Home > ,  > خىزمەت بالاسى: يۈزتۇرانە – يىزىقچە ئىمتىھان تەسىراتلىرى(2)

خىزمەت بالاسى: يۈزتۇرانە – يىزىقچە ئىمتىھان تەسىراتلىرى(2)

8

يازمىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى بىر قىسىم يېزىقچە يۈزتۇرانە ئىمتىھان تەسىراتلىرى ۋە خاس يەكۈنلەرنى ئورتاقلاشقان ئىدۇق. شۇتاپ يەنە بىر يازما بولغۇدەك تەسىراتلار يىغىلىپ قاپتۇ، بۇنىمۇ تۆكىۋىتەيلى كۇلۇبقا!

SearchingJob

ھەي خىزمەت، ھوي - ھوي خىزمەت قايدىسەن؟

بېشىدا دېگەندەك مەن زادى بىر خىزمەت تېپىش مەقسىتىدە پىتىراپ يۈرگېنىم يوق، ئەمما موشۇنداق كەسكىن رىقابەتلىك مۇھىتتا ئۆزۈمنى تاۋلاش پۇرسىېتىنى قولدىن بەرگۈم زادىلا كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ نەدە خىزمەتچى قوبۇللاش يېغىنلىرى بولسا قاتنىشىپ(ئاساسەن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ)يېزىقچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ بېقىۋاتىمەن(پۇل ئالمىغاندىكن). ئەلۋەتتە شۇنىڭغا چۇشلۇق نەتىجىلەرمۇ ھەم بار، بۇلارنى قويۇپ تۇرۇپ تۆۋەندە تەسىراتلار ۋە بىر قىسىم ئىمتىھان سۇئاللىرىغا نەزەر تاشلايلى!

ھەرقايسى داڭلىق IT شىركەتلىرىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانلىرىدىن ھېس قىلغانلىرىم

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قوبۇللاش ئوبىكتى قىلغان ھەرقايسى داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانلىرى ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك بەكلا قېيىن ئەمەس. پەقەت ئىمتىھان مەزمۇنى پۈتكۈل IT ساھەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا، نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان تېخنىكىلارغا، بىر قىسىم كىلاسسىك ئالگورىفما(算法)لارغا، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۈر باشقۇرۇش سېستىمىلىرىغا ۋە بۇلۇت سۇپىلىرىغا ئائىت مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ. دېمەك، ئادەتتە مەلۇم پىروگرامما تىلى بويىچە قوبول قىلىدىغان كەسىپي قوبۇللاش ئىمتىھانلىرىغا قارىغاندا، بىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغىنى خىلىلا ئاسان. ئۇندىن باشقا تەپەككۇر ئۇسسۇلىنى سىناش سۇئاللىرى ھەرخىل، بەزىدە ئادەمنى كۈلكىسىنى قىستايدىغان سۇئاللارمۇ ئۇچۇراپ قالىدۇ. ئادەتتە IT ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياقى بولۇپ، ھەرقايسى ساھە يېڭى ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن، مەلۇم بىرەر پىروگرامما تىلىنى يامان ئەمەس ئىگەللىگەن ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى خىلى يۇقىرى!

ئەقلىي ئىقتىدار سۇئاللىرى

1. مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئارغامچا بار، ئۇنى بىر ئۇچىدىن باشلاپ تولۇق كۆيدۈرۈپ بولۇشقا 1 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنداقتا موشۇ ئارغامچىنى قانداق كۆيدۈرۈش ئارقىلىق يىرىم سائەت ۋاقىتنى بىلگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىككى ئۇچىدىن تەڭ ئوت يىقىپ، تولۇق كۆيۈپ بولۇشىغىچە كەتكەن ۋاقىت يىرىم سائەت بولىدۇ.(شۇنچە ئويلىنىپ كېتىپتىمەن دەسلىپىدە...)
2. نېمىشقا يەرئاستى سۇ يولىنىڭ ئىغىزىنىڭ ياپقۇچىسى يۇمىلاق؟
جاۋاب: مەن بىرمۇنچە تەھلىل قىلىپ جاۋاب بېرىپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم توغرا جاۋابى مۇنداق ئىكەن: چۈنكى ئۇنىڭ ئىغىزى يۇمىلاق، شۇڭا ياپقۇچىسى ئەلۋەتتە يۇمىلاق!
3. بىر كۆلدە سۇ بار، سىزدە 3 لىتىرلىق، 5 لىتىرلىق ئىككى چىلەك  بار. ھەر ئىككى چىلەكنىڭ شەكلى قانۇنىيەتسىز(پەقەت ئومۇمى سىغىمىلا يۇقىرىدا بېرىلگەندەك). سىز بۇ ئىككى چىلەك ئارقىلىق كۆلدىن 4 لىتىر سۇ ئۆلچەپ ئالالامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە! ئاۋۋال 3 لىتىرلىق چىلەككە لىق سۇ قاچىلاپ، ئۇنى 5 لىتىرلىق چىلەككە تۆكىمىز. ئاندىن 3 لىتىرلىق چىلەككە يەنە لىق سۇ قاچىلاپ، 5 لىتىرلىق چىلەك توشقۇچە قۇيىمىز، ئاندىن 5 لىتىرلىق تۇڭدىكى سۇنى تۆكىۋىتىپ، 3 لىتىرلىقىدىكى ئاشقان سۇنى 5 لىتىرلىقىغا قۇيىمىز. ئاندىن 3 لىتىرلىق چىلەككە يەنە لىق سۇ قاچىلاپ، ئۇنى 5 لىتىرلىق تۇڭغا تۆكسەكلا بولىدۇ. يەنى:1L+3L=5L

