Home >  > پادىچى:پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن [10]

پادىچى:پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن [10]

1

سىكرىپىت جەمەتى

logo_JavaScript

قاراڭغۇ چۈشتى شەھرىزات ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇردى:
ليۇ جەمەتى ، ما جەمەتى، كىلىنتون جەمەتى،ماۋ جەمەتى ... ئشىقىلىپ جەمەت چۈشەنچىسى ئىنسانلار جەمىيىتىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان بىر ئاتالغۇ بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھايۋاناتلار ۋە باشقا جانلىقلاردىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان،مەسلەن كەسلەنچۈك جەمەتى،مۈشۈك ئائىلىسى قاتارلىقلار...ئۇنداقتا ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىمۇ جەمەت چۈشەنچىسى بارمۇ؟ بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھىكايىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى!

family-tree-cartoon

قولىمىزدىكى ئىشەنجىلىك مەنبەلەردە خاتىرلىنىشچە ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ھازىرقى مەكىنتوچ ، لىنۇكىس،قىزىل شەپكە،ئوبىنتۇ قاتارلىق ئونلىغان،يۈزلىگەن مەشھۇر مەشغۇلات سېستىمىللىرى يوق بۇلۇپ پەقەت بىرقانچىلا مەشغۇلات سېستىمىسى بار ئىكەن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى يۇنىكىس،ئەنە شۇ يۇنىكىس دەل يۇقىردا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەشھۇر سېستىمىلارنىڭ چوڭ بوۋىسى بۇلۇپ ھازىرقى بۇ ساھەگە غايەت-زور تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان يۇنىكىس قەبىلىسى دەل شۇ جەمەتنىڭ يۇغۇرىندىسىدىن ئىبارەت.
خۇددى يۇنىكىس مەشغۇلات سېستىمىسىدىن لىنۇكىس،قىزىل شەپكە،ئالما مەكىنتوچ قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق سېستىمىلار ۋە باشقا يۈزلىگەن بالا سېستىمىلار شاخلىنىپ چىقىپ سۈۋەرەكتەك تېز كۆپىيىپ ئاخىرى غايەت زور يۇنىكىس جەمەتىنى ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ، يەنە ئاندىروئىت سېستىمىسى راك ھۈجەيرىسىدەك تېز كېڭىيىپ ناھايىتى تېزلا سامسوڭ،شىياۋمى قاتارلىق ئاندىروئىت جەمەتىنى ھاسىل قىلغاندەك ، جاۋ سىكرىپىتمۇ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن بالا-چاقىلىق ھەتتا نەۋرىلىك بولۇپ ناھايتى چوڭ بىر جەمەت — سىكرىپىت جەمەتىنىڭ چوڭ بوۋىسى بولۇپ قالدى،مانا بۈگۈنكى كۈندە نەۋرە ھەتتا چەۋرە كۆرۈپمۇ ئۈلگۈردى ئەلىۋەتتە.بۈگۈن بىز بۇ يەردە ئەنە شۇ سىكرىپىت جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بىرقىسىم غوللۇق ئەزالىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

JQuery

jquery1

سۆزىمىزنىڭ بشى چوڭ ئوغۇل جىكيۇرىدىن باشلىنىدۇ.
جىكيۇرى جاۋا سىكرىپىت جەمەتىنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق ئەزاسى شۇنداقلا مەن بىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئوغلىدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە دۇنيادىكى 50 پىرسەتنتىن كۆپرەك تور بەتلەردە جىكيۇرى ئىشلىتىلگەن ياكى قوشۇمچە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچقان توربەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان 6000~8000 گە يىتىپ بولغانلىقىدىن خەۋىرى بار ئادەم دۇنيادىكى غايەت زور توربەتلەر سانىدا 50 پىرسەتنىت دىگەن سۆزنىڭ قانچىلىك كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلالايدۇ. ئۇنداقتا ئۇ نىمىشقا بۇنچە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەتتى؟ ئۇنڭ يىشىنىڭ چوڭلىقى ئاساسلىق سەۋەبمۇ؟ بەلكىم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمما ئۇ بىردىن-بىر شۇنداقلا ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. مىنىڭچە ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق بىرقانچە نۇقىتلىلارغا مەركەزلىشىدۇ.

1. بىرىنجى : ئىلگىركى ۋاقىتلاردا توربەت ئاچقۇچى پىروگىراممىرلارنىڭ ناھايىت چوڭ بىر باش ئاغىرقى بولۇپ ھەل قىلىش ناھايىت ئاۋارچىلىق بولغاچقا ئىزچىل جاننى قىيناپ كەلگەن. بۇ قايسى مەسىلە؟ ھەممىمىزگە مەلۇمكى تور كۆرگۈ بىز كۆرگەن ناھايىتى گۈزەل بىر كەشپىيات شۇنداقلا ئىنتايىن ئىقتىدارلىق يۇمشاق دىتال.ئۇنى ياسىماقمۇ ئاسان ئەمەس ئەلىبەتتە. ھالبۇكى ھازىغىچە ئۇنى پەقەت دۇنيادىكى ئەمەلى كۈچى زور بىرقانچە نوپۇزلۇق ئورگانلارلا ياساپ تارقاتتى. ئېنىقراقى شۇلارنىڭ تارقاتقىنى ئىقتىدارلىقراق ، قوللىنىشچان بولغاچقا يەر شارى خارەكتېرلىك ئومۇملىشالىدى. ئەمما ئېچىنىشلىق مەسىلە شۇكى نىمە سەۋەبلىكى نامەلۇم ھەرقايسى توركۆرگۈلەرنى ياسىغۇچى تەرەپلەر ئۆز تور كۆرگۈسىنىڭ يادروسىنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەن بولۇپ ياسىغان تور بىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنىشى ئۈچۈن ھەربىرىگە ئايرىىم-ئايرىم تەڭشەك كودى يىزىشىمىزگە توغرا كېلەتتى،ئۇ كودلار تەڭشەك كودى دەپ ئېغىزغا ئاسان كەلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالامۇ ئاسان ئەمەس ئەلىۋەتتە. جىكيۇرى دەل شۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان بولۇپ ئىنتايىن كەڭ كۆلەملىك قوللاشقا ئېرىشكەن.

ئىككىنجى : يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئىھتىمال بۇ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىلگىركى كۈنلەردىكى تىمىللىرىمىزدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك جاۋا سىكرىپىت گىراماتىكا ۋە يىزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى ئاددى ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئاددىلىقنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرغىلى بولماسمۇ؟ ئادەمدەك ھورۇن،مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان مەخلۇق بار ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇمۇ بارلىققا كېىدۇ-دە! نەتىجە شۇكى ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۈمۈدىنى جاۋا سىكرىپىت جەمەتىنىڭ چوڭ ئوغلى جىكيۇرى ئاقىلىدى.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى چىقارغان ئىقتىدارلىرى ئىشلىتىشچانلىقى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھىسابلىغاندا جىكيۇرى ئاسانلىقتا باشقا ھەرقانداق پىروگىرامما تىللىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.
(ئەمما ئېنىقكى ئىنسانلار ئېنىقى پىروگىراممىرلار بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمايدۇ. ھەم قىلماسلىقى كېرەك! قېنى ئاسانلىشىپ نەگە بارىدىكىن)

تاڭ ئاتتى! شەھرىزات ھىكايىسىنى توختاتتى.

جاۋا سىكرىپىت جەمەتىنىڭ باشقا پەرزەنىتلىرى ھەققىدە ئۆمۈرۈم يار بەرسە ئەتە داۋاملىق سۆزلەپ بېىمەن. داۋامى تېخىمۇ سەرخىل ئەلىۋەتتە!

2014.6.19
-مەركىزى شەھەر
-پادىچى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (1)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/06/20 19:14

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خاتىرنى ئوبدان يېزىۋاتىسىز. ئالدىراشچانلىق بولسىمۇ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولدۇم.
    ھە راس، يوللىغان رەسىملەرنى بىۋاستە كەسكەندە ئىسمىغا خەنچە خەت قوشۇلىدۇ. بۇنداق رەسىملەرنى بىۋاستە يوللىغاندە دەسلەپتە نۇرمال بولغان بىلەن كېيىن بەزى مەسلىلەر چىقىدۇ.
    خاتىرگە نىسبەتەن باھانى ئالدىرىمايراق بېرەمەن. :توۋا :

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش