Home >  > تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزەي دەيسىز!

تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزەي دەيسىز!

6

     كۈتۈش، كۈتۈش يەنە كۈتۈشلەردىن كىيىن ناۋاتتەك تاتلىق يازلىق تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى. زارىقىپ كۈتكەن نەرسىلەرگە ئىرىشكەندىن كىيىن چوقۇم قەدىرلەش كىرەك،  ئۇنداق بولمىغاندا كۈنلەردە ھېچ مەنە قالمايدۇ. قەدىرلەش دېگىنىمىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئىمتىياز ۋە پۇرسەتلەرنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېمەكتۇر. ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك بىلىنگەن بۇ تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزسەك بولار، تۆۋەندە پىقىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سەبىئي خىياللىرىغا نەزەر ئاغدۇرىسىز!
 

    نۇرغۇن سىتۇدېنتلار ئۆزىچە تەتىلنى ئۈگۈنۈش بىسىمىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ، ئۆي ھوزۇرىنى سۈرىدىغان پۇرسەت دەپ چۈشىنىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى پىلانسىز ھالدا ئويناش، ئۇخلاش، يىيىش بىلەن ئىسراپ قىلىدۇ. مەنچە بولغاندا بۇ قىسقىغىنە تەتىل مەكتەپتىكى مۇنتىزىم ئوقۇش ۋاقتىدىنمۇ مۇھىم بولغان ئۈگىنىش پۇرسىتىدۇر. مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىمىز پەقەت كىتابىي نەرسىلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن، رېئاللىقتىن خىلىلا يىراقتا. يەنە كىلىپ كۆپىنچىمىز يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىلىم ئۈگەندۇق، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە، تارىخي چۆكۈندىلىرىگە بولغان چۈشەنچىمىز، ئىجىمائىي مۇھىتقا بولغان توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىز ئانچە يۇقىرى ئەمەس، دېمەك ئالدىمىزدا ئۈگىنىدىغان دۆۋە - دۆۋە نەرسىلەر تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەتىل ۋاقتىمىزدا مۇكەممەل بىر پىلان بولىشى كىرەك.  زىيارەتتە بولىۋاتقان ئەزىزلەر، كەمىنە تەشنايى سىزنىمۇ دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، ئۆزىڭىزگە خاس بىر پىلان تۈزىۋېلىشىڭىزگە ۋە شۇ ئاساستا ناۋاتتەك تەتىلىڭىزنى ھەسەلدەك ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. قىزىقسىڭىز مېنىڭ ئاددىي پىلانىمىدىن ئۆرنەك ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ!
    تەتىللىك پىلان:
1. دەم ئېلىش ۋاقتى:
  ئۆيگە قايتىپ كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتە ۋاقىت مەخسۇس تۇققانلار بىلەن كۆرىشىش، مىھمان بولۇش، ئارام ئىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئاجىرتىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە پائالىيەتلەر ئۆز ئىختىيارىمدا بولىدۇ.
2. جىسمانىي چىنىقىش:
  شەرت - شارائىت ياربەرگەن ئاساستا ھەركۈنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 5 سائەت ئەتراپىدا جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بۇ خىل ئەمگەك ئىغىر يىنىك، ئۆي ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامالنىڭ بارىچە ئىشلارنى ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل قىلىمەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق مىھمان قاتارىدا كۈتىۋىلىشىغا ئىتىراز بىلدۈرىمەن.
3. روھىي چىنىقىش:
  زامانىمىزنىڭ يىڭى - يىڭى خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز خاسلىقىمىز بىلەن روھىي چىنىقىش ئىلىپ بىرىشىمىز زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. روھىي چىنىقىش دېگەندە تەپەككۇر، ھېس تۇيغۇ كۈچىگە تايىنىپ، ئەقىدە ئىتقاد، غۇرۇر - ۋىجدان، ھۆكۈم قىلىش - پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدرى، رىقابەتكە، بىسىملارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدرى دېگەنلەر تاۋلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ياشلىق دەۋرىمىزدە ئىزچىل ھەرىكەتتە بولۇش تولىمۇ مۇھىم. بۇ خىل چىنىقىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى شارائىتقا ئاساسەن بىكىتىلىدۇ.
4. كىتاب كۆرۈش:
  كىتاب كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ ئامراق مەشخۇلاتلىرىمدىن بىرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن تەتىل جەريانىدا تاللانغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن 12 كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىش ۋە تەسىرات، ئۈزۈندە تەييارلاش پىلانىغا كىرگۈزدۈم.
5. ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش
  پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، يەنە كىلىپ بىزدەك تېخىچە ئاتا - ئانېنىڭ ھامىيلىقىدا ياشاۋاتقان بىچارىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ تەس. قانچىلىك تەس بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئائىلىنى بىقىش يۈكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە زىممىمىزگە يۈكلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ھالال كۈچ، ئۆتكۈر كاللىغا تايىنىپ پۇل تېپىش ھەققىدە باش قاتۇرۇش ھەرگىزمۇ چاكىنىلىق ئەمەس. مەن تەتىل جەريانىدا بىرنەچچە دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىچىك بولسىمۇ سودا قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتىم. تەپسىلىي پائالىيەتلەر شۇ پىلان بويىچە، ئاللاھنىڭ ھىممىتى سايىسىدا راۋاجلانغۇسى!
6. سەيلە - ساياھەت
  تەتىل ۋاقتىمدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ياكى دوس - يارەنلىرىمنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇرتۇمغا يىقىن تارىخىي يادىكارلىقلار رايونى، مەنزىرىگاھ دېگەندەك يەرلەرنى زىيارەت قىلىمەن ۋە تەسىراتلىرىمنى يەكۈنلەپ، ساياھەت خاتىرىسى تەييارلايمەن.
   بۇنىڭدىن باشقا يانا نۇرغۇن ئىشلار قىلىشىمنى كۈتۈپ ياتىدۇ. تەتىل ۋاقتىمنىڭ ئىنتايىن قىس بولۇشى تۈپەيلى يۇقارقى پائالىيەتلەر بىلەن چەكلىنىشنى توغرا تاپتىم، ئەقىللىق قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقالايدىغىنىغا ۋە شۇ بويىچە قىلالايدىغىنىغا چەكسىز ئىشىنىمەن!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. يالغۇز [ جۇغلانما: 17 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2012/07/22 23:48