جاۋاب بېرىش سۇئاللىرى

1. ئوبىكتقا يۈزلەندۈرۈشنىڭ 3 ئاساسىي ئامىلى ۋە 5 ئاساسىي پىرىنسىپى قايسىلار؟
جاۋاب: 3 ئامىل--پېچەتلەش(封装)،ۋارىسلىق(继承)، كۆپ لېنىيە(多态)
5 پىرىنسىپ: مەن بىلمىدىم(....
2. مۇناسىۋەتچان ساندان سۇپىسى(关系型数据库) دىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟ مۇناسىۋەتسىز سانداندىن قانداق پەرىقلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ساندانلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتچان ساندانلاردۇر، مەسىلەن:Oracle、SQLServer、Sybase、Informix、access、DB2、mysql قاتارلىقلار.
بۇلاردا ئادەتتە سانلىق ئۇچۇرلارنى جەدىۋەللەر ئارا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئىزدەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچى، دەرىس دەپ ئايرىم ئىككى جەدىۋەل بولسا، ھەر ئوقۇغۇچىغا بىرقانچە دەرىس توغرا كېلىدۇ، دېمەك بۇ ئىككى جەدىۋەل مۇناسىۋەتچاندۇر.

پىروگىرامما تۈزۈش سۇئاللىرى

1. خالىغان تىلدىن پايدىلىنىپ، قالايمىقان تەرتىپتىكى كىچىك ھەرىپلەردىن تەركىب تاپقان ھەرىپ زەنجىرىنى a-z غا بولغان تەرتىپ بويىچە ھەرىپلەرنى تىزىپ بېرىدىغان فۇنكىسىيە يېزىڭ! مەسىلەن : "aabhd" ھەرىپ زەنجىرىنى رەتكە تىزغاندىن كېيىن "aabdh" قىلىپ قايتۇرسۇن.
C# تا يازغان كود تۆۋەندىكىدەك:

 static void Main(string[] args)
        {
            string str = "cdeapabjeasasdsfdgfhgfgh";
            Console.WriteLine("排序之前:"+str);
            char[] chars = new char[str.Length];
            for (int i = 0; i < str.Length; i++)
            {
                chars[i] = str[i];
            }
            for (int i = 0; i < str.Length; i++)
            {
                for (int j = i + 1; j < str.Length; j++)
                {
                    if (chars[i] > chars[j])
                    {
                        char temp = chars[j];
                        chars[j] = chars[i];
                        chars[i] = temp;
                    }
                }
            }
            str = new string(chars);
            Console.WriteLine("排序之后:"+str);
            Console.ReadKey();
        }
            //排序之前: cdeapabjeasasdsfdgfhgfgh
            //排序之后: aaaabcddeefffggghhhjpsss

2. خالىغان تىلدىن پايدىلىنىپ، چوڭ - كىچىك ھەرىپلەردىن ئارىلاش تۈزۈلگەن ھەرىپ زەنجىرى ئىچىدىكى ھەرىپلەرنى چوڭ يېزىلىشتىن كېچىك يىلىشقا، ئالدى - كەينىلىك تەرتىپ بويىچە تىزىپ بېرىدىغان فۇنكىسيە تۈزۈڭ. مەسىلەن: "ADBacb" بولسا فۇنكىسىيەنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن "ABDabc" تەرتىپىدە قايتۇرسۇن
كودى تۆۋەندىكىدەك:

 class Program
    {

        static void Main(string[] args)
        {

            string str = "aSaksDkhsdfdAKJAKSksds";
            Console.WriteLine("排序之前:" + str);
            string p = StringSort(str);
            Console.WriteLine("排序之后: " + p);
            Console.ReadKey();
        }
        public static string StringSort(string str)
        {
            char[] chars = str.ToCharArray();
            Array.Sort(chars);
            string result = string.Empty;
            foreach (char c in chars)
                result += c.ToString();
            return result;
            // 排序之前:aSaksDkhsdfdAKJAKSksds
            // 排序之后:AADJKKSSaadddfhkkkssss
           
        } 
   }

ئادەتتە موشۇ ھەرىپ زەنجىرى بىر تەرەپ قىلىدىغان، ھەرخىل رەتكە تىزىدىغان فۇنكىسىيەلەرنى بەك تولا چىقىرىدىكەن، ئاندىن قالسا چوڭ تىپتىكى ئالگورىفما سۇئاللىرى...
باشقا سۇئاللار ۋە تەسىرات - يەكۈنلەر يەنە داۋاملىق تەييارلىنىدۇ...قىزىققۇچىلار ياكى ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە دوسىتلار ئويلىغانلىرىڭلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنۇتمىغايسىزلەر...

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (8)
نەقىللەر (0)
  1. قاسىمجان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 8 دىۋان 2014/11/17 10:16

    ئۇسلۇبىڭىزنى ئالماشتۇرۇپسىز ھە، باشتىكىسى چىرايلىقتى دەيمە.

  2. FinalFantasy [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Safari 538.44Mac OSX 10_10 گىلەم 2014/11/18 07:39

    ‏1. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش ئىدىيىسىنىڭ 3 ئاساسىي ئامىلى ۋە 5 ئاساسىي پىرىنسىپى قايسىلار؟

    بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى:

    3 ئامىل: پېچەتلەش (封装, encapsulation)، ۋارىسلىق قىلىش (继承, inheritance)، ۋە كۆپ ھالەتلىك (多态, polymorphism).

    5 پىرىنسىپ: ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى SOLID، يەنى سولدىن-ئوڭغا تەرتىپى بويىچە:

    ‏Single responsibility principle
    ‏Open-closed principle
    ‏Liskov substitution principle
    ‏Interface segregation principle
    ‏Dependency inversion principle


    ‏بۇلار OOP دىكى چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ئاساسىي پىرىنسىپلار، تەپسىلاتىنى http://en.wikipedia.org/wiki/SOLID_(object-oriented_design) كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

    • تەشنا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 38.0.2125.111Windows 8 @ FinalFantasy 2014/11/18 11:09

      تولىمۇ رەھمەت… ئەمدى چۈشىنىۋالدىم!

    • چاشقان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 8 @ FinalFantasy 2014/11/18 13:03

      ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن دېگەننى چوڭراق قىلىپ تۈرگە(Class) قا يۈزلەنگەن دېگەن بولسا تېخىمۇ دەل چۈشەرمىكىن، دەپ ئويلايمەن.مەن تونۇيدىغان بىر چەتئەللىك پىروگرامممېر ئادەتتە سىستېما تەمىنلىگەن كونتىروللارنى بىۋاسىتە ئىشلەيدىغانلىقىنى، بەلكى شۇ كونتىرولغا ۋارسلىق قىلغان ئىخىيارى كونتىرول(custom Control) ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ئۈچ مۇھىم ئالاھىدىلكنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك ئىكەن.

      • FinalFantasy [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Firefox 33.0Linux @ چاشقان 2014/11/19 01:47

        ئەمەلىيەتتە، OOP نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى خىل ئۇسلۇب (style) ى بار: بىرى، سىنىپ (class) قا ئاساسلانغان پروگرامما تۈزۈش ئۇسۇلى (class-based programming) بولۇپ، بۇ خىل ئۇسلۇپ قوللىنىغان تىللارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن Java ۋە #C قاتارلىقلار بار؛ يەنە بىرى بولسا پروتوتىپ (prototype) قا ئاساسلانغان پروگرامما تۈزۈش ئۇسۇلى (prototype-based programming) بولۇپ، بۇ خىل ئۇسلۇپ قوللىنىلغان تىللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولسا JavaScript.

        بۇ ئىككىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە پەرقىنى تۆۋەندىكى Wikipedia ماقالىلىرىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:

        https://en.wikipedia.org/wiki/Class-based_programming
        https://en.wikipedia.org/wiki/Prototype-based_programming

        • تەشنا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 38.0.2125.111Windows 8 @ FinalFantasy 2014/11/19 02:44

          چۈشەنچە خىلى ئايدىڭلاشتى، رەھمەت! ئەمەلىيەتتە OOP دېسە كاللىمىزغا دەماللىققا يەنىلا class-based programming كېلىدىكەن. ھەمدە ئوبىكتقا يۈزلەنگەن تىللارنىڭ class قا بولغان تايىنىشى كىشىگە @چاشقان دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن…

      • چاشقان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 8 @ چاشقان 2014/11/19 02:33

        تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، تۈرگە يۈزلەنگەن دېسەك سەل كەمتۈك بولۇپ قالىدىكەن.يەنىلا ئايرىپ دېگەن ياخشىراق ئىكەن.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش