بەزى تاللاشلارنى ئۆز خاھىشىمىز بىلەن، شەخىسيەت تاقەززاسىدىن قارار قىلىمىز. ئەمما يەنە شۇنداق بىر تاللاشلار بولىدۇكى، ھەي، يۈرەك ئېچىشىپ تۇرسىمۇ، يەلكىمىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان يۈكلەنمە غايىلەر، بۈيۈك ئارمانلار ئۈچۈن قارار قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. قايسى بىر قۇش جېنىدا ئىسسىق ئۇۋىسىدىن ئايرىلىشنى خالىسۇن. بىراق، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ھامان ئۇۋىسىدىن، ئانىسىنىڭ ھامىيسىدىن ئايرىلىپ ئوۋ تېپىشى كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرى، بۇ ئۆمرىدە بىلىم ئىگەللەشكە كۆپ پۇرسەت بولمىسىمۇ، زامان رايىدىن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يەتكەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمنىڭ رېغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئاخىرى چوڭ شەھەرلەردە كۆرەش قىلىشنى تاللىدىم. تاللىدىميۇ، يۈرەگىم لەختە - لەختە... نېمە ئۈچۈن؟! بىر ئائىلىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك ئىدى؟ چىرايىنى قورۇق قاپلاپ، ھارغىنلىق يەلكىسىدىن بېسىۋالغان ئاتا - ئانىنىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا قانداق پەرزەنتنىڭ يۈرىكى چىدىسۇن؟!
"يالغۇزنىڭ يارى خۇدا" دەيدىكەنتۇق، چوڭلار! مەن ياخشى كۆرۈدىغان، مېنى ياخشى كۆرگەن، ۋە ماڭا ياخشى نىيەتتە بولغان ئەشۇ قېرىنداشلىرىمنى بىر ئاللاھقا تاپشۇرىدىغان بولدۇم. كۆز ئالدىمدا قايناپ تۇرغان ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر، مىسكىن چىرايلار، ئامالسىزلىقتىن چېنىقىدىن قېچىپ چىقىشقا تاسلا قالغان كۆزلەر... بۇلار ماڭا ھەرزامان ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولۇپ تۇرىدۇ. چوقۇم تىرىشىشىم كېرەك. ئائىلەم، خەلقىم، ۋەتىنىم ئۈچۈن قالتىس تىرىشىشىم، ۋەتەنگە سانالغۇدەك تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك. شۇندىلا قەددىم تىك بولىدۇ...
شۇنداق قىلىپ ھاياتىمنىڭ ھەقىقىي كۆرەش بابىنى پايتەخىت شەھرىدىن باشلايدىغان بولدۇم. مەيلى قانداق مۆشكۈللەر ئالدىمنى توسىسۇن، ھامان يانمايمەن، ئۆز - ئۈزۈمدىن ھەرگىز چانمايمەن. بۇ ئەزىز دىيار تۇنجى قار پەسلى بىلەن مېنىڭ بۇ قېتىمقى قىسقىغىنە قىشلىق تەتىلىمنى كۈتىۋالغان ئىدى. مانا "ئەتە يولغا چىقىمەن" دەپ ئولتۇرسام، كەچ كېرىش بىلەن يەر جاھاننى ئاق لىباسقا پۈركەشكە باشلاپتۇ. دېمەك، ئانا يۇرت ئوغلىنىڭ ئۇنىڭ پۈتۈشكەنلىرى بولىدۇ. تالاي - تالاي پۈتۈشۈشلەرگە تاغ - دەريالار گۇۋاھ...
خەيرى. دوستلىرىم! مەكتەپ سەيناسىدىن جەمئىيەت قوينىغا موشۇنداق بىر كەسكىن قارار بىلەن كېرىدىغان بولدۇم. كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ھەمسەپەر بولىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم سىلەرمۇ ئاللىبۇرۇن كۆرەش نىشانىڭلارنى تىكلەپ بولغانسىلەر...
