يېقىندىن بىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدىكى پاراڭلار قىززىپ كېتىپ بارىدۇ. چولپان ۋاڭ فېڭنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇشى تور دۇنياسىدا بۇ ھەقتىكى پاراڭلارنى تېخىمۇ چېڭىغا چىقىرىۋەتتى. يېقىندا تاۋباۋ تورى يۈئەن توڭ (圆通) تىز يەتكۈزۈش شىركېتى تەمىنلىگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تۇنجى قېتىم مال يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. دېمەك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى ئامېرىكا فىلىملىرىدىلا ئەمەس، ئەتىراپىمىزدىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى .تۆۋەندە بىز يېقىندا تور دۇنياسىدا غۇل - غۇلا قوزغىغان "تاۋباۋ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش " ھادىسىسىگە قارىتا تەھلىلىي پاراڭلارنى قىلپ باقايلى!
تەھلىلگە تۇترۇق ۋەقە ئارقا كۆرۈنۈشى
2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدا يەتكۈزۈلىدىغان تاۋباۋ مال زاكاز تالۇنى پەيدا بولدى. بۇ قېتىمقى زاكاز مال باھاسى 49 يۈئەنلىك قارا شېكەر زەنجىۋېل چېيى بولۇپ، خادىملار GPS يول باشلاش سېستىمىسىنى بەلگىلەپ قويغاندىن كېيىن، يەتكۈزۈلىدىغان مال قاچىلانغان YTO-X650 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، يۈئەن توڭ تىز يوللانمىسىنىڭ توڭ جوۋ رايۇنى مال يەتكۈزۈش نوقتىسىدىن ئۇچۇپ، لى يۈئەن يۈن جىڭ جەنۇبىي چوڭ كوچىسى (梨园云景南大街) غا يېتىپ بارغان. ئۇ يەردە يەتكۈزۈش خادىمى ئايروپىلاننىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل جەريانغا 37 مېنۇت كەتكەن. ئاشكارلىنىشىچە بۇ قېتىمقى ئۇچۇش بېيجىڭ شەھرىنىڭ بەشىنچى ئايلانما سىرتىدا، 100 مېتىردىن تۆۋەن ئىگىزلىكتە تاماملانغانلىقتىن، خەلق ئاۋئاتسىيە ئىدارىسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان. بۇ قېتىمقى زاكاز مال ھەقسىز يەتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقتىن، مال سېتىۋالغۇچى ئاخىرىدا پەقەت 49 يۈئەن مال پۇلىنىلا تاپشۇرغان. بىراق 37 مېنۇتلۇق بۇ قېتىمقى مال يەتكۈزۈشكە قانچىلىك چىقىم كەتكەنلىكى ھەققىدە تاۋباۋ ياكى يۈئەن توڭ تەرەپ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. بۇ قېتىمقى سىناق ئۇچۇشقا قارىتا يۈئەنتوڭ تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلمىغان.
-- مەنبە: 第一财经
تەھلىل ۋە پاراڭغا كىرىش
ئەلۋەتتە قارىماققا ئاددىي ئەمما يېڭى بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن سودا قىممىتى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. يەنى، موشۇ بىر قېتىملىق ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن مەيلى تاۋباۋ، يۈئەن توڭ ياكى زەيتۇن چېيى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتنىڭ بولسۇن پايچېكى ئۆسۈشى ئېنىق. شۇنداقلا رېقابەتچىلىرىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق زەربە بولىدۇ. بىراق بۇ تېخنىكا ئارقىلىق زادى قانچىلىك مال يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ پەقەت زىيىنىغا بولسىمۇ قوللىنىپ، يالغاندىن قىزغىنلىق شەكىللەندۈرۈشكە كېرەمدۇ، ياكى ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بۇ تېخنىكىنى ھەقىقىي تۈردە قوللىنىش ئۈچۈن يەنە قايسى تېخنىكىلار تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن؟
ساھە ئارقا كۆرۈنۈشى
يەتكۈزۈش خادىملىرىغا كىتەرلىك چىقىم كۈنسايىن ئېشىۋاتىدۇ، مال يەتكۈزۈش كۈنسايىن قېيىنلىشىپ، تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىگە زور بېسىم شەكىللىنىۋاتىدۇ.
ئېنىقكى ئېلىكتېر سودىگەرلىرىنىڭ سودا - سېتىقنى جانلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستىلىرىدىن بىرى، مالنى ھەقسىز يەتكۈزۈش ۋە باھا چۈشۈرۈپ سېتىشتىن ئىبارەت. لېكىن مال يەتكۈزۈش چىقىمىنىڭ ئېشىشى، مال يەتكۈزۈش خادىملىرى ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ئېلىكتېر سودىگەرلىرىگە كىشەن بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن چوڭ ئېلىكتېر سودىگەرلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىق ۋاستىلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەسىلەن، ئامازۇننىڭ Prime Air ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تىز يەتكۈزۈش پىلانى نۆۋەتتە 9 - ئەۋلات تەتقىقات - ئېچىش باسقۇچىغا كىردى. Google يېقىندا Titan Aerospace ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان شىركېتىنى سېتىۋىلىپ، "ProjectWing" ناملىق تۈرنى قوزغاتتى؛ گىرمانىيە DHL نىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈشىنى تەستىقلاپ، ئىشقا كىرىشتۈردى. دۆلىتىمىزدىمۇ تاۋباۋ ۋە بىر نەچچە چوڭ تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بەس - بەستە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش شۇئارىنى مەيدانغا چىقاردى.
مال يەتكۈزىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانغا نەزەر
بۇ قېتىمقى تاۋباۋنىڭ زاكاز مېلىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، YTO X650 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مىسال ئېلىپ تەھلىل قىلايلى:
يۈئەنتوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپلاندا مال يەتكۈزگەندە، چوقۇم بىر خادىم نىشان نوقتىدا ساقلاپ، ئايروپىلان يېتىپ بارغاندا مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. شۇڭا تىز يەتكۈزۈش خادىمى توكسىكىلىتى بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپلاننىڭ كەينىدىن قوغلاپ نىشانغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئايروپىلاننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى مۇنداق
ئايروپىلان تىپى: YTO X650 (يەنى YTO بولسا "يۈئەنتوڭ" نى، X650 بولسا دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ X650 تىپىدىكى ئايروپىلانلىرىنى كۆرسىتىدۇ).
باھاسى: 5000 يۈئەن
يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى: 700 گرام
ئىزچىل ئۇچۇش ۋاقتى(يۈك كۆتۈرگەندە): 14 مېنۇت
ئۇچۇش ئىگىزلىكى: 100 مىتىر ئەتراپىدا
يولباشلاشلىغۇچىسى: GPS يول باشلاش سېستىمىسى. خادىملار ئاۋۋال GPS ئارقىلىق نىشان نۇقتا ۋە لىنيەنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بارىدۇ، خاتالىق پەرقى 2 مېتر دائىرىدە.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ھەقىقىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەلەپلەر
1. كۆتۈرۈش مىقدارى ۋە مۇساپىسى
كۆتۈرۈش مىقدارى: 2.3 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك(ئامازۇننىڭ 86% زاكاز مېلى 2.3 كىلوگرام ئىچىدە)
كۆتۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قېيىن ئەمەس، بىراق بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۈنفېڭ (顺丰) شىركېتى ئاشكارىلىغان 8 پىرقىرىما قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش دائىرە رادىيۇسى 10 كىلومىتىر، ئۇچۇش نىسبىي ئىگىزلىكى 1000 مىتىر ئەتراپىدا، 4 بالدىن يۇقىرى شاماللىق ھاۋارايىدا نورمال ئۇچۇپ - قونالايدۇ، يۈك كۆتۈرۈش ئىغىرلىقى 3 كىلوگىرام، دېمەك بۇ شەرتنى ھازىرلاش مۇمكىن.
2. مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساھەلەرنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇلىشى
باشقۇرۇش، تەڭشەش، ئايروپىلانغا توك قاچىلاش، مال ئورۇنلاشتۇرۇش، مال چۈشۈرۈپ، ئىمزالاپ تاپشۇرۇپ ئېلىش قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنداق بولمىغىنىدا،" ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان ئارقىلىق ئادەم كۈچىنى ئازلىتىش" قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
3. ئايروپىلاننى كىشىلەرنىڭ سوقۇپ چۈشۈرۈۋىلىشىدىن ساقلىنىش
رېۋايەتلەردىكى "شۈنفېڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى" مەيدانغا چىقسا، تاۋباۋنىڭ شۈنفىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. بىراق قانداق قىلىپ ئۇچقۇچىسز ئايروپلاننى كىشىلەرنىڭ سوقۇپ چۈشۈرىۋېلىشىدىن ياكى يالغاندىن يول باشلاپ قوندۇرىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؟ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر قانۇنلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەلۋەتتە بۇ نوقتىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەل قىلىش كېرەك، لېكىن ھازىرغىچە بۇ مەسىلىلەرنى تۈگەل ھەل قىلالايدىغان تېخنىكىنىڭ بارلىققا كەلگىنى يوق.
4. بىخەتەرلىك مەسىلىسى
ئايروپىلانلار - ئارا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش، يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەرنى زەخمىلەندۈرىشىدىن ساقلىنىش.
