كەلگۈسىدىن - ئۆتمۈشكە سوزۇلغان ئۇزۇن - ئۇزۇن يوللارنىڭ پايانانى بىزنىڭ ئۆيگە تۇتاشقان. بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىگە قۇياشنىڭ ئۇۋىسى يۇشۇرۇنغان. قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ ئەپسانىدەك بىر كۈنىدە كەلگۈسىدىن - ئۆتمۈشكە تامان ئاقماقچىمەن.
قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق شىۋېرغانلىرى ئىچىرە، كۈۋەجەپ كەتكەن سېغىنىشلىرىمنى باغاشلاپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەتىلىنى كۈتۈۋىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، مىڭ بالادا قولغا كەلگەن بىرتال بىلەت، ئىغىر سومكا، ئاندىن كېسىپ ئۆتۈدىغان چەكسىز بوشلۇق! ئوق تىزلىكىدىكى ھاياجان ۋە ئات يۈرىشىدىكى ئەمەلىي سۈرئەت بىلەن ئۆيگە قاراپ ئاتلانماقچى بولىۋاتىمەن.
خوش، يارۇ - جان، دوست - بۇرادەرلەر! ئاق يول تىلەپ قالغايسىزلەر...تەتىل جەريانىدا كۇلۇبىمىزنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا بولۇپ قالسا ئەپۇ قىلغايسىزلەر. تەتىلدىن كېيىن يېڭىچە جۇشقۇنلۇق، يېڭىچە ئىددىيە، مول مەزمۇنلار بىلەن ئەسلىگە قايتىدۇ!
1- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە جىددىي ئىش بولسا تېلىفۇن قىلغايسزىلەر...!
Home > تاغدىن - باغدىن > ئەڭ ئاخىرقى تەتىل
ئەڭ ئاخىرقى تەتىل
2
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن كۇچا ناھىيىسىدىن ئابلىكىم بولىمەن ، كومپىيوتېرغا ئوتتەك قىزىپ ئۆگىنىۋاتىمەن ، مۇمكىن بولسا ئالاقە نومىرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلەھەت سورايدىغان ئىشلار بار ئىدى ، يەنە تېخى ھەمكارلىشىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن !!!
تېلفون نومۇرۇم : 18963881920
كوت كوت نۇمۇرۇم :838685273
خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشەي!