ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىلگىرى قىسقا كود دەپ كۆپ ئۇچراتقان بولساممۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ پىرىنسىپىنى چۈشەنگۈدەك بولمىغان ئىدىم. ئالدىنقى بىرقانچە كۈنلەردە يېىزۋاتقان بىلوگ ئۇسلۇبىدا ئىختىيارىي بۆلەك(自定义字段) ئىشلىتىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى. يەنە بىر ئويلىسام قىسقا كود مەلۇم دەرجىدە ئىختىيارىي بۆلەكنىڭ ئورنىنى ئالالايدىكەن. ھەم بۇنداق بولغاندا ساندانغا ئارتۇقچە نەرسىلەرنىڭ قوشۇلۇشى ھاجەتسىز بولىدىكەن. چۈنكى قىسقا كود بىۋاستە html+css ھالەتتە يازما ئىچىگىلا ساقلىنىپ كېتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ توردىن بىر قىسىم ماتىرىيال ئىزدەپ كۆرۈپ بۇ قىسقا كودنىڭ پىرىنسىپىنىمۇ ئاز-تولا چۈشەنگەن بولدۇم. تۆۋەندە ئۆگەنگەنلىرىمنى خۇلاسىلەش ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۇنجى قىسقا كود «سالام دۇنيا » نىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قالدۇرىمەن.
1. قەدەم ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتى: ئەسلى كود
سالام دۇنيا
ئۈنۈمى:
يەنى يازما يازغاندا يۇقارقى ئەسلى كودنى wordpress نىڭ تېكىست تەھرىرلىگۈچ ھالىتىدە بىۋاستە كىرگۈزسەكلا بولىدۇ. لېكىن بۇ پەقەت قىسقا كودنىڭ ماھىيتى خالاس.
ھېچكىم يازما يازغاندا بىر توقاي كودنى قوشۇپ ئاۋارچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ئاۋارچىلىقلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئارقا سەھنىدە ھەل قىلىۋالىمىز. ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىلىدۇ.
مۇشۇنداق قىسقا كودلارنى خاتېرلەپ(يىغىپ ساقلاپ) قويۇپ ئىشلەتكەندە بىۋاستە ئىشلەتسىمۇ بولامدۇ نېمە؟
سىناق ئىنكاس
سناق جاۋاب
رېپىتىس قىلىشىپ بەرگەنلىرىگە رەھمەت
بېگىم بېكەت ئېچىلمايدىغۇ، تاقاشنى سىناق قىلمايۋاتقانسىلە؟
بولسا مۇشۇ كودنى قايسى ئۇرۇنغا قىستۇرساق ئارقا بەتتە تىما يوللىغاندا تەھرىرلىگۈچتە بىر ئۇرۇندا چىقىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. تەپسلى بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ئادرىس : http://www.muxtari.com
ۋا يازمىدا دېيىلگىنى Html ھالتتە تېكىسىت بىلەن قوشۇپ يېزىشنى كۆرسىتىدىكەن. سىز دېگەندەك قىلىش ئۈچۈن ئۇسلۇبقا قىسق كود ئىقتىدار قوشساق بولىدۇ. مۇئەللىم بىلوگىدىكى مونۇ يازمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ: http://www.muellim.me/?p=5031
ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، مۇمكىن بولسا ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن سىز دېگەن ئىقتىدارنى تەپسىلى يازما قىلىپ يوللاش ئويۇم بار.
قەلىب سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ دەپ ئالسىڭىزلا بولغىدەكقۇ؟