2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى(كەچ) شەھرى خوتەننىڭ پىنھان بىر تاغلىق كەنتىدە
Home > پىچىر-پىچىر > بۈيۈك ئارمانلىرىمنى قوغلاپ…
بۈيۈك ئارمانلىرىمنى قوغلاپ…
17
silini kollayman hayrat kiligla
رەھمەت، چوقۇم غەيرەت قىلىمەن…
شۇنداق!~ بىر چاغلاردا قۇشلار تىلى بولمىسىمۇ قانداق ئالاقە قىلىدىغاندۇ، كۆڭلىدىكىنى قانداق ئىپادىلەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. بىر نەچچە قېتىم يۇرتتىن، قىسقىسى ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن، شۇ چاغلاردا ھېس قىلدىمكى بىزنىڭ تىلىمىز بولسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ھېسياتىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيدىكەنمىز.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
شۇنداق…
كۆزلەر سۆزلەيدۇ مۇڭلۇق بىر كۈيدە،
يۈرەكلەيدۇ يىغلايدۇ كۈلكە تۈسىدە…
قېنى جەمئىيەتكە بىر كېرىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى بىر دەڭسەپ باقمامدۇق…
سېلى تېخىچە ”تايتاڭلاپ“ جەمئىيەتكە چىقىپ بولالمىدىڭلا ھە! ئاللاھ خالىسا تۇنجى قەدەملەر توغرا بولغاي…
ياھەپىز دەيلى
مەن ھازىر تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپىقىدىغانمۇ بولۇپ قالدىم. ھەرخىل ئوخشىمىغان غايىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەشمۇ ھەم، ئەگرى يوللارنى بېسىشمۇ ھەم بولىدىكەن، بىز پەقەت بىرلا مەقسەت (رىزالىقى ئۈچۈن)ئۈچۈن تىرىشساق بۇ ھەممىدىن بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىكەن. بوشاشماڭ، ۋاز كەچمەڭ، سىزنى قوللايمەن.
توغرا دەيسىز…
نۇرغۇن سەپداشلارنى ئۇچىراتتىم. خۇددى ئەزەلدىن تونۇشمىساقمۇ، ئەزەلدىن تونۇش بالىلاردەكلا.. ھەر قەلىبدە بىر ئارمان بولسا، ئارمانلارنىڭ پايانى يۈكسەك مەقسەتلەردە جەم بولسا، ئېشىنىمەنكى چوقۇم ھەر ساھەدە تىلغا ئالغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!
كۆڭۈل چاي ئىستەر نە ۋەچايخانا،،
كۆڭۈل سۆھبەت ئىستەرچاي بىر باھەنە……..
پات-پات يېزىپ تۇرۇڭلار مۇشۇنداق بۇرادەر، تىنچ-ئامانلىقىڭلارنى بىلىپ تۇرساق خاتىرىجەم بولىدىكەنمىز.
ئەمدى تىز – تىز يېڭىلاپ تۇرىمەن. بىكار قالغانلاردا كېلىپ تۇرارسىز…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ مەن ئىتالىيە كامېرىنو ئونۋېرستىتى كومپىيوتېر ئىلىمىدا ماگىستىرلىقنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ باشقا كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى تەرجىمە قىلىپ ئىلىمكار قاتارلىق بىر قىسىم تور بەتلەرگە يوللاپ قويغان. كومپىيوتېر كەسپىنىڭ ئىلانىمۇ پات ئارىدا چىقىدۇ.(تەھرىرلەندى)
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇش خىيالىمغۇ بار ئىدى. لېكىن بىر – ئىككى يىل ئىشلىگەچ. ئىقتىساد توپلىغاچ، تەييارلىق قىلىپ، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ چىقايمىكىن دېگەن. قالغىنىنى سىزگە ئايرىم ئېلىخەت يوللاي.. ياخشى ئوقۇش پۇرسەتلىرى بولسا خەۋەرلەندۈرۈپ قويغايسىز! رەھمەت…
تۈۋەندىكى تور بەت ئۇلىنىشىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا بۇ ئۇچۇرنى باشقا تورلاردا تارقاتسىڭىز بۇلىدۇ.
http://www.ilimkar.com/wordpress/?p=1053
رەھمەت سىزگە. مەن كۆرۈپ باقاي. قالدىسىنى سىزگە ئايرىم ئېلىخەت يوللاپ ئالاقىلىشەي.
بۇرادەر، تېخى خېتىڭىزنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. ۋاقىت ئاز قالدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ. ھىچ بولمىغاندا نىمە پۇرسەت بارلىقىنى چۈشىنىپ بېقىپ ئاندىن قارار چىقىرىڭ.