچىل.

-- ئۇنداقتا قانداقسىگە يۈرىۋاتىسىلەر؟ ئۇنى ياخشى كۆرمىگەندىن كىيىن ئالدىمىساڭ بولمامدۇ؟

-- سەن بىلمەيسەن! ماۋۇ قولۇمدىكى ئايفون ۋە ئايپەدلەرنى ئۇ ئېلىپ بەرگەن، ھەر قېتىم سىرىتقا ئوينىغىلى چىقساق پۇلنى ئۇ ئالدىن تۆلەپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پۇلى بەك جىق...ئەگەر ئايرىلىپ كەتسەم ئۇنداق باي قىزنى نەدىن تاپىمەن!؟

--  .....

گەپ شۇيەرگە كەلگەندە كونا كىسلىم قوزغالدى - دە، يەنە كىچىك بالىدەك قاقالاپ كۈلۈپ كەتتىم.

 

مانا موشۇنداق ئىلىشىپ قالغان ئادەملەر تۇرمۇش مۇھىتىمنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇلارغا قاراپ بەزىدە ئىچىنىمەن، بەزىدە ئىچىنغاننىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلىمەن. ئىشقىلىپ مەنمۇ ئېلىشىپ قالمىساملا بولغىنى شۇ ئەمەسمۇ؟!

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. مەردان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2012/12/01 23:02

    پىچەت يېزىپسە ئاغىنەم !!! :mrgreen: :mrgreen:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش