كىملەر بلوگىنى 3.8 نەشىرىگە كۆتۈرۈپ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتىدۇ، يەنە كىملەر كۆتۈرەلمەي بۇزۇپ قويۇپ ئاچچىق يۇتىۋاتىدۇ، بۇنىسى نامەلۇم! ئەمما ماۋۇ سۆيۈملۈك ۋوردپرەسنىڭ يىڭى نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تەڭلا دېگەندەك تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ گېپى بويىچە"پىتىغدىماسلىق" پرېنسىپىغا ئاساسەن بەزى جايلىرى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە تەڭشەشكە قالدۇرۇلغان. ئەڭ ئاددىيسى، سېستىما ئارقا بەت خەت شەكلى نورمال ئەمەس، ئۇسلۇب تەھرىرلەش رايۇنىنىڭ يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا... ۋەھاكازالار! ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھەم سېستىمىنى ئۆزىمىز ئىھتىياجىمىزغا قاراپ ئاز - تولا ئۆزگەرتسەك ھېچنىمە بولمايدۇ.
دېققىتىمنى تارتقىنى شۇ بولدىكى، سېستىمىنىڭ پۈتكۈل CSS لىرىنىڭ RTL (يەنى ئوڭدىن سولغا) نۇسخسى ئىشلىنىپتۇ، ئەمما خەت نۇسخىلىرى ئارسىدا ئۇيغۇرچە ھېچقانداق خەت نۇسخىسى قېتىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئارقا بەتتە ئىشلەيدىغان 6 دانە CSS ھۆججىتىگە سېستىمىدا تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ قويدۇم ۋە، كود تەھرىرلەش رايۇنىنىڭ Textarea سىغا سولدىن ئوڭغا يۆنىلىش بەردىم. باشقا ھېچقانداق يېرىگە تەگمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئارقا بەت تۆۋەندىكى رەسىمدەك نورماللاشتى.
موشۇنداق تەڭشەپ ئىشلىتىش ئىھتىياجى بارلار تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ،FTP بىلەن ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىدىكى wp-admincss ئادرس بويىچە 6 دانە rtl css نى باستۇرىۋەتسىلا بولىدۇ. پەقەت كومپىيوتېردا
"UKIJ Tuz Tom","Microsoft Uighur","Alpida Unicode System","Alkatip Tor", "Alp Ekran"
موشۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى بولسىلا باشقۇرۇش بېتىدىكى خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ،
[t]سەمىمىي ئەسكەرتىش[/t]
يۇقارقىلار پەقەت ئۆزۈمنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارەم، ئەگەردە سىز بۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلىمەن دەپ بلوگىڭىزنى بۇزۇپ قويسىڭىز مېنى تىللاپ، قارغاپ يۈرمىگەيسىز! ھى ھى ... ئاللاھ خالىسا تەھرىرلىگۈچكە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ بەھىرلىنىمەن، پەقەت ئىھتىياجىڭلار چۈشسىلا!
[t]ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈش[/t]
دىۋان ئۆزەمنىڭ ! :惊讶:
بۇ بىر سىناق باھا
پەيزى يازما بۇپتۇ، بولسا 3.8 كە كۆتۈرۈشتە بايقالغان خاتالىقنىمۇ قوشۇپ قۇيۇڭلا.
nimdaa uyghurqa yizilmay latinqa yazdim mana . hatlirini bi qongrak kilsangla urgilay adax . ya selnig lopa aynikingla bamu . enkas hitinimu kuzamni kisip turup kudum aran…bax battiki hatlamu bi qongrak kinikrak hat bolsa dapmu kaldim
nime dep uyghurche yazghili bolmaydighandu zadi!
بىلوگ ئىسىل چىقىپتۇ …
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن، بلوگىمنى نەشىر كۆتۈرىمەن دەپ بۇزۇپ قويۇپ، ئوڭشىيالمايۋاتىمەن :大哭: :流汗:
قانداق ياردەم قىلاي؟ يا ئالاقىلىش ئادرىسىنى قالدۇرماپسىز…
نەق مەن ئىھتىياجلىق نەرسىنى ھەمبەھىرلەپسىز، مەنمۇ شاققىدە تۈزىتىۋالاي ، رەھمەت . . . .
