پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن تەرمىلەر
قەلەم ئېگىسى : پادىچى
باشلانغان ۋاقتى : 2014.1.24
مەن ئۇچىرغان مەسىلىلەر (پىروگىراممىدا)
كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسى توغرىسدا
ئېلىكتاپنى چۈشۈرۈۋالامسىز؟ : http://yunpan.cn/QNewIrjYFuBmG (访问密码:882c)
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
ھالبۇكى بىزدە كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇملاشقىنىغا تېخى نەچچە يىللا بولغىنىغا قارىماي تېخىنىكا دىگەن بۇ ھەيۋەتلىك ئاتالغۇنىڭ جانلىق ئېنىقلىمىسى ھىسابلىنىۋاتقان بۇ سۈيۈملۈك نەرسە بىزدە ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى ، بۇ ھەقىقەتەن بىر خۇشالنىلارلىق ھادىسە. شۇنداقتىمۇ كومپىيۇتېرغا بولغان ھەقىقى تونۇشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى، بۇ ئىقتىدارلىق سۈنئىي مېڭىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنالماسلىقتەك ئومۇمى ئىسراپچىلىق سىزدىمۇ-مەندىمۇ بار. شۈبھىسىزكى نورمال بىر كومپىيۇتېرغا نىسبەتەن كىنو كۆرۈش ، تورغا چىقىش ، خەت يىزىش قاتارلىق ئاددى مەشغۇلاتلارنىڭ خوراتقان كۈچى كومپىيۇتېر ئەمەلى كۈچىنىڭ ئون پىرسەنتىگە يا بارار يا بارماس. توغرا ھەممە ئادەم ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىشلىتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ بۇيەردە تىلغا ئالماقچى بولغىنىمىز ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ سايمان ئاددى بولغان مەشغۇلات پىرىنسىپلىرىدۇر.
بىرقانچە كۈن ئىلگىرى بىر قېرىندىشىم مەندىن مۇنداق بىر سۇئال سوراپ قالدى : كومپىيۇتېر ئىچىگە ياكى باشقا قاتتىق دىسكىلارغا قاچىلغان ھۆججەتلىرىمىز يۇيۇلغاندىن كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەنمىز ، ئۇنداقتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ يۇيىۋەتكىلى بولارمۇ؟ (بۈگۈن بىز گىپىمىزنىڭ بىشىنى مۇشۇ سۇئالنىڭ جاۋابىدىن باشلاشنى توغرا كۆردۇق.)
راستىنى ئېيتسام ، بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان تۇنجى مىنۇتتا چۈشەنچەمنىڭ بەك يۈزەكىلىكىدىنمۇ ياكى بۇ سۇئال يېڭىلىق تۇيۇلدىمۇ ئەيتاۋۇر! نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئاندىن تېزلا ئىسىمگە كىلىپ 《بار!》 دىدىم.
بار؟ ئامالى باركەن ئۇنداقتا نىمە؟ ئۇ قانداق ئامال؟ بۇ يەردە بۇلارنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز ، تىلىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككىچە ئامىبابلىققا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
ئادەتتە بىز كومپىيۇتېرمىزدىكى ھۆججەتلەرنى يۇيغان ۋاقتىمىزدا سىېستىما تەمىنلىگەن يۇيۇش بۇيرۇقىغا تاينىپلا ، ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى بېلەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز. ئۇنداقتا ئويلاپ بېقىڭ ئەجبا سىز ئۆچتى دەپ قارىغان شۇ نەرسە ئەمەلىيەتتە راستىنلا كومپىيۇتېرڭىزنىڭ دىسكىسىدىن يۇيۇلغانمىدۇ؟ يۇيۇلمىغان بولسا يۇيۇۋەتكىلى يۇيغاندىمۇ پاكىز يۇيۋەتكىلى بولامدۇ.
راستىنى ئېيتقاندا سىزگە كۆرسىتىلىگەن ، 《بۇ ھۆججەت ئۆچۈرلۈپ بولدى دىگەن》 نىڭ مەنىسى ئەسلىدىكى ھۆججەت ئىگەنلىگەن ئورۇن بىكار بولدى ، ئىشلەتسەڭ بولىدۇ دىگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن مۇنداق بىر ئامىباب مىسال ئالايلى! سىزگە بىر پارچە ئاپئاق سۈت ۋاراق ، يەنە بىر قېرىنداش ۋە بىر ئۆچۈرگۈچ بېرىمەن. سىز ئاۋال ۋاراققا قەلەمنى كۈچۈپ بېسىپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ بېر ئابزاس يېزىڭ! ئاندىن خەتنى ئۆچۈرۈڭ! ئۆچۈرۈڭ! يەنە ئۆچۈرۈڭ!يەنە ئۆچۈرۈڭ! ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز قانائەتلەنگۈچە ئۆچۈرۈڭ سىزچە قەغەز ئەسلىدىكى ھاتىگە كېلەمدۇ؟ ئەگەر جاۋابىڭىز ياق بولسا يۇقارقى سۇئاللىمىزنىڭ جاۋابى چىقىپ بولدىغۇ دەيمەن؟ ئەگەر ھە! بولسا قېنى بىر سىناپ كۆرۈڭ!
شۇنداق ئەمەليەتتە سىز ئۆچۈرگەن ھۆججەت دەل ۋاراقتىكى خەتنى بىر قېتىم مۇنداقلا ئۆچۈرۋەتكەنلىك بولۇپ ، پەقەت ئۈستىگە يەنە خەت يازغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ ، ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش دىتاللىرىنىڭ پىرىنسىپى بولسا ، ئۆچۈرۈلگەن خەتنىڭ غۇۋا ئىزىنى بويلاپ ئەسلىدىكى مەزمۇننى ئىزلاپ يىزىپ چىققانلىق بىلەن ئوخشاش(كۆپۈنچە ھاللاردا)
ئۇنداقتا يەنە شۇ مەسىلە ، پۈتۈنلەي يۇيۋەتكىلى بولامدۇ!؟
بۇيەردە ھازىرلا مىنىڭ ئىسىمگە كەلگەن مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بار:
1.كومپىيۇتېر دىسكىسىنى چىقىرىڭ -دە بىر چىلەككە سۇ قاچىلاپ سۇغا چىلاپ قويۇڭ! ياكى كۆيدۈرۋىتىڭ! ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇسۇلى! توختاڭ مۇنداق دىسەم بەك قوپال ئاڭلىنامدۇ قانداق سەل تەپسىلى چۈشەندۇرەي!
ئەگەر سىز دىسكىنىڭ سىرىتىنى زەخمىگە ئۇچۇراتماستىن ئىچىدىكى ئۇچۇرنى يوقاتماقچى بولسىڭىز. مۇنداق بىر ئامال بار! باش ئېيتىدىغان قېلىن لۆڭگىدەك بىرنىمىنى تاپىسىز(دىققەت : لۆڭگە قېلىنراق بولۇشى لازىم) ، ئاندىن ئۇنى سۇغا چىلاپ ھۆللىگەندىن كىيىن قاتتىق دىسكىنى ئۇنىڭغا ئوراپ ئۈستەل ، ياكى ئورۇندۇقتەك … قاتتىقراق بىر نەرسىگە لۆڭگىنى قاتتىق بىرقانچىنى ئۇرىۋەتسىڭىز ئىش تامام! دىسكا چىقىلىپ كەتمەيدۇ ، ئەمما دىسكىنىڭ ئىچىدىكى سايمانلار بۇلۇپمۇ نۇردىسكا قېقىلىپ كەتېتىدۇ. بۇيەردىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا ، قاتتىق دىسكا ئىچىدا ئايلانما نۇردىسكا بۇلۇپ ئۇ چۇقۇم ۋاكئوم بوشلۇقتا بولۇشى كېرەك ، قېقىلىش داۋامىدا ئۇ ۋاكئوم مۇھىتتىن ئايرىلغاچقا ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. (ئىلاۋە: مەزكۇر دىسكا{كومپىيۇتېر ئىچىدىكىنى دىمەكچى} ئادەتتە كومپىيۇتېر قوزغالغاندا سىكونتىغا نەچچە يۈز ھەتتا مىڭلارغىچە ئايلىندۇ)
(ئالاھىدە ئەسكەرتىش يۇقارقى ئاتالمش بىرىنجى ئامال سىلەرگە مەلۇم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش مەقسىدىدە يىزىلغان بولۇپ ، ھىچكىمنىڭ سىناپ بېقىشىنى قەتئىي تەۋسيە قىلىمايمەن)
2. يۇقارقى (ئۇسۇل) بولسا فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىق بولۇپ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بۇ ئىككىنجى ئامال بولسا بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇپ لوگىكىلىق ھالەتتە سىناپ كۆرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس دىتاللا بولۇپ يىلتىزىدىن پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇ ئامالدىمۇ يەنىلا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىككى نۇقتا بار.
(1) سىز دىسكىدىكى ھۆججەتنى قاچىلاشقا قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلغان بولسىڭىز ، بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇيسىڭىز ھىچ بولىمىغاندا قاچلاشقا كەتكەن ۋاقىتنىڭ يېرىمى كېتىدۇ.
(2) بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇيۇغاندا زور دەرىجىدە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېقىنالشقىلى بولسىمۇ ، يەنىلا ئاز بىرقىسىم ئۇچۇرلارنى ئەسىلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇچۇرلار قىممەتلىك بولۇپ قالسا ئىھتىمال تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ۋە تېخنىك خادىملار بەكرەك ھەپلىشىسە يەنىلا ئەسلىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.
