HTML5 مەخسۇس ئابونت تەرەپنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشىدىغان API تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلغۇچىنىڭ جۇغراپىيلىك مېردىئان ۋە كەڭلىك قىممەتلىرىگە ئىرىشىپ، ھەرقايسى رايۇنلاردىكى زىيارەتچىلەرگە خاس بولغان مۇلازىمەت يولغا قويۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ساياھەتچىلەرگە مىھمانخانا ئۇچۇرلىرى تەمىنلەش، يول باشلاش، رايۇننى ئاساس قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش، رايۇن پەرىقلىك سودا - سېتىق مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردا بۇخىل تېخنىكا كۆپ قوللىنىدۇ. يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرنى يىىغىنچلاپ: جۇغراپىيلىك ئورۇن ئاساسىدىكى مۇلازىمەت(LBS=Location based Service) دەپ ئاتايدۇ.
ئەلۋەتتە HTML5 تەمىنلىگەن GeoLocation API ئارقىلىق ئابونىتلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشىش ئىنتايىن ئاسان بىر ئىش. تۆۋەندە قول سېلىپ بىر ئاددى مىسال ئىشلەيمىز: ئۈنۈمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
كود قىسمى:
HTML orun uchuri API