يىڭى ئۇسلۇب پەزىكەن، بەت يىڭىلىغاندا پىرقىراپ قويۇشلىرىدىن ئۆرگىلەي، لىكىنزە ماڭا ياقمىغان بىر يىرى خەت شەكلى پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى، بەزى خەتلەر ھەدىدىن زىيادە ئورۇقلۇق سەۋەبىدىن بەزى جايلار eot تونۇمىغاندەك كۆرۈنۈپ قالدىدىكەن ، يەنە دىسەم يەنە شۇ گەپ خەت نۇسقىسىنى UKIJ TUZ TOM غا تەڭشىسىڭىز تىخىمۇ بەك كۆركەم چىقىشىدا گەپ يوقتى . . .
تەشنا بىلوگىنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئاز-تولا ياخشى پىكىر-تەكلىپ ھوقۇقۇم ۋە مەجبۇرىيتىم بار دەپ قارايمەن :大笑:
ئەمدىچۇ، خەت نۇسخىسى نورمال بولغاندەكمۇ؟ سىزنىڭ تەكلىپىڭىز بىلەن بۇنىڭغا ئالماشۇرىۋالدىم مانا، قارىسام خىلى ماسلاشقان چىراي! :眨眼: يەنە موشۇنداق تەكلىپ – پىكىرلەر بولسا ئايىماڭ جۇمۇ ئاغا!
ئەمدى بىلوگ رەسمى ئى و ت نى تونىماپتۇ، بىر نەچچە تور كۆرگۈدە سىناپ باقتىم ، يەنە 2 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز بولغۇدەك . . .
ھەببەللى مەنمۇ ساقايتىۋالدىم ، تەشنا قارىم ياشىغايلا، تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا . . . . :可爱:
شۇبۇيىچە ئوڭشىۋالدىم :لول لول:
لىكىنزە ماۋۇ ئۇسلۇبىڭىزمۇ شاشكەن ،
ما ئۇسلۇبقا زادى كۆزۈم چۈشتى …. بۇ ئۇلۇبىڭىزنى تارقاتمامسىز ؟باكالىق بولسا ئەۋەتىپ قويمامسىز :ئاماق:
بولۇپ قالىدۇ – ھە، بۇ ئۇسلۇب! ھازىرچە تارقاتمىغان، بىر مەزگىل ئىشلىتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن… يەنە ياخشى ئۇسلۇبلار ئۇچراپ قالسا سىزگە ھەدىيە قىلاي! :ۋىيەي:
مانىڭ خەنچىسىنى تېپىۋالغان سىزنىڭكىدىن كۆرۈپلا ،لىكىن شۇ سىزدىن تالاشقىم كەلمىدى :ھو ھو: لىكىن ماكاساپەتنىڭ ئىقتىدارلىرى بەك شاشكەنتۇق .
ھەراست ، ئاۋۇ ئۈستىدىكى مەن ئەمەس ھە ، مىنىڭ ئىسمىمنىڭمۇ زاپىرى چىققان چېغۋا :ھا ھا:
ھە، تېپىۋالسۇن دەپ ئادرىسىنى ئۆزگەرتمەي قويغانتىم :چوك چوك: بەك ياقتۇرغان بولسىڭىز سىزمۇ ئىشلىتىۋېرىڭ، بۇ ھەرگىزمۇ تالاشقانلىق بولمايدۇ، يەنە كىلىپ مەن بۇ ئۇسلۇبنى توختىماي ئۆزگەرتىشىم مومكىن :لول لول:
ھەراس، ئاۋۇ palgan بىلەن سىزنىڭ ip مۇ ئوخشىمايدىكەن، داڭلىق ئىسىملارنىڭ زاپىرى تولا دېگەن گەپ!