بۇقېتىمقى مۇلاھىزىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمىز ، ئاللاھ خالىسا تەھلىللىرىمىزنىڭ داۋامىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېكىسپىدىسيەنى داۋاملاشتۇرمىز ئېنىقكى مۇلاھىزىمىز، تونۇشلىرىمىزدا نۇرغۇن نۇقسانلار ساقلاندى ، بايقىغان ھەربىر ئەزىز قېرىندىشىمنىڭ ماڭا ھەرقانداق ۋاستە بىلەن تەنقىدى پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىرقى سۆز : سىز قانچە يېقىنلىغانسىرى ، قىزىققانسىرى بۇ ئوماق ئۈسكۈنىدىن ئاجايىب كۆڭۈللۈك ، جەلىبكار ، سىرلىق ۋە گۈزەل بىر دۇنيانى بايقايسىز. ئۇنىڭ ھەربىر ئىقتىدارى ، ھەربىر سايمىنى ھەربىر تال لوسا - مىق ھەتتا ئۇنىڭدىن چىققان كاشىلىللىرىغىچە سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ دىسەم ئىشىنەمسىز؟!
ئېلخەت : esedulla@sina.com
2014.4.25
-ئۈرۈمچى
-رەھمەت
-داۋامى بار!
مانداق ھۈنۈرىڭىزمۇ بار دەيلى تېخى، يازمىلار ياخشى يوللىنىۋاتىدۇ جۇمۇ!~ :چوك چوك:
جوق بوپ كەتتىڭىزيا؟ ئىشلار جايىدىمۇ يە؟..
ھېچقاچان ئۈزۈمنى بىرە ئىشقا مۇنداق بېسىپ باقمىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزمۇ بىلىسىز، ما دەرىسلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، مايدا ئازراق بىكار بۇلىدىغان ئوخشايمەن، شۇ ھاغدا بىر كۈرۈشۈلى، يا سىز كىلىڭ، يا مەن باراي، ماقمۇيا؟!~
ھۈنەر دىگۈدەكمۇ ئەمەس ، ‹تاز تاپقىنى قويماپتۇ ، قارىغۇ ئىشىتكىنىنى› دەپ ئاڭلىغانمۇ ئەزىز؟ مەن يا تاز يا قارىغۇ ئەمەس ئاللاھقا شۇكرى لىكىن نىمە ئشكىنتاڭ! مۇشۇ ئازراقلا نەرسە ئۆگۈنىۋالسام مۇشۇنداق داۋاراڭ سالىدىغان خۇيۇم بار. :ئوماق:
كەپ بەسە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيسىزكەن ھە. تەشناجاننى بىر ئېغىز گەپ قىلغانغا تويغۇزۇپ :ھا ھا:
ئادەتتە پۈتۈن دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تازلىماقچى بولغاندا بىراقلا فورماتلىۋەتسە بولىدىغۇ دەيمەن(بۇنى ئادەتتىكى دىتاللار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمما يامىنى كەلگەندە مەخسۇس خادىملار قول سالسا يەنىلا ئەسلىگە كىلىشى مومكىن، ئەلۋەتتە يىتەرلىك تېخنىكا بولسا)، مەلۇم ھۆججەتنى تازلىماقچى بولغاندا ئۆچۈرۈپلا تاشلىماي يانجىپ بۇزىۋەتسەك(粉碎) ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور دەرىجىدە قىيىنلىشىدۇ.
ئىشقىلىپ نىمىلا قىلمايلى، دېسكىنى فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتمىغۇچە ھامان ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ئۇچۇرلارنى، مەسىلە ئاسان – قيىنلىقتىلا…ھىلىقى يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئويۇنچۇقنىڭ بۇزىۋىتىلگەن ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈردى ئەمەسمۇ؟! :ھا ھا:
ئىشقىلىپ فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىق ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايمەن، ئۇنداق بولمايدىكەن بىز ئۈچۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۇچۇر نىگىزىدىن ئۈچۈرۈلمەيدىكەن. تاكى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە قېتىم باشقا نەرسىلەرنى باستۇرۇپ قاچىلىمۇغۇچە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىسكىنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە بولغاندىلا ئۇنىڭ سىغىمى بۇلىدۇ، نەرسە قاچىلىغاندا شۇ ئەسلىدە بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇمىز خالاس. شۇڭلاشقا، بىز نەچچە قېتىم يۇيساقمۇ باشقا تېخنىك خادىملار تېپىۋالىدۇ.
مىنىڭچە تامامەن توغرا :ئوماق: !
فورماتلىۋەتكەندە تىز سۈرئەتتە فورماتلىسا يۇقارقى نەتىجە بىلەن ئۆخشاش بولىدۇ، يەنى ئاسانلا قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ. ئاستا فورماتلىغاندا بىرقەدەر پاكىز يۇيىلىدۇ، بىراق ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ. فورماتلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە لىق توشقۇزۇپ بىر نەرسە قاچىلاپ، مۇشۇ ئىشنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغاندا ئەسلى كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلەيدۇ.
ئەگەر مۇھىم، لېكىن يوقاتمىسا بولمايدىغان ئىش بولغاندا يەنىلا ئوتقا سېلىپ تۈتۈنگە ئايلاندۇرۇپ، شامالغا سېلىپ ئۇچۇرىۋىتىشكە توغرا كېلىدۇ.