گىرمانىيە ھۆكۈمىتى DHL نىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپلاندا مال يەتكۈزۈشىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن گىرمانىيە قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئاۋئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاھىتەن گىرمانىيە پوچتا گورۇھىغا ئايرىم ئۇچۇش دائىرىسى بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، پەقەت موشۇ شىركەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز توشۇغۇچى ئايروپىلانىلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا يول قويغان. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ تۈردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئولتۇراق رايۇنلىرىغا كېرىپ قىلىشىدىن ۋە مۇنەسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ساقلانغان. دېمەك گىرمانىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىھتىياتجان بولغان. ھەرگىزمۇ بۇ قېتىم تاۋباۋ قىلغاندەك ئادەم كۆپ رايۇندا كۆز - كۆز قىلىپ ئۇچۇرمىغان.
5. توسالغۇلارنى پەرق ئېتىش - ساقلىنىش
دەرەخ، ئېلىكتىر سىمى، ئىگىز قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ قاتىلى. بولۇپمۇ توشۇلما يەتكۈزىدىغان، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئايروپىلارنلار ئۈچۈن بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇھىم. مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئاچقۇچى شىركەت EulerSpace نىڭ CEO سى تاڭشىگنىڭ بىلدۈرىشىچە: "نۆۋەتتە گۇگۇل شوپۇرسىز ماشىنىسىغا ئىشلىتىلگەن لازىر نۇرلۇق سېنزور (传感器) ئىنتايىن قىممەت ۋە ئىغىر بولۇپ، توشۇلما يەتكۈزۈدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا سەپلەش قېيىن" ئېكەن. چەتئەلدە يېقىندا بارلىققا كەلگەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلق يول باشلاش ۋە توسالغۇلاردىن ساقلىنىش تېخنىكىسىغا قارىتا، تاڭشىنگ يەنە مۇنداق دېگەن:"گەرچە كۆرۈش سېزىمى ۋە ئۇلتىرا ئاۋازلىق سىنزۇرلارنى بىرىكتۈرۈپ قوللىنىش ئارقىلىق ، توسالغۇلاردىن ساقلىنىش ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، بىراق شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى زىيادە مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تەجىربە جەريانىدا يەنىلا مەلۇم نىسبەتتە خاتالىقلار كۆرۈلدى. نۆۋەتتە بىخەتەر - ئىشەنچىلىك بولغان مەھسۇلات دەرىجىسىدىن خىلىلا يىراقتا".
6. نىشانغا توغرا يەتكۈزۈش
قېيىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولسا مال يەتكۈزۈلىدىغان نوقتىنى توغرا تېپىشتىن ئىبارەت. نىشان ئورۇننىڭ GPS كوردىناتىنىلا بىلىش كۇپايە قىلمايدۇ. ئاۋسترالىيەدە بۇ مەسىلىنىڭ بىر خىل ھەل قىلىش چارىسى بولسا، نىشان ئورۇننىڭ ئۆگزىسىگە بىر ئەسۋاب ئورنىتىپ، ئايروپىلاندىكى سىنزۇر ئارقىلق شۇ ئەسۋاب تارقاتقان ئالاھىدە سېگىنالغا ئاساسەن نىشان نۇقتىغا توغرا يەتكۈزۈش. ياۋروپانىڭ داچىلىرىغا نىسبەتەن بۇ خىل ئۇسسۇل ماس كەلگىنى بىلەن، جۇڭگونىڭ قۇش كاتىكىدەك ئۆيلىرىگە نىسبەتەن ھەربىر ئۆيگە بىردىن ئەسۋاپ ئورناتقاندا ئايروپىلاننىڭ تاپالماي ساراڭ بولۇشى ئېنىق.
دېمەك ئۇچقۇچىسىز ئايروپلاندا تىز يوللانما يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىنىڭ سودا - ساھەسى ياكى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھەقتىكى يېڭى مەزمۇنلار داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. نادىر كۆزقاراشلىرىڭىزلارنى ئورتاقلاشقايسىزلەر!
ياخشى تېما….
«4 بالدىن يۇقىرى شاماللىق ھاۋارايىدا نورمال ئۇچۇپ – قونالايدۇ» ما گەپنى تۈزۈك چۈشىنەلمىدىمغۇ مەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش بەك ئوبدان تەھلىل بوپتۇ. قانۇن تەرەپتىن ھەل بولسا باشقا تېخنىكىلىق مەسلىلەر ھەل بولىدۇ دەپ قارايمەن. ھېچ بولمىغاندا چەتئەلدىن كىرگۈزىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قانداق بولۇپ تورغا چىقىپ قالدىڭلا ۋاي؟ ئۆمۈچۈك تورىغا ئېلىنىپ قالدىڭىلىمۇ نېمە؟