    مەنمۇ ھازىر تەتىلدە،روزا بولغانكىن بىرەر ئىش قىلاي دىسەممۇ خۇش ياقمايدىكەن،شۇڭا ھازىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنى دەم ئىلىش،قالغان كۇنلىرى بىكار ئۆتىۋاتىمەن……

    • تەشنايى [ جۇغلانما: 42 نومۇر ] unknowunknow @ يالغۇز 2012/07/23 12:28

      روزا تازىمۇ ئىسسىق ۋاقىتتا كەلدى، سىرىتتا ھەرىكەت قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن، ئۇنداق بولغان ئىكەن كىتاب كۆرۈڭ، ماتىرىيال تەرجىمە قىلىڭ، تور تېخنىكىلىرىنى ئۈگىنىڭ…ھەرگىزمۇ تىلىۋۇزۇرغا ۋاقىت بەرمەڭ! ;-) « شەنبە – يەكشەنبە دەم ئېلىش، باشقا كۈنلىرى بىكار»ۋاي خۇدايىم! ئۇنداق قىلماڭ دەيمەن، بىكار يۈرىۋەرسە ئادەم ساراڭ بوپ قالىدۇ :mrgreen:

  2. يالغۇز [ جۇغلانما: 17 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2012/07/23 23:12

    سىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم،مىنىمۇ ئۇلىنىشقا قىتىپ قويارلاسىزمۇ؟

  3. سەردارى [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2012/07/27 13:52

    سەنمۇ مەندەك ئويلاپسەن دوستۇم :mrgreen: :mrgreen:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش